A turkology blog

Archive for the ‘Microsoft’ Category

Hotmail غا كەلگەن خەتنى Gmail ئارقىلىق قوبۇل قىلىش ئەمەلگە ئاشتى

مىكروسوفت شىركىتى windows live mail نىڭ pop3 مۇلازىمىتىنى قىسمەن ھەقسىز ئاچتى. hotmail گە كەلگەن خەتلەرنى باشقا ئېلخەت ئادرېسىغا ئاپتوماتىك يۆتكەپ يوللاش ئىقتىدارىنى قوشۇپتۇ. Hotmail ھەم مۇقىم، ھەم ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغاندىن باشقا
live.com
live.cn
microsoft.com
passport.com
msn.com
msn.cn
hotmail.com
hotmail.co.jp
hotmail.de
hotmail.x…x ۋە باشقا دۆلەت رايون ئادرېسى
دىگەندەك كۆپلىگەن تور ناملىرىدا ئېلخەت تىزىملىتىشنى قوللايدۇ. شۇنداق بولغاچقا چىرايلىق ئىسىملارنى ئالغىلى بولىدۇ.
ھوتمەيلنىڭ خالىغان تورنامىدىكى خەت ساندۇقىدىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى Gmail گە ئۇلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ دىيىشىچە 120 كۈن ئىچىدە بىر قېتىم hotmail ھىسابىغا كىرىپ قويسىلا ھىسابات ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەيدىكەن.
تەپسىلى ئۇسۇلى:
Hotmail گە كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى options ياكى 选项 دىگەن تۈرنى ئېچىڭ. ۋە بۇنىڭدىن more options ياكى 更多选项 نى تاللاڭ.
ئاندىن forward mail to another email address دىگەن تۈرنى تاللاڭ. ۋە Gmail ياكى خەت قوبۇل قىلماقچى بولغان باشقا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇڭ. ئىش پۈتتى.
ئاينۇرى بلوگدا خەۋەر قىلىشىچە hotmail گە كىرمەي تۇرۇپمۇ Gmail نىڭ باشقا ھىساباتتىن خەت تاپشۇرۋېلىش ئورنىغا hotmail نى قوشۇپ بۇ ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. ئەمما مەن بۇنى قىلالمىدىم.
مېنىڭچە مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇل يەنىلا بىر قەدەر ئاقىلانە…

Advertisements

Windows SkyDrive جۇڭگودا 25 ھەقسىز بوشلۇق ئاچتى

مىكروسوفت شىركىتى بۇ قېتىم SkyDrive نىڭ 25G لىق ھەقسىز بوشلۇق مۇلازىمىتىنى جۇڭگو تەۋەسىدىمۇ ئېچىپتۇ. ئالدىنقى قېتىم 5G لىقنى ئاچقاندا ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىدىم. شۇنداق مۇقىم. بۈگۈن كىرىپ قارىسام بوشلۇق 25G غا كېڭىيىپ قاپتۇ. ئەمدى بىر ئۆمۈر توشقۇزۇپ بولالماسلىقىم مۇمكىن.
ئادرېسى: skydrive.live.com

SkyDrive جۇڭگودا رەسمىي ئېچىلدى

بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ 25G لىق ھەقسىز توردىسكىسى جۇڭگودا ئېچىلدى. ئەمما جۇڭگو تەۋەسىدە سۈرەتلەرنى بىۋاستە مىكروسوفتتىكى ئالبۇمغا يۆتكەش، 25G بوشلۇقنى تولۇق ئىشلىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ئىشلىمەيدۇ. پەقەت 5G بوشلۇق باركەن. ئەمەليەتتە بۇ 5G مۇ ئاز بوشلۇق ئەمەس.ھازىرچە چىقارغىلى بولىدىغان يەككە ھۆججەتنىڭ ئەڭ چوڭ سىغىمى 50 مېگابايتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن.
مېنىڭىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈشۈمگە ئاساسلانغاندا چۈشۈرۈش ۋە چىقىرىش سۈرئىتى بولىدىكەن. ئەگەر Thunder قاتارلىق قوراللاردىن پايدىلانسا تېخىمۇ تېز چۈشىدىكەن. كەم نەرسە شۇ مىكروسوفت مەخسۇس تىز چىقىرىدىغان بىرەر قورال تەمىنلىمەپتۇ.
تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن بلوگ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلىرى ئىلگىرى بىلىك كۇلۇبىدىكى ھەقسىز بوشلۇققا يوللانغان ئىدى. ھازىر ئۇ بوشلۇق تاقىلىپتۇ. شۇڭلاشقا بىز پات ئارىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى SkyDrive ئارقىلىق تەمىنلەيمىز.
مىكروسوفت skydirve ئادرېسى: skydrive.live.com

SkyDrive نى باشقۇرۇش ئۇسۇلى
SkyDrive دىكى ھۆججەتلەر ئۈچ تۈرگە بۆلۈنگەن. بىرى شەخسى ھۆججەت قىسقۇچ. مەزكۇر شەخسى ھۆججەت قىسقۇچقا قوشۇلغان ھۆججەتلەرنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم كۆرەلمەيدۇ ھەم چۈشۈرەلمەيدۇ.
يەنە بىرى ئورتاق ھۆججەت. بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى سىز تاللىغان كىشىلەرلا كۆرەلەيدۇ ھەم چۈشۈرەلەيدۇ. باشقىلار كۆرەلمەيدۇ.
ئۈچۈنچىسى ئوچۇق ھۆججەت. بۇ ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى ھەرقانداق ئادەم كۆرەلەيدۇ ۋە چۈشۈرەلەيدۇ.
سىز يەنە يېڭى ھۆججەت قىسقۇچ قۇرالايسىز. ھەم قۇرغان ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ خاسلىقىمۇ مۇشۇ ئۈچ تۈرنىڭ بىرى بولىشى كېرەك. ئەگەر باشقىلارغا چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەيدىغان نەرسىلەرنى چىقارماقچى بولسىڭىز Public شەكىلدە يەنى ھەممە ئادەم كۆرەلەيدىغان خاسلىقتا قىلىڭ.

{چوڭ خۇشخەۋەر} SkyDrive جۇڭگودا ئېچىلدى

مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن (ھازىرچە) 25G لىق ھەقسىز توردىسكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭلىنىشىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان دۆلەتلەرگە جۇڭگو قوشۇلدى. SkyDrive ھازىرغىچە تەمىنلگەنگەن ھەقسىز بوشلۇقلار ئىچىدە ئەڭ نوچىسى بولۇپ، بىرىنچىدىن ئۇ مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى، شۇنداق بولغاچقا مۇقىم ھەم ئىشەنچىلىك. سىغىمى ئىنتايىن چوڭ. 25 گېگابايت دىگەننى خەت يېزىپ بىر ئۆمۈر توشقۇزغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن كۆپ خىل ھۆججەت شەكىللىرىنى قوللايدۇ. سىرىتقى ئۇلىنىش قىلىشقا بولىدۇ. بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى دىگەندەك ئېسىل نەرسىلەرنى ئىشلەۋاتقان دوستلار بوشلۇققا چىقارغان ھۆججەتلەرنى بىرەر ئايلاردىن كېيىن چۈشۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ. مىكروسوفتتەك ئىشەنچىلىك شىركەت تەمىنلىگەن بوشلۇقتا ئۇزۇن ۋاقت ساقلاشقا بولىدۇ.
مەن بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ IP سىدا بۇنى ئىشلەتكەن، كېيىن جۇڭگودا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىشلىتىشمۇ ئېتىۋېتىلگەن بولغاچقا ئىشلىتەلمىگەن ئىدىم.
بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى SkyDrive بۆلۈمىدىكىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جۇڭگودا ئاچقانلىقى ۋە ئەرەب، تامىل قاتارلىق 13 تىلنى قوشقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋە ئاخىرىغا بۇ ئۆزگىرىشلەر پات يېقىندىلا ئەمەلىلىشىدۇ دەپتۇ. بەلكىم ئەتە ياكى كىلەر ھەپتە ئىشلىتەلىشىمىز مۇمكىن.
SkyDrive ھەقسىز 25G توردىسكا ئادرېسى: skydrive.live.com
مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئەسلى نۇسخا