A turkology blog

Archive for the ‘Paypal’ Category

Paypal ھەققىدە كۆپ سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب

Paypal شىركىتى جۇڭگودا ئىككى خىل Paypal ھىساباتىنى يولغا قويغاچقا، نۇرغۇن تورداشلار بۇلارنى ئاڭقىرالماي كۆپلىگەن سۇئاللارنى سورىدى. بۈگۈن بۇ ھەقتە كۆپ سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمىز:
Paypal دىگەن Paypal.cn شۇمۇ؟
شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمما Paypal نىڭ جۇڭگودا ئىككى تۈرلۈك ھىساباتى بولغاچقا Paypal.cn نى پايپال جۇڭگو، paypal.com نى پايپال خەلقئارا دەپ ئاتىدۇق. بۇ ئىككىسى خۇددى Google بىلەن Yahoo دەك ئايرىم تور بېكەتلەر بولۇپ، ھىسابات ئۇچۇرى بىر-بىرىگە ئۇلانمايدۇ. ئۆز ئارا پۇل يۆتكەشكە بولمايدۇ.
Paypal.cn پەقەت ۋە پەقەت eachnet.com دا مال سېتىۋالغاندا پۇل تۆلەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھەم جۇڭگو ئىچىدە Paypal.cn نىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۆز – ئارا پۇل ئېلىش قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ھىساباتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ئەلىبابا شىركىتىنىڭ جۇڭگودا يولغا قويغان Alipay دىگەن مۇلازىمىتىگە ئوپمۇ-ئوخشاش.
ئەمما بىزنىڭ پۇل تېپىش تور بېكەتلىرىنى تونۇشتۇرغاندا دېۋاتقان پايپالىمىز paypal.cn ئەمەس! بەلكى paypal.com يەنى پايپال خەلقئارادۇر.
paypal.com غا يەنى پايپال خەلقئاراغا تىزىملاتقان ھىسابات ئارقىلىق نۇرغۇن خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى بېجىرگىلى ھەمدە نۇرغۇن ئېلان شىركەتلىرى (ياكى سىزگە توردا پۇل تېپىش مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن شىركەتلەر)نىڭ پۇلىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.
ئۇنداقتا paypal.cn غا تىزىملاتمىساممۇ بولغۇدەكقۇ؟
شۇنداق ئەگەر سىز eachnet.com دا سودا قىلمىسىڭىزلا پايپال جۇڭگوغا تىزىملىتىش ھاجەتسىز. ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا كۆپ ئىشلەپ كەتمەيدۇ.
مەن پايپال خەلقئاراغا (paypal.com) غا تىزىملاتقان، ئەمما تور بېكەت خەنزۇچە چىقتىغۇ؟
ئەگەر سىز جۇڭگودا تۇرۇپ paypal.com نى ئاچسىڭىز ھەم ئۇنىڭدا مەشغۇلات قىلسىڭىز پايپال ئاپتوماتىك ھالدا سىز تۇرىۋاتقان رايوننىڭ تىلىدا كۆرۈنىدۇ. شۇڭلاشقا خاتا ھالدا paypal جۇڭگوغا تىزىملىتىپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئەنسىرەش ھاجەتسىز!
paypal ھىساباتىمدا 未认证 دەپ تۇرىدۇ. بۇ نىمە گەپ؟
ئەگەر پايپال ھىساباتىڭىزدا 未认证 ياكى ئېنگلىزچە Unverified دىگەن خەت بولسا، سىزنىڭ تېخى پايپالنى بىرەر بانكا كارتىسىغا ئۇلاپ ئىشلەتمىگەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇرچە ئېنىقسىز دەپ ئاتايمىز.
ئېنىقسىز paypal بولسا زىيىنى بارمۇ؟
ئەگەر پايپالغا تېخى بانكا كارتىسى ئۇلىمىغان بولسىڭىز، پايپالغا پۇل چىقىرالمايسىز، يەنى بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى پايپالغا يۆتكىيەلمەيسىز. ھەم پايپالدىن پۇل ئالماقچى بولسىڭىز 2 پېرسەنت رەسمىيەت ھەققى تۆلەيسىز. مەسلەن سىز ئېنىقسىز پايپال ھىساباتىدىن پۇل ئالغاندا ھەر 100 دوللار ئۈچۈن 2 دوللار تۆلەيسىز دىگەن گەپ ! ھەمدە ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەر ئايدا پەقەت 500 دوللارلا پۇل ئالالايسىز. پۈتۈن ئېنىقسىز ھىساباتىڭىزنىڭ ئۆمرىدە 3000 دوللاردىن كۆپ پۇل مۇئامىلە ئېلىپ بارالمايسىز. ئەگەر سىز مۇئامىلىدە بولغان پۇلنىڭ سانى 3000 دوللارغا يەتسە پايپال شىركىتى سىزگە ئېنىقسىز پايپال ھىساباتىنى ئېنىق پايپال ھىساباتىغا ئۆزگەرتىش تەكلىپى بېرىدۇ. ھەم سىزگە بۇ ھىساباتتا داۋاملىق مۇئامىلە ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. سىز بانكا كارتىسى ئۇلاپ، پايپال ھىساباتىنى تەستىقلاتقاندىن كېيىن، يۇقارقى چەكلەرنىڭ ھەممىسى بېكار بولىدۇ.
ئۇنداقتا بانكا كارتىسىنى قانداق ئۇلايمەن؟ قايسى بانكىنىڭ كارتىسىنى؟
ھازىرچە پايپال شىركىتى جۇڭگو سودا بانكىسى، جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى ۋە جۇڭگو قۇرلۇش بانكىسىنىڭ ئادەتتىكى بانكا كارتىسىنى پايپال خەلقئاراغا ئۇلاشقا رۇخسەت قىلدى.
بانكا كارتىسىنى ئۇلاش ئۈچۈن، پايپال ھىساباتىڭىزغا كىرگەندە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ يېنىدىكى 未认证 دىگەن خەتنى چېكىپ كىرىڭ، ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. بانكا، بانكا ئادرېسى ۋە نومۇر قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ ئۇلاڭ.
Paypal دىكى ئىسىم قانداق بولىشى كېرەك؟
پايپال ھىساباتى ئىچىدىكى ئىسىم قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ، يەنى ئۇنى Payee Name دەيمىز. بۇ ئىسىمنى سىز خالىغانچە بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن «ئارمان، كەپتەر» دىگەندەك. ئەمما پايپالغا بانكا كارتىسى ئۇلىغاندا تولدۇرىدىغان Name on bank account يەنى بانكا كارتىسىدىكى ئىسىم دىگەن ئورۇنغا چوقۇم چوقۇم چوقۇم بانكا كارتىسىنى قايسى ئىسىم بىلەن، قايسى يېزىقتا تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز شۇ بويىچە بولىشى كېرەك. يەنى بۇ جايغا ئىسمىڭىزنىڭ كىملىكتىكى خەنزۇچە يېزىلىشىنى ئەينەن يېزىپ قويىشىڭىز كېرەك. تۆۋەندىكى رەسىمدەك.
رەسىم پەقەت مىسال، ئۇ ئەمەلىي پايپال ھىساباتىغا ۋەكىل بولالمايدۇ.
يەنە باشقا مەسلىلەر ئۇچرىسا دوستلارنىڭ ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمد قىلىمەن.

Advertisements