A turkology blog

Archive for the ‘pul’ Category

تۈركىيە ئېلان شىركىتى AD interaktif دا پۇل تېپىش

تۆنۈگۈن تەكلىماكان بلوگدا تۈركىيە ئېلان شىركىتى AD interaktif نىڭ ئېلانىنى قويۇپ سىناپ كۆردۈم. بۇ پروگرامما گۇگولنىڭ Adsense سۇپىسىغا ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ، بېرىدىغان پۇلى ھەم يامان ئەمەس، پۇلنى يېڭى تۈرك لىراسى (ytl) ئارقىلىق ھىسابلايدۇ. بىر ئامېرىكا دوللىرى 1.7 تۈرك لىراسىغا تەڭ (تەخمىنەن).
بۇ ئېلان شىركىتى تېخى سىناق باسقۇچىدا، مەن بارلىق جايلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆردۈم:
ئالاھىدىلىكى:
ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى قوللايدۇ.
ئېلان تۈرى كۆپ، ئايلىق ئېلان ئورنى ھۆددىگەرلىكى، چېكىلىشىگە قاراپ ھەق ھىسابلاش، ئۈنۈمگە قاراپ ھەق ھىسابلاش قاتارلىق بىر قانچە تۈرى باركەن. چېكىلىشىگە قاراپ ھەق ھىسابلايدىغان ئېلاننىڭ ھەر بىر چېكىلىشىگە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 0.04 ytl بېرىدىكەن. ئەلۋەتتە يۇقىرى باھالىق ئېلانلار ھەم بار.
شەرتلەر:
تور بېكەت مەزمۇنى ساغلام بولۇشى كېرەك.
بېكەت مەشغۇلات سۇپىسى تۈركچە بولغاچقا ئانچە-مۇنچە تۈركچە بىلمىسىڭىز بولمايدىكەن.
paypal قوللىمايدۇ. HSBC ياۋروپا بانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل ئېلىشنى قوللايدۇ. شۇڭلاشقا سىزدە ياۋروپا بانكىسى ئارقىلىق بېجىرگەن بانكا ھىساباتى بولمىسا تۈركىيەنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ پۇل ئالالمايسىز.
بۇ ئېلان تېخى سىناق باسقۇچىدا بولغاچقا ھازىرچە تەۋسىيە قىلمايمىز.
سىناق ئۈچۈن ئىشلىتىپ باقىدىغانلارغا :
ئادرېسى: www.adtech.com.tr

Advertisements

توردا پۇل تېپىشنى ئاددىراق چۈشەندۈرەي

ئىككى يىلدەك بوپ قالدى، توردا پۇل تېپىش دىگەن بۇ تېما قىززىغىلى تۇرغىلى. بۇ جەھەتتە مەن كۆپرەك پۇل تېپىپ باقمىغان بولساممۇ، كۆپرەك توردا پۇل بېرىدىغان شىركەتلەر بىلەن ئېتىشىپ باقتىم. بەلكىم تەجىربەم بار بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز مەبلەغ سالماي تۇرۇپ پۇل تېپىش. مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش، فورەكس پۇل ئوبورتى، فۇند سېتىۋېلىش، پايچېكى ئويناش قاتارلىقلار ھەققىدە توختالمايمىز.
دەسلەپ كۈندە يۈز دوللار دىگەن ماقالىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياشلار پۇل تېپىش دىگەن چوڭ شۇئار ئاستىدا تور بېكەت ياساشقا چۈشۈپ كەتتى… ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا ھازىرچە مۇشۇ ماقالىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ ئەڭ كۆپ پۇل تاپقانلار 30 مىڭ دوللار تاپتى. (بىز پەقەت توردىلا كۆرۈشتۇق، ئۇنىڭ كىم، نەدە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى تەپسىلى بىلمەيمەن.). ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي مەزكۇر ماقالىنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. يەنە نۇرغۇن ئەستايىدىل ئەمەس دوستلار رەنجىپمۇ يۈردى.
نەق گەپكىلا كېلەيلى، ھىچكىم – ھىچكىمنى پۇل تاپ دەپ مەجبۇرلىمايدۇ. جىددى ئىشى بارلار ئارتۇقچە ۋاقتىڭىزنى توردا ئىسراپ قىلماڭ. توردا پۇل تېپىشقا مەبلەغ سالمىغان بىلەن ۋاقتىڭىزنى كەتكۈزۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.
توردىكى كىرىم مەنبەيى ئوخشاشلا سودا ۋە ئېلان ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. توردا باشقا شىركەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن.. ئەمما مەن قىلىپ باقمىدىم. Facebook ۋە NOKIA غا ئوخشاش شىركەتلەرمۇ مەخسۇس توردا پروگرامما تۈزدۈرۈپ، ھەق بېرىدىكەن. بۇلار پەقەت ئاز ساندىكى پروگراممېرلارغا ماس كېلىشى مۇمكىن.
1. سودا ئارقىلىق پۇل تېپىش.
ئاۋال ئۆزىڭىز ئەڭ پىششىق بىلىدىغان ماللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىسىز. مەسلەن تىرناق ئالغۇچ، فوتوئاپپارات، يانفون، مېرسىدىس ماركىلىق ماشىنا، بوئىن ماركىلىق ئايروپىلان، IBM ماركىلىق لەپتوپ، NIKE ماركىلىق پايپاق، تەيۋەننىڭ ئېلىكترون دېتاللىرى، تۇرپاننىڭ كىشمىشلىرى، يېڭىسارنىڭ پىچاقلىرى ياكى ئىراننىڭ ئەنجۈر قېقى، ئانتاركىتىكانىڭ پىنگىۋىن گۆشى بولسىمۇ بولىدۇ. مەيلى قانداقلا مەھسۇلاتنىڭ سودىگىرى بولۇڭ، چوقۇم سىز ئۇشبۇ مەھسۇلاتنى ئەرزان باھادا سېتىۋالالايدىغان مال تەمىنلىگۈچى شىركەت ياكى زاۋۇت… ھىچ بولمىغاندا ۋاكالەتچى بىلەن ئالاقە باغلىۋېلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەق تۆلىمەيسىز. سىز پەقەت ئۇلارغا ۋاكالەتەن مال سېتىپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىزلا بولدى.
ئەگەر ئوقۇغۇچى بولسىڭىز سىز بۇنداق ئىشلارنى تېخىمۇ قاملاشتۇرالايسىز، چەتئەلدە ياكى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز شارائىتىڭىز تېخىمۇ يار بېرىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ھەر كۈنى 8 سائەت دەرس بولمايدۇ… دەرسلەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئىشقا ۋاقت ئاجرىتىڭ.
ئۆزىڭىز ساتماقچى بولغان مەھسۇلات ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدىغان بىر تور بېكەت ياسايسىز…. بۇ تور بېكەت ئۈچۈنمۇ بىر موچەن مەبلەغ سالماڭ. ئەگەر سىزدە تەييار 100 مىڭ يۈەن پۇل بولسا مەبلەغ سالسىڭىزمۇ مەيلى،،، تور نامى بوشلۇق، ۋە 24 سائەت تۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنى سېتىۋېلىڭ. ئەگەر پۇلىڭىز 100 مىڭغا يەتمىسە مەبلەغ سالماڭ. مەبلەغ سالمايدىغان تور بەتنى blogbus.com ۋە blogspot.com لاردا قۇرغىلى بولىدۇ. تەكلىماكان بلوگنىڭ بلوگ ياساش سەھىپەسى ئىچىدە مۇشۇنداق تور بېكەت قۇرۇش ھەققىدە ئىنتايىن ياخشى چارىلەر بار.
قۇرغان تور بېكىتىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىڭ. باھاسى، مالنىڭ تۈرى ۋە نەشىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىز ئۈچۈن ماللارنى ياخشى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇڭ.
bazar.blogbus.com غا ئوخشاش بولسا بولىدۇ.. (دىققەت ئۇ پەقەت سىناق تور بېكەت، مال ئۇچۇرى پەقەتلا مىسال. ئۇ ماللارنى ساتمايمىز…)
ئەمدى قىلىدىغان ئىش: تۆۋەندىكى تور بېكەتلەرگە ساتقۇچى سۈپىتىدە تىزىملىتىڭ.
http://www.ebay.com
http://www.eachnet.com
http://www.amazon.com
http://www.amazon.cn
http://www.taobao.com
http://www.youa.com
http://www.paipai.com
ئەمدى بولدى… يۇقارقى تور بېكەتلەرنىڭ ھىچقايسىسى تىزىملاتقانغا ھەق ئالمايدۇ. ئىبەيدىن باشقىسى مال ساتقاندا باج ئالمايدۇ. ئىبەي خەلقئارادا دۇكان ئاچسىڭىز ھەقلىق، ئۇنىڭدىن باشقىسىدا دۇكان ئاچسىڭىز ھەقسىز.
خوش… ئەمدى سىز يۇقارقى تور بېكەتلەرگە ساتىدىغان ماللىرىڭىزنى ئېلان قىلىسىز. ھەم خېرىدارلىرىڭىزنى سىزنى بالدۇرراق تاپالىشى ئۈچۈن چوقۇم.. ھەر بىر مالنى ئېلان قىلغاندا مال ئۇچۇرىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايىغا blogbus ياكى blogspot دىن ئالغان تور بېتىڭىزنىڭ ئادرېسىنى بېرىڭ ۋە ئۇ جاي سىزنىڭ دائىملىق دۇكىنىڭىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ.
خېرىدار ماللىرىڭىزنى كۆرىدۇ.. سېتىۋالىدۇ. سېتىۋالمىسىمۇ كىرىم قىلالايسىز (بۇ ھەقتە ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇڭ)
خېرىدار بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز:
خېرىدار مالنى كۆرۈپلا سېتىۋالمايدۇ. ئۇ سىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورايدۇ. شۇڭلاشقا خېرىدار سىزگە ئەڭ تېز يېقىنلىشالايدىغان ئالاقە ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك. ماتېرىياللاردا دىيىلىشىچە پاراڭلىشىش قوراللىرى ئىچىدە MSN نىڭ سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇڭا MSN ئادرېسىڭىز بولسۇن. خېرىدارلىرىڭىز جۇڭگودىلا بولسا QQ بولمىسا بولمايدۇ. يەنە چوقۇم Email بولىشى كېرەك.
سىز ھازىر QQ ۋە MSN ئادرېسى ئۈچۈن بىرلا EMAIL نى ئىشلىتەلەيسىز. شۇنداق قىلىڭ.
بۇ خىل سودا جەريانىدا پۇلنى Paypal ۋە Alipay گە ئوخشاش تور بانكا قوراللىرى ئارقىلىق تاپشۇرۋالىسىز. تەپسلاتىنى ئۇلارنىڭ تور بېتىدىن كۆرۈڭ. پەقەتلا چۈشەنمىسىڭىز توردىن ئىزدەڭ، ياكى ئىنكاس يېزىڭ.
2. ئېلان
ئېلان ئارقىلىق پۇل تېپىشمۇ مەڭگۈلۈك تېما، مەيلى گۇگول ياكى ياھۇ بولسۇن مۇشۇ ئۇسۇلدا پۇل تاپىدۇ. سىزمۇ ئۇلارنىڭ تەمىنلىگەن Yahoo Publisher ياكى Adsense قا ئوخشاش پروگراممىسى ئارقىلىق پۇل تاپالايسىز. بايا سىزگە قۇرۇڭ دىگەن مال تونۇشتۇرۇش بېتىگە ئېلان قويسىز. خېرىدار مال سېتىۋلسا بۇ ئارقىلىق پايدا ئالىسىز، مال سېتىۋالمىسا كۆرگەن خېرىدار ئېلان چېكىپ قويۇشى مۇمكىن… بۇ ئارقىلىقمۇ پۇل تاپالايسىز.
ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇلدا باشتىن-ئاخىر مال سېتىش ئاساسى ئورۇندا بولىشى كېرەك. ئەگەر سىز مەخسۇس ئېلاندىنلا پۇل تاپماقچى بولسىڭىز تور بېتىڭىزگە كۈنىگە كىرىدىغان ئادەملەر 1000 دىن تۆۋەنلەپ كەتمىسۇن…. بۇ ئەھۋالدا Adsense ئېلانى ئارقىلىق جان باقالايسىز.
ئەگەر تور بېتىڭىزگە كىرىدىغان مۇستەقىل IP ھەر كۈنى 2000 بولسا سىز مائاشى ئوتتۇرھال خىزمەتچىلەردەك كىرىم قىلالايسىز. كۈندىلىك كىرىمىڭىز 20 دوللار ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنەن 140 يۈەن خەلق پۇلى.
ئەگەر تور بېتىڭىزگە 5000 ئادەم كۈندە كىرىپ بەرسە ئۇ چاغدا كۈندىلىك كىرىمىڭىز 500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ مۇتلەق سان ئەمەس. بۇ پەقەت Google ئېلانىنىنىڭ بېرىدىغان پۇلىنى ھىسابلاشتىن كەلگەن كىرىم، Alimama قاتارلىقلارنىڭكىدە 5000 ئادەم كىرسە 10 يۈەن تېپىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭلاشقا چەتئەلنىڭ ئېلانىنى قويسا كىرىم بىر قەدەر يۇقىرى.
ئەگەر تور بېتىڭىزگە كۈنىگە مۇستەقىل IP دىن 20000 ئادەم كىرسە سىز بۇ تور بېكەت ئۈچۈن 3 ئادەمنى ئېيىغا 2000 يۈەندىن مائاش بېرىپ ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
ئەلۋەتتە .. بىز كۆپۈنچە بلوگ ھەققىدە توختالغان. ئۇنداقتا يالغۇز بلوگدا قانچىلىك كىرىم بولىدۇ؟
بۇمۇ ئوخشاشلا بلوگنىڭ زىيارەت قېتىمىغا باغلىق. بلوگقا ئادەملەرنىڭ توپلانمىقى ئىنتايىن تەس. بلوگ مەزمۇنى ساغلام، ۋە داۋاملىشىشى ئۇزۇن، سەرخىل بولغاندا ئاندىن ئادەم توپلىشىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ئاپتوماتىك تور بەت زىيارەت قىلغۇچ، ئېلان چەككۈچ قاتارلىقلار ئارقىلىق زىيارەت قېتىمىنى ئاشۇرۇش بايقىلىپ قالىدۇ. چۈنكى سىزگە پۇل بەرگۈچى سىزدىن نەچچە ئىشتاننى بۇرۇن يىرتقان… ئۇنىڭ بايقاش تېخنىكىسى بار. شۇڭلاشقا بۇنداق قىلىپ، ھالال تاپقان پۇلىڭىزنىمۇ ئالالمايسىز.
MTV ۋە كىنو دىگەندەكلەرنى چۈشۈرۈش، كۆرۈش بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق تور بېكەت زىيارىتىنى ئاشۇرىمەن دەپ ئويلىماڭ، ھەرقانداق بىر ئېلان شىركىتى ئەگەر ئۆزىڭىز نەشىر قىلدۇرغان ئۈن-سىن بويۇمى بولمايلا قالسا ھىساباتىڭىزنى توختىتىپ قويىدۇ، چەتئەلنىڭ شىركەتلىرى بۇ ئىشلارغا بەك دىققەت قىلىدۇ.
شەھۋانى رەسىملەر، قانۇنسىز تەشۋىقاتلار ھەرقانداق ئېلان شىركىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. ئۇلار سىزگە پۇل ھىسابلىغان بىلەن ئاخىرىدا بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا تور بېتىڭىز ساغلام بولسۇن.
باشقا ئىشلار بولسا ئىنكاس يازارسىز. مەن QQ دا پاراڭلاشمايمەن. ئىنكاس يېزىڭ…. نۇرغۇن مەسلىلەرگە تەكلىماكان بلوگنىڭ بارلىق تۈرلەر ئىچىدىكى ماقالىسىدىن جاۋاب تاپالايسىز، ئىزدەش ئىقتىدارىدىن قانائەتلىنەرلىك تەكلىپلەرگە ئېرىشەلەيسىز. پەقەت ئۇقالمىسىڭىز ئىنكاس يېزىش ياكى ئېلخەت يېزىش ئارقىلىق جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.
رەھمەت.

2008-يىلدا بلوگدا پۇل تېپىشتىكى داڭدار بېكەتلەر

ئەتە بۇ يىل ئاياغلىشىدۇ. تەكلىماكان بلوگ سىناق قىلىپ كىرىمنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق 2008-يىل ئىچىدە بلوگ ياكى تور بەت ئارقىلىق پۇل تاپقىلى بولىدىغان تۆۋەندىكى تور بېكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. دەرىجىسى بويىچە تىزىلدى. (دىققەت: بۇ دەرىجىنى پەقەت تەكلىماكان بلوگدا كۆرۈلگەن كىرىمگە ئاساسەن بېكىتكەن. ھىچقانداق بىر ئورگان بېكىتكەن ئەمەس. بەلكىم سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا ئوخشىمىغان ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.)
1. Adbrite تور ئېلان سۇپىسى (ئامېرىكا)
نىمىشقا بۇنى 1-ئورۇنغا تىزىپ قويدۇق. بۇنىڭ كىرىمى Adsense بىلەن ئوخشاش، ئەمما ئېلاننىڭ تەستىقلانمىقى ۋە تور بېكەتتە ئېلان كۆرۈنمىكى تەس، ئېلان كۆرۈنگەندىن كېيىن ھىسابات توختاپ كېتىدىغان ئىش Adsense دەك دائىم يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدەلىرى بار. تەپسىلاتى…
2. Adsense (گۇگول) (ئامېرىكا)
كىرىمى يۇقىرى. ئەمما ھىساباتنىڭ مۇقىملىقى ئىنتايىن تۆۋەن. پۈتۈن جۇڭگودا Adsense ھىساباتى 3 يىلغىچە توختاپ كەتمەي مۇقىم ماڭغان كىشى ساناقلىقلا! ئېلاننى ئاسان بېرىدۇ، ئېلان ئاسان كۆرۈنىدۇ. ئاسان كىرىم بولىدۇ. ھەم تۈزۈمگە ئاسان خىلاپلىق قىلىسىز، ئاسان ھىسابات توختاپ كېتىدۇ. تەپسىلاتىنى تەكلىماكان بلوگ سەھىپىلىرىدىكى Adsense بىلىملىرىدىن كۆرۈڭ.
3. WidgetBucks.com ئېلان تورى (ئامېرىكا)
بۇ تور بېكەت چېكىلگەن ھەر بىر ئېلان ئۈچۈن 0.1 دوللار بېرىدۇ. ئەمما ئېنگلىزچىدىن باشقا تىلدىكى بلوگلارنى قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئېنگلىزچە تور بېتىڭىز بولمىسا ئاۋارە بولماڭ.
4. BloggerAds تورى (تەيۋەن)
بۇ تور بېكەت پۇلنى ناھايىتى ئاز بېرىدۇ. ئەمما ئېلان مۇقىم، ئېلان چوڭلۇقىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ. بارلىق Unicode لۇق يېزىقلاردىكى بېكەتلەردە ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ. پايپال ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. ئۇيغۇرچە بلوگلار كۆرۈلۈشى يۇقىرى بولسا مۇشۇ ئېلاننى تاللىسا بولىدۇ. تەپسىلاتى
5. نۇفناڭ Nuffnang.com (مالايسيە)
مالايسىيەنىڭ بلوگ ئېلان شىركىتى، خالىسىڭىز ئۇنىڭ فىلىپپىن، سىنگاپور ياكى ئاۋسترالىيە تارمىقىغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ، پايپال ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ، پۇلنى خېلى كۆپ بېرىدۇ، ئەمما سىز فىلىپپىنلىق، سىنگاپورلۇق، ئاۋسترالىيەلىك ياكى مالايسىيەلىك بولمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنداق ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن cn تور نامى ئىشلەتمەڭ. Blogger دىن بلوگ ئالسىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنى يۇقارقى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدىن دەپلا تىزىملىتىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ. تىزىملاتقاندا پايپال ئادرېسى تولدۇرىدىغان جاي يوق. مەن ئاۋسترالىيە بۆلۈمىگە تىزىملاتقان. پۇل 50 دوللارغا يەتكەندە پايپال ئادرېسىنى سورايدىكەن. بولمىسا پۇل ئەۋەتىدىغان ھىچقانداق ئۇسۇلنى سورىمايدىكەن.
6. triggit يېڭىچە ئېلان.
مەن بۇ ئېلاندىن تېخى پۇل ئېلىپ باقمىدىم، ئەمما بۇ ئېلاننىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بار، ئېلان كودىنى قويسىڭىز تور بېتىڭىزدە ئېلان كۆرۈنمەيدۇ. پەقەت ئېلانغا ماس كەلگەن ھالقىلىق سۆزلەر تور بېتىڭىزدە بايقالسا ئېلان كودى ئۇنى ئېلانغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. يەنى مەزمۇندىكى ھالقىلىق سۆزلەر ئاپتوماتىك ھالدا ئۇلىنى بولىدۇ. ۋە چېكىلگەندىن كېيىن ئېلان بەرگۈچىنىڭ بېتىگە كىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق تور بېكەتتىكى مەزمۇننىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تور بېكەتتىن پۇل ئېلىپ باققاندا تەپسىلىرەك سۆزلەي. ھازىرچە بەك تەشەببۇس قىپ كەتمەيمەن. تەپسىلاتى

Youtube دا مىليون دوللار تېپىش

نيويورك ۋاقتى گېزىتى بۈگۈن مايكول باكلەينىڭ Youtube قا سىن يوللاپ مىليون دوللار تاپقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. Youtube بىلەن Adsense ھىسابىڭىزنى ئۇلاپ قويسىڭىز، سىزنىڭ سىنلىرىڭىزنىڭ يېنىدا ئېلان كۆرۈنىدۇ ۋە چېكىلگەن ئېلان كىرىمى سىزنىڭ بولىدۇ. مايكول باكلېي Youtube مۇشۇ مۇلازىمەتنى چىقارغان (Google تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن) دىن كېيىن تۇنجى بولۇپ مىليون دوللار كىرىم قىلغان تورداش.
مايكول باكلەي قانداق قىلىپ مىليون دوللار تاپتى.
ئۇ Youtbue قا سىن يوللاشنى چاقچاق، ۋە قىزىقىش قىلىشنى تاشلاپ ئۆزىگە مۇقىم خىزمەت قىلىۋالغانكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
مېنىڭ Youtube دىكى سىنلىرىمنىڭ كۆرۈلۈشى 100 مىليون قېتىمغا يەتتى. مەن ئىشلەتكەن نەرسە شۇ 2000 دوللارلىق canon كامېرا، 6 دوللارلىق كارتا ئوقۇغۇچ ۋە كومپيوتېر بولدى. دەسلەپتە youtube قا ئۆزۈم قىزىق تۇيۇلغان نەرسىلەرنى يوللايتىم، كىرىم كۆپەيگەندە كەسپ قىلىۋالدىم.

BloggerAds.net تىن پۇل ئېلىشقا ئالاقىدار مەسلىلەر.

ھازىر كۆپۈنچە تورداشلار ئىشلىتىۋاتقان ھەم تەكلىماكان بلوگدا سىنىلىۋاتقان بلوگ ئېلان شىركىتى BloggerAds.net ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە پۇل ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارىنى ئاچىدۇ. بۇ ۋاقتتا ئىلتىماس قىلمىغانلارنىڭ پۇلى كىلەر ئايغا سۈرۈلۈپ ھىسابلىنىدۇ.
ھىسابات باشقۇرۇش بېتى: author.bloggerads.net
ھىساب ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ ھىساباتقا كىرگەندىن كېيىن، سەھىپە تىزىملىكىدىن 撥款管理 نى چېكىپ پۇل ئەۋەتىشنى ئىلتىماس قىلىش بېتىگە كىرىمىز. (ۋاقتنىڭ 5-چىسىلادىن 15-چىسىلا ئارلىقىدا بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ.). ئاندىن Paypal دىگەن تۈرنى تاللاپ، كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ، پايپال ئادرېسىمىزنى كىرگۈزۈپ، پۇل ئىلتىماس قىلىمىز.
سىز ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، BloggerAds شىركىتى 25-چىسىلا پۇلنى يوللايدۇ.
دىققەت:
سىز پۇل ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ ھازىرغىچە تاپقان پۇلىڭىز 100 NT$ (دوللار) دىن ئاشقان بولۇشى كېرەك.

يېڭىچە تور ئېلانى ترىگىت (Triggit)

بۇ ئېلانغا بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تىزىملىتىپ دىققەت قىلماپتىمەن. بورناكۈن بلوگدا كودىنى قويسام، تۆنۈگۈن 1 دوللاردەك كىرىم بوپ قاپتۇ. ئەمما بلوگدا پەقەتلا ئېلان كۆرۈنمىدى. بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى؟ ئېلان كۆرۈنمىسىمۇ پۇل بېرەمدىغاندۇ؟ – دەپ ئويلاپ، بۇ ئېلان پروگراممىسىنى چۈشىنىپ بېقىشقا ئۇرۇندۇم ۋە ئاخىرى چۈشەندىم.
مەن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن «پۇل تېپىش پۇرسىتى» دە تەۋسىيە قىلغان Triggit.com نى شۇ چاغدىمۇ تېخى ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىمنى ئەسكەرتكەن ئىدىم. بۇنىڭ ئايلىنىشى Adsense ۋە ياكى Bidvertiser گە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. ئېلاننى قاچىلاشمۇ سىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئاسانكەن.
1. ئاۋال Triggit.com نى ئېچىپ تىزىملىتىش.
2. ئېلان كودىنى ئېلىش ۋە بلوگقا قويۇش. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام.
بۇ شىركەتنىڭ ئېلان كودى قويۇلغان ئورۇندا ئېلان كۆرۈنمەيدىكەن. شۇڭلاشقا ئېلان كودىنى بلوگنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە قويۇشقا بولىدىكەن. تور بېكەتكە چوڭ تەسىرى يوق.
ئۇنداقتا ئېلان قەيەردە كۆرۈنىدۇ ؟
بۇ پروگراممىنىڭ كودى تور بېكەتتىكى ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆزنى تاپقاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا شۇ ھالقىلىق سۆزگە ئۇلىنىش پەيدا قىلىدىكەن. يەنى ئەگەر مەن يازغان مۇشۇ ماقالىدە Triggit ئېلانىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆزلەر بايقالسا بۇ سۆز ئاپتوماتىك ھالدا باشقا رەڭدە (تور بېكەتتىكى ئۇلىنىش رەڭگىدە) بولۇپ ئۆزگىرىدىكەن. ۋە چېكىلگەندە ئېلان بەرگۈچىنىڭ بېتىگە ئۇلىنىدىكەن.
ئەلۋەتتە مەن تېخى «سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون» دىگەن ماقالىدىكى Triggit ئاپتوماتىك ئۇلىنىش قوشقان سۆزلەردىن باشقا تەكلىماكان بلوگدا يېڭى ئېلانلىق سۆزلەرنى بايقىمىدىم.
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئېلان ئىلىم-پەن ماقالىلىرى كۆپرەك ئېلان قىلىنىدىغان، ياكى تېخنىكىلىق ئاتالغۇلار كۆپرەك بولغان، لاتىنچە سۆزلەرنى ئارلاشتۇرۇپ يېزىش زۆرۈرىيتى كۆپرەك بولغان يازمىلارغا تېخىمۇ بەكرەك ماس كەلگۈدەك. چۈنكى مەيلى قانداق ياخشى ئېلان شىركىتى بولسۇن ئېلان ھالقىلىق سۆز ئامبىرىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ بولۇشى ياكى كۆپ بولۇشى ناتايىن.
Triggit ئېلان كودىنى قاچىلاش ئۇسۇلى:
ئاۋال Triggit.com غا كىرىپ تىزىملىتىڭ، Email نى ئاكتىپلاڭ. ئاندىن بولدى. مەن ئەڭ ئاددى قاچىلاش ئۇسۇلىنىلا سۆزلەي. تۆۋەندىكى كودنى تور بېكىتىڭىزنىڭ ھەرقانداق بىر Javascript قوللايدىغان يېرىگە چاپلاڭ. چاپلاشتىن بۇرۇن كود ئارىسىدىكى Palani دىگەن خەتنى ئۆزىڭىزنىڭ Triggit دىكى ھىسابات نامىغا ئالماشتۇرۇڭ.

_trgun =
”Palani“<script type="text/javascript"
src=“http://triggit.com/tool/javascripts/trg_bs.js“&gt;

مالايىسىيە ماجۇلاھ بلوگ ئېلان شىركىتى ئارقىلىق پۇل تېپىش

مەزكۇر ئېلان شىركىتى مەخسۇس بلوگ ئېلانى بىلەن تەمىنلەيدۇ. چەك ئارقىلىق ھىسابات قىلىدۇ. ئاساسلىق ئېلان چەككۈچى مالايسىيە ۋە سىنگاپوردىن بولۇشى كېرەك. خەلقئارالىق ئېلانلارمۇ كۆپ. ئەگەر Google ياكى Bidvertiser ھىساباتىڭىز بولسا ئەلبەتتە بۇنى بەك تەۋسىيە قىلىپمۇ كەتمەيمىز. ماجۇلاھ ئېلان شىركىتىنىڭ Advertlets.com تور بېكىتى جۇڭگودىكى Alimama غا ئوخشاپراق قالىدۇ. ئەمما ئېلان باھاسى يۇقىرى. Advertlets سىزگە ياردەملىشىپ، سىزنى ئېلان بەرگۈچىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ سېستىمىسىدا ئۇچراشتۇرىدۇ. ۋە ئېلان ئورنىڭىزنى سېتىپ بېرىدۇ..
مەشغۇلاتى ھەم ئىنتايىن ئاددى. ئاۋال تىزىملىتىسىز، ئېلان كودىنى قويىسىز، ئېلان بەرگۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىسىز. پۇل ئالىسىز. ئادرېسى: Advertlets.com