A turkology blog

Archive for the ‘ray’ Category

ئۇيغۇرچە بلوگ ساھەسىدە يەنە بىر ئېچىنىشلىق ۋەقە

ھەممەيلەنگە مەلۇم ئۇيغۇر لىنىيەسى دەيدىغان بلوگ سۇپىسى تاقالغاندىن كېيىن، 78 دەيدىغان بىر بېكەت دەۋر سۈرگەن. ھەم داڭلىق بلوگلاردىن بىرزات شىپاخانىسى (2008-يىللىق بلوگلار ئىچىدە 1-داڭدار بلوگ) قاتارلىقلار ئورۇنلاشقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە 78 بلوگ تورى ھەم بلوگ تەمىنلەشنى بىكار قىپتۇ.
تېخى ئۆتكەن ئايدىلا بۇ تور بېكەت wp.78.la دىن ئىبارەت يېڭى نۇسخا ئېلان قىلغان ھەم wordpress سۇپىسى ئىشلەتتۇق. پالان-پۇكۇن دىگەندەك سۈپەتلىك سۆزلەر بىلەن تورداشلارنى جەلپ قىلغان ئىدى. بۈگۈنگە كېلىپ شىنجاڭ ئۇچۇر تورى دىگەن يېڭى نام بىلەن بۇرۇنقى مۇلازىمەتلىرىنى بىكار قىپتۇ.
يۇقارقىدەك ئەھۋاللار يەنىلا Blogbus.com ۋە Blogger.com لارنىڭ بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىۋاتىدۇ. بلوگ مۇلازىمەت تور بېكەتلىرى يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن ھىچ بولمىغاندا بۇرۇنقى يازمىلارنى زاپاسلىۋېلىش ياكى باشقا ئورۇنلارغا كۆچۈرۋېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قويۇشى كېرەكتىغۇ؟
wp.78.la ھەققىدە مەن كۆپ نەرسە بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ مەنمۇ بىر بەت ياساپ قويغان، بۈگۈن ئاچسام يوق تۇرىدۇ. ئۇلار ئادرېس ئۆزگەرتتىمۇ ياكى باشقا بېكەت بىلەن ھەمكارلاشتىمۇ ئۇقىمىدىم. ئەگەر شۇنداق ئىش بولۇپ مەن خەۋەرسىز قالسام بۇ مەسئۇلىيەت مەندە ئەمەس.

Advertisements

2008 – يىلدىكى بلوگ ساھەسىدىكى ماڭا ياققان چوڭ ئىشلار

1. تەكلىماكان بلوگ «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ» قاتارىغا كىردى. بۇ دەرىجىنى يۈكسەل بلوگدىكىلەر ئېلان قىلغان بولۇپ، توردا ئاشكارا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق باھالاپ چىقىلغان. گەرچە ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بۇ بىر باشلىنىش ھىسابلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس:
http://www.yukselblog.com/logs/33176760.html
2. Blogbus نىڭ نۇرغۇن ئۇسلۇبلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلدى. ھېلىھەم ئارامگاھ ئەپەندىنىڭ بلوگىدىن ھەم تەكلىماكان بلوگنىڭ ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش دىگەن تۈرىدىن بلوگباس ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
3. Blogger نىڭ نۇرغۇن ئۇسلۇبلىرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
4. ئۇز بلوگ سۇپىسى ئېچىلدى. ئارقا ۋە ئالدى سەھنىسى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان بلوگ پروگراممىسى ھەقسىز تەمىنلەندى. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس: uzblog.cn
5. مىكروسوفت 25G لىق ھەقسىز توردىسكا ئاچتى (رايونىمىزدىمۇ ئىشلەيدۇ.). بلوگدا چوڭراق ھۆججەتلەرنى مۇقىم بوشلۇقتا ھەقسىز ساقلاش مەسلىسى ھەل بولدى. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس: skydrive.live.com
6. تەكلىماكان بلوگنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردا blogger ۋە blogbus لاردەك بلوگ سۇپىلىرىدا ئۇيغۇرچە بلوگ ئېچىشى بىلەن بۇ قىزغىنلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇملاشتى. فېنبېي قاتارلىقلاردەك ئۇيغۇرچە ياكى يۇنىكود تونۇمايدىغان ئورۇنلاردا ئەخلەت بېكەت ياساۋاتقان دوستلارنىڭ نۇرغۇنى تەكلىماكان بلوگ ۋە باشقا بلوگلار ئىشلەپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىن پايدىلاندى.
7. تەكلىماكان بلوگنىڭ 2008 -يىلدىكى زىيارەت سانى 100 مىڭغا يەتتى. بۇ سان 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەك ھىسابلىنىدۇ.
8. 2008-يىلدا يەنە جېك تورخاتېرسى، ئەركىن سىدىق (مەرىپەت) تورى، بىر زات شىپاخانىسى، تەكلىماكان بلوگ، يۈكسەل بلوگ، ئارامگاھ بلوگ قاتارلىقلاردەك مەخسۇسلاشقان، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى، مۇقىم يېڭىلىنىش چاستۇتىسى بار داڭدار بلوگلار مەيدانغا كەلدى.
9. 2008-يىلدا Google نىڭ باش بېتى ئۇيغۇر (ئەرەب ھەرپلىك) يېزىقىدا چىقتى. مۇناسىۋەتلىك ئادرېس: http://www.google.com/ug
10. مىكروسوفت دۇنيادىكى داڭلىق web2.0 پروگراممىسى facebook نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. (ئەمما تېخىچە بۇ ئىش ھەققىدە ھىچقانداق يېڭى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگىنى يوق.).

ئۇزبلوگقا قانداق قارايسىز؟

WordPress سۇپىسى ئىشلىتىلگەن، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە؛ ئۇسلۇب قاچىلايمەن دەيدىغان ئاۋارچىلىقلار يوق، دىگەندەك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار ئۇزبلوگ سۇپىسى تۇرسا تەكلىماكان بلوگ يەنە نىمىشقا ئارقا سەھنە ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغان Blogger نى ئىشلىتىدۇ.
بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ئۇزبلوگقا قانداق قارايسىز بولسىمۇ، ئەمەليەتتە يازماقچى بولغىنىم تەكلىماكان بلوگنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى:
ئۇز بلوگنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
1. ئارقا – ئالدى سەھنىلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە. Blogbus نى ئىشلەتكەندەك ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش دىگەندەك ئاۋارچىلىقلار بولمايدىكەن.
2. يەرشارىدىكى ئەڭ داڭلىق بلوگ سۇپىسى WordPress ئىشلىتىلگەن. شۇڭلاشقا بۇ بلوگ سۇپىسى مۇقىم ۋە ئىشەنچىلىك. ئىلگىركى ئۇيغۇر لىنىيىسى ئىشلەتكەن بلوگ سۇپىسىغا قارىغاندا رەسىمى بلوگ سۇپىسى دىيىشكە بولىدۇ. بلوگدا بولۇشقا تىگىشلىك ئىقتىدارلار تولۇق.
3. ئۇسلۇبلىرى كۆركەم، ھەرقانداق تورداشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇدەك دەرىجىدە. ئۆزىڭىز ياساپ ئاۋارە بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. WordPress نىڭ ھەر كۈنى ئوخشىمىغان چىرايلىق ئۇسلۇبلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.
4. تەرەققىياتى ياخشى. WordPress نىڭ ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك يېڭى ياماقلىرى ۋە يېڭى نۇسخىلىرى نەشىر قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇز بلوگ ھەم بۇلارنى تېزلا قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرچە سۇپىدا كۆرسىتىدىكەن.
5. ئېلان قويۇش ئىقتىدارى بىلەنمۇ تەمىنلىگەن، بلوگ ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
6. ئۇز بلوگ باش بېتىدە يېڭىلانغان بلوگ ۋە يېڭى بلوگلارنى تۈرلەپ كۆرسىتىدىغان جاي بولغاچقا بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق.
ئۇز بلوگنىڭ مېنىڭچە بولمايدىغان تەرەپلىرى (ياكى ئۇز بلوگدىكىلەرگە تەكلىپ دىيىشكىمۇ بولىدۇ)
1. بۇ سۇپىنى تەمىنلىگەنلەر ئېنىق ئەمەس: ئۇز بلوگ تورىنى زادى قايسى ئورگان، شىركەت ياكى شەخس مەسئۇل بولۇپ ئاچقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان. بۇ توغىرسىدىكى مەسئۇلىيەت ئۇچۇرلىرى ئۇز بلوگ تورىنىڭ ھىچقانداق يېرىدىن تېپىلمايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ قىممەتلىك يازملىرىمىز يوقاپ كەتسە كىمنى ئىزدەيمىز؟ ياكى بار بولۇپ مەن كۆرمەي قالغان بولسام چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورايمەن. ھەم بۇ يازمىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆچۈرىمەن. ئۇز بلوگ تورى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان، ئەمەليەتتە بۇرۇنقى ئۇيغۇر لىنىيەسىنى ھىسابقا ئالغاندا يېڭى سەھىپە ئەمەس، ئەمما ئاقىۋىتى ئۇنداق بولمىسىلا بىز ئۇنىڭغا كۆپلەپ تەشەككۇر!
2. مەن ئۇز بلوگ ئىشلەتكەن سۇپا (wordpress) ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن قىلچە گۇمان قىلمايمەن. بىردىبىر ئەندىشە قىلىدىغىنىم، تېخى ھىچقانداق ئۇيغۇرچە ئېلان سۇپىسى بولمىغان ئەھۋالدا؛ ئۇز بلوگ شەخسى بلوگلارنىڭ ئالدى ياكى ئارقا سەھنىسىدە ھىچقانداق ئېلان قىستۇرىۋالمىغان ئەھۋالدا؛ ۋە ياكى ھىچقانداق بىر شىركەت مەلۇم مۇددەتلىك ماڭدرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولمىغان ئەھۋالدا نىمىگە تاينىپ ئۇز بلوگنى داۋاملىق ماڭدۇرماقچى؟
ئەگەر ئۇز بلوگ ساخاۋەت قىلىپ، بارلىق چىقىمنى باشقا جايدىن ئىشلەپ تاپقان پۇلغا قامدىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا بۇ تور بېكەتنى قامدىماقچى بولسا، تور بېكەت ئۆزىنىڭ جېنىنى ئۆزى باقمىسا باشقا پۇللار ئارقىلىق بىر مەزگىل باققىلى بولغان بىلەن كېڭەيگەنسىرى تېخىمۇ كۆپ پۇل سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. ھۆكۈمەت تەرەپكە ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرلىرى.
بلوگ مۇنبەرگە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بۇ سۆزلەر بىر مۇنبەر ئۈستىدە بولسا ئارتۇق گەپ ساتمايتۇق. بلوگ ھەركىم ئويلىغاننى يازىدىغان پىكىر سورۇنى. بىرسىنىڭ بلوگىنى يەنە بىرسى باشقۇرالمايدۇ. ئەگەر بلوگدا يوللانغان يازمىلار ھە دىسە پالان-پۇكۇن باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن رەتلەنسە، ئۆچۈرۈلسە، تەھرىرلەنسە ئۇنداق بلوگقا كىم قەدەم باسىدۇ. ئەگەر تەھرىرلەنمىسە، شەھۋانى، ئەخلاقسىز، قانۇنسىز ئۇچۇرلار پەيدا بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە كىم مەسئۇل دىگەندەك ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلە كۆپ كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەگەر بلوگ بېكىتى مۇشۇ جەھەتتىن ياخشى باشقۇرۇلمىسىمۇ، كۆپ مەبلەغ ۋە كۆپ پروگراممېرلار توپلانغان تەغدىردىمۇ ئاسانلا تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىشى مۇمكىن.
4. بىز نىمىشقا Blogbus ياكى Blogspot ئۈستىدە بۇ مەسلىلەرنى ئويلاشماي، تېخى يېڭى پەيدا بولغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇ بلوگ سۇپىمىز ھەققىدە تالاش-تارتىش ۋە غەيۋەت-شىكايەت قىلىشىمىز؟
Blogbus قۇرۇلغىلى 6 يىلغا يېقىن ۋاقت بولدى. Blogspot مۇ 1999-يىلدىن باشلاپ مېڭىۋېتىپتۇ. دىمەك 10 يىل بولدى. ئۇلار يۇقارقىدەك سۇئاللارنىڭ سىنىقىدىن ئاساسەن ئۆتۈپتۇ. شۇڭلاشقا مۇنازىرە قىلىش ھاجەتسىز.
كەچۈرۈڭلار…. بۇ يازما تەكلىماكان بلوگ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن كۆپ قېتىملىق «ئۇز بلوگقا قانداق قارايسىز؟»، «نىمىشقا كۆچمەيسىز؟» لەردەك مۇنازىرلەردىن كېيىن يېزىلدى. دىمىسىمۇ ئۇز بلوگ ھازىرقى ھالىتىدە Blogger دىن ياخشى، Blogbus تىنمۇ ياخشى. نىمىشقا كۆچمىگۈدەكمەن.
مەن ئىلگىرى ئۇيغۇر لىنيەسىنى ئىشلەتكەن. يازمىلىرىم يوقاپ كەتتى. ئۇيغۇر لىنىيەسى ھىچقانداق ئەسكەرتىش، ياكى باشقا بلوگقا كۆچۈش ئۇسۇلى دىگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتمەستىنلا مۇلازىمەتنى بېكار قىلدىلەر. ئەمما ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى ئۇز بلوگقا دۆڭگەپ ئەيىپلەشكە قەتئى بولمايدۇ. بىز پەقەت شۇ ئاقىۋەتكە قايتا دۇچار بولماسلىقنىلا ئۈمد قىلىمىز. شۇڭلاشقا ئۇز بلوگدىن يۇقارقى سۇئاللارنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى ئىزدەيمىز.
ئاخىرىدا سۆيۈملۈك ئۇز بلوگ قۇرغۇچىلىرىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمىز. مەڭگۈ توختىماي تەرەققىي قىلغاي!
بۇ ماقالىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان تور بېكەتلەر:
ئۇز بلوگ uzblog.cn
بلوگباس blogbus.com
بلوگگېر blogger.com
ۋوردپرەس wordpress.org

يەرشارىدىكى ئەڭ ئېسىل بلوگنى باھالاش پائالىيىتى 2008 گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى.

يېقىندا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «گېرمانىيە ئاۋازى » ئەڭ نادىر بلوگ باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش پائالىيىتى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. 2008- يىللىق «گېرمانىيە ئاۋازى» بلوگ مۇكاپاتىغا كۇبالىق قىز Generación Y ئېرىشتى. بۇ قېتىم تارقىتىلغانمۇكاپتا بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكىچە:
يىللىق ئەڭ ئېسىل بلوگ مۇكاپاتى
كۇبالىق قىز Generación Y
بلوگ ئادرېسى: www.desdecuba.com/generaciony
يىللىق ئەڭ ئېسىل توپ بلوگ (كۆپ ئادەم يازىدىغان بلوگ) مۇكاپاتى
科学松鼠会
بلوگ ئادرېسى: songshuhui.net
ئەڭ نادىر سىنلىق بلوگ مۇكاپاتى
ئافرىقا ئاۋازى
بلوگ ئادرېسى: voicesofafrica.africanews.com
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېنگلىز، گېرمان، ئىسپان، پورتۇگال، فرانسۇز تىللىرىدىكى بلوگلارغا ئايرىم-ئايرىم مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان. بۇلارنى تەپسىلى يازمىدىم.
تەپسىلاتىنى ئۇلارنىڭ باش بېكىتىدىن كۆرۈڭ

名博是怎样炼成的 دىگەن كىتابنىڭ ئاپتورى تەكلىماكان بلوگ ھەققىدە ماقالە يېزىپتۇ.

بۈگۈن يېقىندا يېزىلىپ جۇڭگودا خېلى تەسىرگە ئىگە بولىۋاتقان 名博是怎样炼成的 ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى 萧秋水 خانىم تەكلىماكان بلوگ ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە ماقالە يېزىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بىر داڭلىق يازغۇچى بىلەن تونۇشىۋالىدىغان بولدۇم.
مەن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ كىتابى ھەققىدە تەكلىماكان بلوگدا مەخسۇس بىر يازما يېزىپ قويغان ئىدىم. تەكلىماكان بلوگدىكى بۇ يازمىنى ئۇ نەدىن كۆردىكىن. بەلكىم مەن بلوگ ئۇلىنىشىنى قالدۇرۇپ قويغان. بلوگنى ئىزدىگەن ئوخشايدۇ. ئۆتكەندە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىنجىنىرى ئۆزىنىڭ بلوگىدا يازغان «ئېنگلىز تىلى كىمگە تەۋە» دىگەن ماقالىسىدە تەكلىماكان بلوگنى تىلغا ئاپتىكەن. شۇنداق قىلىپ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ داڭلىق بلوگ بولۇپ قالامدۇق تېخى!
萧秋水 خانىم يازغان ماقالە
مىكروسوفت ئىنجىنىرى يازغان ماقالە

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىنجىنىرى ماقالىسىدە تەكلىماكان بلوگنى تىلغا ئالدى

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئىنجىنىرى دوكتور Michael.S.Kaplan ئەپەندى يېقىندا يازغان ‘ئېنگلىز تىلى كىمگە تەۋە؟’ سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە تەكلىماكان بلوگنى مۇھىم ھادىسە سۈپىتىدە تىلغا ئاپتۇ.
مايكول ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: يېقىندا نەشىردىن چىققان ماراك لىبىرماننىڭ «تىللار خاتېرىسى» ناملىق كىتابى مەن ئىلگىرى يازغان ‘ئۇلارنى Uighur دەمدۇق ياكى Uyghur مۇ؟’ ناملىق ماقالەم ھەققىدە قايتا ئويلاندۇردى. بولۇپمۇ بۇ ماقالىگە Teklimakan ئىسىملىك بىر ئاداش تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنكاس…. دەپ ئۇ مەن قالدۇرغان ئىنكاسنى ئۆزىنىڭ ماقالىسىگە چاپلاپ ئەكەپتۇ……..
دوكتور مايكول ئەپەندىنىڭ تەكلىماكان بلوگنى تىلغا ئالغان ماقالىسىنىڭ ئادرېسى:
blogs.msdn.com/michkap/archive/2006/11/06/993944.aspx
ئېسىمدە قېلىشىچە بۇلتۇر مايكول ئەپەندىنىڭ MSDN دىكى بلوگىنى ئارلاۋېتىپ Uighur or Uyghur دىگەن ماقالىسىنى ئۇچراتقان، ھەم مەن Uyghur نى بەكرەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئىنكاسلار قالدۇرغان. كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىق كومتىتى «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ ئېنگلىزچە ئۆلچەملىك يېزىلىشىنىڭ «Uyghur» بولىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقارغاندىن كېيىن، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئېنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە سايىلەنگەن نۇسخىسىنى ئىنكاس شەكىلدە مايكول ئەپەندىنىڭ ماقالىسى ئاخىرىغا قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم.
تەكلىماكان بلوگنىڭ مىكروسوفت ئىنجىنىرلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ماقالىلەردە تىلغا ئېلىنىشى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

گۇگول يانفونى Gphone بىلەن ئالما iPhone نىڭ سېلىشتۇرمىسى

تۆۋەندىكى جەدۋەلدە ئالما شىركىتىنىڭ داڭدار مەھسۇلاتى ئايفون بىلەن گۇگول شىركىتىنىڭ Gphone ى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇلدى. (پايدىلانغۇچىلار مەنبە تەكلىماكان بلوگنى ئەسكەرتىڭ.)

تۈرى گۇگول يانفونى ئالما ئايفون
تاشقى كۆرۈنۈشى gPhone iPhone
باھاسى 179 دوللار 199-299 دوللار
تور (كارتا بېجىرىدىغان) T-mobile AT&T
چاستۇتا 3G/HSDPA;900/1800/1900MHz 3G/HSDPA/EDGE;850/900/1800/1900MHz
چوڭ-كىچىكلىكى 117×55×16mm 115.5×62.1×12.3mm
ئېغىرلىقى (گرام) 157 133
ئېكران ئېنىقلىقى 480 x 320,3.17 دىيوم 480 x 320,3.15 دىيوم
مەشغۇلات سېستىمىسى Google Android Mac OS
كامېرا 3.1 مىليون پىكسىل 2 مىليون پىكسىل
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ 528 مېگا 412 مېگا
GPS قوللايدۇ قوللايدۇ
ئىچكى سىغىمى T-Flash كارتا قوللايدۇ 8GB/16GB
كىرگۈزگۈچ تۈرى بېسماقدان ئېكران قەلىمى
WWW توركۆرگۈچ Safari
WIFI IEEE 802.11b/g سىمسىز تىپلىق IEEE 802.11b/g سىمسىز تىپلىق