A turkology blog

Archive for the ‘soda’ Category

ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بولغان چوڭ تەسىرى

سىز ئويلاپ باققانمۇ؟ بالىق دەرۋازىسىغا ئوت كەتسە، كۆلدىكى بېلىقلارغا بالا تېگىپتۇ دىگەندەك. ئامېرىكىدا ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بەرسە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكى پۇلغا ئەرزىمەس بولىدۇ.ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرسە چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىشى، دېھقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆتكەن يىل يۈز بەرگەن ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى چوڭ ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتتى. تەپسىلاتى: ئاۋال تۆۋەندىكى تەپسلاتلارغا قارايلى:
1. ماتېرىيال: پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلار
جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت (خەلق گېزىتى)
شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى (خەلق گېزىتى)
ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆپ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى (تەكلىماكان بلوگ)
جۇڭگودىن باشقا يەنە ئاۋستىرالىيە، زېمبابۋى، ئامېرىكا، ئۇزبەكىستان قاتارلىقلاردىمۇ كۆپ مىقداردا كېۋەز تېرىلىدۇ. باشقا پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى رەتكە تىزغاندا مۇنداق بولىدۇ:
جۇڭگو
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
ھىندىستان
پاكىستان
برازىلىيە
تۈركىيە
گرىتسىيە
ئاۋسترالىيە
سۈرىيە
مالى
2. ماتېرىيال: پاختا ئېكسپورت قىلغۇچىلار (چەتئەلگە ساتقۇچىلار)
ئامېرىكا (چەتئەلگە پاختا ساتىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت)
ئاۋسترالىيە
ئۆزبەكستان
برازىلىيە
گرىتسىيە
مالى
مىسىر
بۇركىنا فاسو
زىمبابۋى
تاجىكىستان
يۇقارقى دۆلەتلەر دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پاختا ساتىدىغان دۆلەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ چەتئەلگە ساتىدىغان پاختىسى پۈتۈن دۇنيا پاختىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
3. ماتېرىيال: پاختا ئىمپورت قىلغۇچىلار (چەتئەلدىن سېتىۋالغۇچىلار)
جۇڭگو (دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پاختا سېتىۋالغۇچى)
تۈركىيە
ھىندونېزىيە
مېكسىكا
تايلاند
پاكستان
رۇسىيە
جەنۇبى كورىيە
ئىتالىيە
ھىندىستان.
جۇڭگو پۈتۈن دۇنيا پاختىچىلىقىدىكى ئەڭ كۆپ پاختا ئىمپورت قىلغۇچى. پۈتۈن دۇنيادا سېتىلغان پاختىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك جۇڭگو سېتىۋالىدۇ.
ماتېرىياللار خەلق گېزىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى ئاخباراتلاردىن توپلاندى.
يۇقارقى ماتېرىيالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئەڭ كۆپ پاختا سېتىۋالغۇچى. دىمەك جۇڭگو ئۆزى ئىشلەپچىقارغان پاختىلار ئېھتىياجنى قامدىيالمايدۇ. شۇڭلاشقا كۆپۈنچە پاختىنى ئامېرىكىدىن سېتىۋالىدۇ.
ئۇنداقتا جۇڭگو بۇنچە كۆپ پاختىنى نىمە قىلىدۇ؟
جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ رەخت ۋە پاختا توقۇلما بويۇملىرى ئېكسپورت قىلغۇچى. پۈتۈن دۇنيادىكى بولۇپمۇ شىمالى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى جۇڭگونىڭ پاختا رەختلىرىنى سېتىۋالىدۇ. بۇ رەخت زاۋۇتلىرى شەرقتىكى سۇجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە جايلاشقان.
ئۇيغۇرنىڭ 90 پېرسەنتتىن ئارتۇقى دېھقان. ھەم بۇ دېھقانلارنىڭ جەنۇبتىكى بارلىق دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىمى پاختىدىن كىرىدۇ. 2007-يىلى پاختا باھاسى تەخمىنەن چىگىتلىك پاختا ھەر كىلوگرامى 6 يۈەندىن يۇقىرى بولغان. بۇ باھا دېھقانلارنىڭ سېتىش باھاسى. كارخانىلارنىڭ باھاسى ئەمەس.
بىر مو يەردىن كۆپ بولغاندا 300 كىلوگرامدىن ئارتۇقراق پاختا ئالغىلى بولىدۇ. شۇ بويىچە بولغاندا ھەر مو يەردىن 2007-يىلى 1800 يۈەنلىك پاختا سېتىلىدۇ. ئۇيغۇر دېھقان مايسىنى پاختا قىلىش ئۈچۈن يەرنى ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش، سۇغۇرۇش، ئوتاش-پۇتاش ۋە باشقا بارلىق چىقىملار بىلەن 800 يۈەندىن كۆپرەك چىقىم قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىر مو يەردىن 1000 يۈەن پايدا چىقتى دىگەن گەپ.
2008- يىللىق پاختا تېرىش مەزگىلىدە يەرگە ئىشلىتىدىغان دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. مەسلەن ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاممونىي فوسفات ئوغۇتىنىڭ بىر قېپى نورمال باھاسى 150 يۈەن ئىدى. 2008-يىلى ئەتىيازدا 280 يۈەنگە ئۆرلىگەن. شۇ بويىچە بولغاندا 2008- يىلى دېھقانلار بىر مو يەرگە سالغان مەبلەغ 800 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى دىگەن گەپ.
ئەمما پاختىنىڭ 2008-يىلدىكى سېتىۋېلنىش باھاسى 3 يۈەن بىلەن 4 يۈەننىڭ ئارلىقىدا بولدى. بىر مو يەردىن 1000 يۈەنلىك پاختا سېتىش چوڭ نىشان بولۇپ قالدى. 1000 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1000 يۈەن تاپسا كىرىم يوق دىگەن گەپ.
2008-يىلى پاختا تېرىغان دېھقانلارنىڭ كۆپۈنچىسى كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىدى. چۈنكى پاختا باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى. ماددى ئەشيا قىممەت ، مەھسۇلات باھاسى ئەرزان بۇنداق ئەھۋالغا كىم سەۋەبچى بولدى؟
تەكلىماكان بلوگ شۇنداق قارايدۇكى
ئامېرىكا !
ئامېرىكا سەۋەبچى بولدى.
ئامېرىكىدا ئىقتىسادى كىرزىس كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن كارخانىلار تاقالدى. بۇنىڭ بىلەن سۇجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى رەختچىلىك ۋە توقۇمچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ماللىرى بېسىلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ماللىرى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆپ مىقداردا سېتىلمىدى. شۇنداق قىلىپ سۇجۇۋدىكى كارخانىلارنىڭ 85 پېرسەنتى تاقىلىپ قالدى.
بۇ تاقىلىپ قېلىش پاختىغا بولغان ئېھتىياجنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن پاختا باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى. نورمال باھاسى 6 يۈەنلىك پاختىنىڭ بىردىنلا 3 يۈەنگە چۈشۈپ قېلىشى دېھقانلارغا زىيان كەلتۈردى.
ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىسى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. ياۋروپادىكى كارخانىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. نۇرغۇن كارخانىلار تاقالدى. ماللار بېسىلىپ قالدى، تىجارەت كۆلۈمىنى كىچىكلەتتى، ياكى باشقا ساھەلەرگە يۈرۈش قىلدى. پۈتۈن دۇنيا رەخت ۋە پاختا توقۇمچىلىق بويۇملىرىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولغان جۇڭگو كارخانىلىرى چەتئەللىك چوڭ سوممىلىق توختاملارغا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاختىنى ئالماي قويدى.
ئاخىرقى ھىسابتا جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولغان شىنجاڭدىكى پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
ئەلۋەتتە تېمىنىڭ ماۋزۇسى ئۇيغۇر دېھقانلار ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىسى ئۈستىدە بولغاچقا بىز باشقا تەرەپلەرنى سۆزلىمىدۇق. شەرقى شىمال ۋە جۇڭگونىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
ئۇنداقتا 2009-يىلى پاختا باھاسىدا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
دۇنيا ئىقتىسادىي كىرزىسى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە 2009- يىلى پاختا تېرىغانلار يەنىلا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولامدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىپ كېيىنكى يازمىدا توختىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن – تەكلىماكان بلوگ.

Advertisements

كىچىك تىپتىكى زاۋۇت قۇرۇش

باشقىلارغا ئىشلەشتىن زېرىكتىڭىزمۇ؟ ئۆزىمىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقارساق ياخشى! ئەمما خەتىرىمۇ بار، ئىش ئاقسا پايدىسى ئوبدان. ئىشنى قانداق باشلاش كېرەك؟ قانداق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىمىز. ئەگەر نەچچە 10 مىڭ يۈەنلا پۇلىڭىز بولسا بۇ يازمىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ.دىققەت قىلىڭكى ھەممە ئادەم زاۋۇت قۇرغانغىلا چوڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىشى ناتايىن. ئەمما كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلارنى مەسلەن: دەپتەر-قەلەم ياسايدىغان، ئىچىملىك ياسايدىغان، پىچىنە-پرەنىك ياسايدىغان، سوپۇن ياسايدىغان، چوكا ياسايدىغان دىگەنكەك كىچىك تىپتىكى زاۋۇتلارنى قۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز ئانچە چوڭ زىيان تارتىپ كەتمەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مەن تىلغا ئالمىغان ۋە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەر كۈنى ئىشلىتىپ ئازلىتىپ تۇرىدىغان مەھسۇلاتلار بار.مەن ھەم ئىككى يىل بۇرۇن كىچىك تىپتىكى زاۋۇت قۇرۇش ئىشنى ئويلاشقان. مەن دەسلەپ قەغەز يېشىك ياساش ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىشنى ئويلاشتىم. بەك كۆپكەن! ۋاز كەچتىم. بىر قېتىملا ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىستاكان ياساش ئۈسكۈنىسى… بۇنىڭدىنمۇ ۋاز كەچتىم. مىۋە شەربىتى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسىنى ئويلاشقاندا خېلى توغرا تەسەۋۋۇر قىلغاندەك قىلغان. ئەمما ئۆزىمىز ياسىغانغا قارىغاندا چوڭراق پىششىقلاش لىنىيىسى بار زاۋۇتلارغا بۇيرۇتۇپ ياساتسا تېخىمۇ ئەرزان پۈتىدىكەن. ئۇنداقتا ئۆزىمىز ياساپ نىمە قىلاتتۇق. بەزىلەر سەئۇدى ئەرەبىستاندا سەرەڭگە زاۋۇتى يوق (تەرەققىي قىلمىغانەي!) دەپ ئاغزىدىن شالۋاق ئېقىپ كەتكۈچە تىللايدىكەن. ئوي بازاردا سەرەڭگىنىڭ 3 توپى بىر كوي دەپ ئالىدىغان ئادەم يوق تۇرسا يەنە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرۇپ نىمە قىلىدۇ. ئۇلار كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئەڭ يۇقىرى، دۇنيا بويىچە سۈپەتلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشتا 1 – نومۇرلۇق دىگەنلەرنى ………..
ئۇنى دەپ بۇنى دەپ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا، يەر تەۋرەشكە قارشى ئۆي قۇرلۇشى، ۋە كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئۆي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى. بۇ ئۆيلەرگە چوقۇم لازىم بولىدىغان ئىشىك دەرىزە….. شۇ زاۋۇتنىڭ ئەڭ كىچىكىنى قۇردۇق. ئىشلار خېلى ياخشى بولدى.
شۇنداق قىلىپ، ئۆزى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق مەھسۇلات چىقارسا پايدىسى كۆپ بولىدىكەن دەپ قالدىم. ئېلىپ ساتقان نەرسىلەرنىڭ پۇلى ئاسانلا يانچۇققا كىرگەن بىلەن، ئالىدىغان پايدا پەقەت بىر جەرياندىلا تۈگەيدۇ. 10 يۈەندىن ئالىسىز، 15 يۈەندىن ساتىسىز، شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.
ئەگەر ئۆزىڭىز خام ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، يېڭى بىر خىل مەھسۇلات چىقارسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە يۇقارقى ئالماق-ساتماقتىن پەرقلىق. سىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى بېكىتىش سىزنىڭ قولىڭىزدا…. ئالماق ساتماقتا سىز 10 يۈەندىن ئالغان نەرسىنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 11 يۈەنگە ساتالايسىز. بولمىسا جان باقالمايسىز. ئەمما ئۆزىڭىز پىششىقلاپ ئىشلىگەن مەھسۇلاتنى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا خام ماتېرىيالنىڭ باھاسىغا ساتالايسىز…. ئالىدىغان پايدىڭىز سىزنىڭ باھا قويۇشىڭىزغا باغلىق. باھانى ئۆزىڭىز بېكىتىسىز. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتنى سىز ئىشلەپچىقارغان.
ئالايلۇق: مەلۇم ماركىلىق نوقۇت تالقىنى 300 گراملىق بىر قېپى 15 يۈەن.
دېھقانلاردىن سېتىۋالغان خام ماتېرىيال نوقۇتنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 3 يۈەن، ھەر 300 گرامىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 0.9 يۈەن بولىدۇ. ئەمما سىز بۇ 300 گراملىق نوقۇت تالقىنىنىڭ ھەممىسىگە كىلوگرامى 3 يۈەنلىك نوقۇت ئىشلەتسىڭىز بەك جىڭ بولۇپ كېتىدۇ. ئانچە مۇنچە ئەرزان باھالىق خۇرۇچلارنى ئارلاشتۇرسىز. شۇنداق قىلىپ، ئوراپ قاچىلاش ۋە ئىشچىلارنىڭ مائاشى چىقىدۇ. دىمەك ئاخىرقى ھىسابتا 0.9 يۈەن بىلەن پۈتكەن مەھسۇلاتنى 15 يۈەنلىك باھادا ساتالايسىز.
مەلۇم ماركىلىق يېشىل چاي، پارچە باھاسى 3 يۈەن. چەتئەللەردە چاينى پۇلغا ساتقان بىلەن، ئۇيغۇرلاردا ھەرقانداق (مېنىڭچە) ئاشپۇزۇلدا چاينى بىكارغا بېرىدۇ. چاينى قانچە كۆپ ئىچىۋالسىڭىز ئاشپەزلەرنىڭ كارى يوق. نىمىشقا؟ بەك ئەرزان نىمە ئۇ. بىر قۇتىسى 3 يۈەنلىك يېشىل چاينىڭ خام ماتېرىيالى 0.1 يۈەنلىك كېلىشى ناتايىن. ئوراپ قاچىلاش ۋە ئېلان خىراجەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 0.5 يۈەن بولۇشى ئېھتىمال. 3 يۈەن باھا بىلەن سېتىلسا نىمىدىگەن ياخشى!
ئۇنداقتا ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنىڭ باھاسى نىمىشقا يۇقىرى بولىدۇ؟
بازار ئىگىلەش ئۈچۈن. ھەممە پايدىنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئۆزى ئېلىۋالسا بولمايدۇ. ۋاكالەتەن ساتقۇچىلار بار، ئۇلارغا بىر قىسىم پايدىنى بۆلۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ھىچكىم ئاساسەن زىيان تارتمايدۇ. ئېلان بېرىش كېرەك. مەھسۇلات قانچە كۆپ تونۇلسا بازار شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئاخىرقى ھىسابتا بۇ خىراجەتلەرنىڭ ھەممىسى مەھسۇلات باھاسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. باجمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ….. 0.5 يەن بىلەن چققان يېشىل چايغا يەنە 0.2 يۈەنلىك ئېلان، 0.5 يۈەنلىك ۋاكالەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتى، باج ۋە ئېلان خىراجىتىنى قوشۇپ ھىسابلاپ 3 يۈەنگە ساتىدىغان گەپ. دىمەك ئاخىرقى ھىسابتا باجنىمۇ خېرىدار تاپشۇرىدۇ، ئىشچىلارغا مائاشنىمۇ خېرىدار بېرىدۇ. ھەمكارچىلارنىڭ پايدىسىنىمۇ خېرىدار بۆلۈپ بېرىدۇ.
ئالماق – ساتماقتىچۇ؟
ئالماق-ساتماقتا ئۇنداق بولمايدۇ. سىز گەرچە چوڭ دۇكان ئېچىۋالغان بولسىڭىزمۇ، مەھسۇلات باھاسىغا باج ۋە ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى ئاساسەن قوشۇۋالالمايسىز. چۈنكى خوجامنىڭ جوجىسى بار دىگەندەك، سىز باھانى يۇقىرى قىلىۋالسىڭىز يەنە بىرى ئەرزان سېتىپ سىزنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەممە تاللا بازارلىرىدا بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئوپمۇ-ئوخشاش! سىز ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنى ئۈرۈمچىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ 15 كوي، ئاقسۇدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ 15 كوي ! مەن ئاقسۇغا يۆتكەپ ئەكەلدىم دەپ كىرانى قوشۇپ 17 كوي قىلالمايسىز.
ئەمما ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات، ئوخشىمىغان ئىشلەپچىقارغۇچىلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلسا باھاسى ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. سەھرادىكى ئاشخانىلارنىڭ لەغمىنى 3 كوي، بازاردىكى ئاشخانىلارنىڭ 5 كوي، شەھەردىكى ئاشخانىلارنىڭ 8 كوي، مىراجنىڭ 25 كوي دىگەندەك…. چۈنكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوخشاش ئەمەس، ئۇلار ھەممىسى ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتەلەيدۇ. ئەمما شۇنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ. باھانى ئەرزان قىلغانغىلا ئاسان بازار تېپىپ كېتىشى ناتايىن. مەسلەن مىراج قىممەت ساتسىمۇ سەھرادىكى ئاشخانىلاردىن كۆپ تەرەققىي قىلدى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى توغىرلىق كېيىنكى سودا ماھارەتلىرىدە توختىلىمىز.
بۈگۈنكى بۇ يازمىنىڭ مەقسىتى: ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇش.
1. نىمە ئىشلەپچىقىرىش كېرەك؟
ئەتراپىڭىزغا بىر مەزگىل نەزەر سېلىپ، ئۇلارغا كەمچىل بولۇۋاتقان، ئۇلار دائىم ئىشلىتىپ تۇرىدىغان، سىز ئاسان بازار تاپالايدىغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىرىش كېرەك. ئۇششاق-چۈششەك ئىش بولسىمۇ مەيلى.
2. قانداق ئىشلەپچىقىرىدۇ؟
ئاۋال ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى ياكى زاۋۇتنى سېتىۋالىسىز. بىر نەچچە ئادەمنى مائاشلىق تەكلىپ قىلىسىز، سودا-سانائەت ئىدارىسى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك ئىدارىلەرگە تىزىمغا ئالدۇرىسىز… ئاخىرىدا ئىشلەشنى باشلايسىز.
3.زاۋۇتنى قانداق قۇرىمەن، پۇل بولمىسا؟
پۇل ئاز بولسا كىچىكتىن، پۇل جېق بولسا چوڭراقتىن باشلاڭ. كىچىك بىر زاۋۇت قۇرۇشقا ئانچە كۆپ پۇلمۇ كەتمەيدىكەن. 45 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن دېھقانلارغا ئېھتىياجلىق ئورگانىك ئوغۇت زاۋۇتى قۇرۇشقا بولۇشى مۇمكىن، 15000 يۈەن پۇل ئاددى ئىچىملىك زاۋۇتى، 100000 كىيىم كېچەك زاۋۇتى، 200000 يۈن پۇل بىلەن ئۆي سايمانلىرى زاۋۇتى، 300000 يۈەن پۇل بىلەن كېرەكسىز سۇلياۋدىن يېڭى سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇش مۇمكىن……..
4. بۇنداق زاۋۇتلارنى نەدىن تاپىمىز؟
Alibaba.com ۋە Alibaba.com.cn دىن تاپىسىز. مەن ئىلگىرى شۇنداق ئالاقە قىلىپ، سېتىۋالغان. ئەلى بابانىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش دەيدىغان سەھىپىسى بار، 加工 … يەنى شۇ سەھىپىدە مەخسۇس كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغان شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى بار. ئەلى بابا ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز ئىشەنچىلىك. ئەمما ئۇلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىپ سېتىۋالغاندا ھەرقانداق زىيان كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپ ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ.
بىز تەكلىماكان بلوگدا سودا ماھارىتى سەھىپىسى ئاچتۇق. داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭ.

مۇنداق تور بېكەت بولسا ھازىر ئاقىدۇ {پۇرسەت}

سىز بىلىسىز، جۇڭگو نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. 中文 دەيدىغان بۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغانلار 1 مىلياردتىن ئاشىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتىدىكى 中文 ئىشلىتىدىغانلارنى قوشساق تېخىمۇ كۆپ. ئۇنداقتا 1 مىليارد ئادەم كىرىدىغان بىر تور بەت پلانىنى تونۇشتۇراي.
ھازىر جۇڭگودىكى بىر ئۆزگىرىشكە ھەيران قالىمەن. قانداق ئۆزگىرىش؟
يانفون! يانفون ئەسلى پەقەت سودا قىلىدىغان ئادەمدىلا بولسا بولاتتى. ئەمما باھاسى ئەرزان ھەم نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولغاچقا ھازىر ياشلار، قېرىلار، ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىمۇ ئومۇملاشتى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ……
ئەمما دىققەت قىلىڭ. مەن يانفون تور بېكىتى قۇرۇڭ ياكى يانفون ساتىدىغان تور بېكەت قۇرۇڭ دىمەكچى ئەمەس!
يانفوندا بار بولغان زۆرۈر ۋە ھەممە كىشى بارمىكەن ؟ – دەيدىغان ئىقتىدارنىڭ بىرسى كامېرا.
كامېرانىڭ ئېنىقلىقى مېگاپىكسىل سۈرەتنىڭ سۈزۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئېنىقلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كامېراسى بار يانفوننى سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ يانفوندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. زول، سىنا قاتارلىق تور بېكەتلەر داڭلىق ماركىلىق يانفوندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى مەخسۇس يىغقان بولسىمۇ، سېلىشتۇرۇش ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى مۇكەممەل ئەمەس.
ئەمدى مەقسەت مۇنداق:
مەخسۇس يانفون كامېرا سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەت قۇرۇش.
زۆرۈر تەييارلىقلار:
1. چوقۇم يانفون ساتىدىغان چوڭراق دۇكىنى بار بىرەسى بىلەن ھەمكارلىشىش ياكى يېقىن تونۇشۇش كېرەك.
2. تور بېكەت پروگراممىسى: بۇنداق پروگرامما مېنىڭچە بار. يەنى ئىككى ياكى بىر نەچچە خىل يانفوننى ۋە يانفوندا تارتىلغان سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش، تاللاپ سېلىشتۇرۇش… ئاپتوماتىك تاللاش … دىگەندەك بىر قانچە ئىقتىدارلار سەپلەنگەن.
3. قىلىدىغان ئىشلار :
بىر خىل يېڭى يانفون چىقىپ بولغۇچە ئۇنىڭدا سۈرەت تارتىپ، ئىنتېرنېتقا يوللاپ DataBase كە كىرگۈزىمىز. تورداشلار دەرھاللا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ۋە ھازىر بازاردا بار بارلىق داڭلىق ماركىلىق يانفونلاردا سۈرەتكە تارتىمىز. سۈرەتكە تارتقاندا ئوپمۇ-ئوخشاش بىر كۆرۈنۈشنى ئوخشاش بىر ۋاقتتا (كۈندۈز ياكى كېچە) بارلىق يانفونلاردا قايتا-قايتا تارتىمىز. يەنى ئوخشاش بىر مەنزىرىنىڭ بارلىق يانفونلاردىكى تارتىلغان سۈرەتلىرىنى يوللايمىز. بۇ ئارقىلىق تورداشلار قايسى يانفوننىڭ كامېراسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيدۇ.
4. تور بېكەت قۇرۇلمىسى
تور بېكەت مۇشۇ ساھەدە مەخسۇسلاشقان تور بېكەت بولىدۇ. ئىسمى پالانى 手机样照网 دىگەندەك بولسا بولىدۇ. يانفوننىڭ باشقا ساھەلىرىگە چېتىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما مۇشۇ بىر ساھە ناھايىتى يۇقىرى بازار ئېچىش قىممىتىگە ئىگەن. ئەگەر سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلار يۇقىرى دەرىجىدە توپلانسا بۇ تور بېكەت چوقۇم تېزلا بازار تاپىدۇ.
5. ئادەم
بۇ تەكلىماكان بلوگنى يازغاندەك ئاددى ئىش ئەمەس. شۇڭا كۆپرەك ئادەم بولسا تېخى ياخشى.
بۇ ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن كەم دىگەندە 5 ئادەم كېتىدۇ.
2 ئادەم پروگراممېر. مەخسۇس تور بېكەتنى لايھەلەش ۋە ئىلغارلاشتۇرۇش ئىلشىرىنى قىلىدۇ. يوللايدىغان ئۇچۇرلارنى مەخسۇس ئۇچۇر خادىمىغا ماسلىشىپ يوللايدۇ. 2 نەپەر ئۇچۇر يىغقۇچى. بۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئەتىدىن كەچكۈچە رەسىمگە تارتىش. داۋاملىق مەنزىرە رەسىمى تارتىدۇ. ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇچۇر چىقارغۇچىغا تەمىنلەيدۇ.
1 نەپەر ئۇچۇر چىقارغۇچى. بۇ ئادەم چوقۇم خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە بىلىشى ياكى مۇشۇ ئىككى تىلنى بىلىدىغان ئىككى ئادەم بولۇشى كېرەك. تور بېكەت خەنزۇ ھەم ئېنگلىز يېزىقلىرىدا چىقىرىلىدۇ. (ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە نۇسخا چىقىرىلسا تېخى ياخشى). باشقا چوڭ تىللاردىكى نۇسخىسىنى ئاپتوماتىك تەرجىمانغا ئۇلاپ قويسىمۇ بولىدۇ.
6. جەريان
بۇ ئۇچۇرلانى بىر قەدەر مۇكەممەل، تورداشلار كۆنۈۋالغۇچە توپلاپ بولغۇچە تەخمىنەن 1 يىل ۋاقت كېتىشى مۇمكىن. بىر يىلدىن كېيىن تور بېكەت رەسمى مۇكەممەل تور بېكەتكە ئوخشايدۇ. ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا مۇشۇ ۋاقتتىن باشلاپ كىرىم قىلىشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇن يانفون شىركەتلىرى مەسلەن: نوكىيا، موتورولا ۋە باشقا يانفون شىركەتلىرى مەخسۇس ئېلان ئورنى ئىلتىماس قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار بېرىدىغان پۇلمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەلۋەتتە جۇڭگودىكى كىچىك يانفون زاۋۇتلىرى چوقۇم ئېلان ئورنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى ئېلان ئورنى ئىلتىماس قىلمىدى دىگەن تەغدىردىمۇ گۇگول ۋە ياھۇ ئېلانلىرىنى قويسا بولىدۇ.
ئۇيغۇر يانفون بازارلىرىمۇ ئېلان بېرىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ بۇنداق مەخسۇسلاشقان تور بېكەت بېكار قالمايدۇ.
7. پۇل
تور بېكەتنى ماڭدۇرۇش، بوشلۇق سېتىۋېلىش دىگەنلەرگە كەتكەن پۇلنى ھىسابلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئاز دىگەندە ئىشلەتكەن 5 ئادەمنىڭ ئايلىق تۆۋەن مائاشىنى 2000 RMB ھىسابلاپ قويساقمۇ، بىر يىلدا 120 مىڭ RMB كېتىدۇ.
8. كىرىم
ئەلۋەتتە بىر يىلغىچە كىرىم قىلالمايدۇ. بىر يىلدىن كېيىن تور بېكەت مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم بويىچە ماڭغاندا (تەكلىماكان بلوگ ھىچقانداق تەسەۋۋرۇنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئىگە ئەمەس.) كۈنىگە 5000 RMB كىرىم قىلالايدۇ. ئەمسە ئۆزۈڭ قىلساڭ بولمامدۇ؟ …. مەن قىززىقمايمەن !
خوش !

توردا سودا قىلىشتا قانداق تەييارلىق قىلسا ئاسان كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

ھازىر Ebay دە سودا قىلمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ. مېنىڭچە تور سودىسىدا Ebay دىن باشقىدا چوڭ-چوڭ پۇل تېپىش بەك تەس. چۈنكى ئىبەينىڭ دائىرىسى پۈتۈن يەرشارىدىكى 190 دۆلەتنى قاپلايدۇ. سىزنىڭ مېلىڭىزنى ھەممە يەرلىكلەر كۆرىدۇ. ئۇنداقتا قانداق تەييارلىق بولغاندا توردا مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ.
1. كومپوتېر بولۇشى كېرەك.
ئامال بار يانكومپيوتېر بولسا ياخشى. چۈنكى قاچانلا بولسىڭىز سودا قىلالايسىز. بەلكىم سىز يولدا كېتىۋاتقاندا خېرىدار ئىزدەپ قېلىشى مۇمكىن. بىر دانە نىمكەش IBM ياكى Dell ئېلىشقا مېنىڭچە 2000 يارماقتىن ئارتۇقراق پۇل كېتەر. دەسلەپ ئىش باشلىغاندا بەك پېچەت يېڭى كومپيوتېر بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما IBM, DELL, SONY Lenovo قاتارلىق ماركىلاردىن باشقىسىنى ئەرزان بەرسىمۇ ئالماڭ. قاتتىق دىسكا 10G دىن يۇقىرى، ئىچكى ساقلىغۇچ 512 دىن يۇقىرى، ئېكران 10 دىيومدىن يۇقىرى بولسا بولدى. بۇنداق سەپلىمىلىك كومپيوتېر مەن دىگەن باھادىنمۇ ئەرزان بولۇشى ئېھتىمال.
2. بىر دانە رەقەملىك كامېرا (فوتو ئاپپارات).
2 مېگا پىكسىلدىن يۇقىرى كامېراسى بار يانفون بولسىمۇ بولىدۇ. 800 يۈەن ئەتراپىدىكى پۇل بىلەن بۇنداق يانفون سېتىۋالغىلى بولىدۇ. نوكىيا، موتورولا، SonyErricson ، سامسۇڭ، Palm، ئايفون دىن باشقىلىرىنى ئالماڭ ! مېنىڭچە Samsung بىلەن SonyErricson نىڭ كامېراسى بەك ياخشى.
3. بانكا كارتىسى
ئامال بار ئەتراپىڭىزدا بار بارلىق بانكىلارنىڭ كارتىسىنى بېجىرىڭ. خېرىدارغا ئەڭ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. بەزى خېرىدارلار پۇلنى سىزنىڭ ھىسابىڭىزغا بىۋاستە سالىدۇ. بولۇپمۇ دائىملىق خېرىدارلار. ئەڭ كەم دىگەندە بىر بانكىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇڭ. بۇنى پايپال قاتارلىقلارغا ئۇلاشقا ئىشلىتىسىز. قەتئى ئۇنتۇپ قالماڭ. تولۇق ئېچىش ئۈچۈن بانكىغا ئازراق رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇسىز. ئۇلار سىزگە U-قالقان ياكى ئىم-كارتا دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىشى مۇمكىن. بۇلار سىزنىڭ توربانكا ھىساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن. بارلىق بانكا كارتا ۋە توردىكى ھىساباتلارنىڭ ئۇچۇرلىرى، مەخپى نومۇرلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر دىگەن ئۇسۇلدا ساقلاڭ. (ئېلخەت ئەڭ بىخەتەر بولۇشى ناتايىن. بۇنى ئامال بار سىز ۋە خۇدادىن باشقا ھىچكىم ئۇقمايدىغان يەردە ساقلاڭ.).
4. توردا ھىساب ئېچىش
ئەڭ ئاۋال ھىساب ئاچىدىغان تور بەتلەر پايپال، ئىبەي، ئەلى بابا، تاۋباۋ، پەيپەي، بەيدۇ-بار، ئامازون، ئەپەندى قاتارلىقلار …. دىققەت قىلىڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەق ئالىدۇ. مەسلەن ئىبەي خەلقئارادا دۇكان ئاچسىڭىز چىقارغان مەھسۇلاتىڭىزنىڭ باھاسىنى پېرسەنتلەشتۈرۈپ ئازراق ھەق ئالىدۇ. ئەمما سېتىلىشى ياخشى بولىدۇ. ھەم سىز ھەقنى جېقراق تۆلەپ مېلىڭىزنى باش بەتتە كۆرۈنىدىغان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلى بابادا دۇكان ئاچسىڭىز ، مەن ئاچقاندا 2300 يۈەن ئالاتتى. ھازىر قانچە پۇل ئۇقمايمەن. ئەمما ئەلى بابا كۆپۈنچە توپ ماللارغا ۋە شىركەتلەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئەلى بابادا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئورگانلىرى تارقاتقان تىجارەت كېنىشكىڭىز بولىشى كېرەك. بەزى تور بەتلەر ھەق ئالمايدۇ. مەسلەن پەيپەي. ئەمما ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دىگەندەك سودىمۇ ياخشى بولمايدۇ ئۇنداق تور بەتلەردە.
5. بانكا كارتىسىنى تور بانكىغا ئۇلاش.
بانكا كارتىڭىزنى مېنىڭچە سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى Alipay ۋە Paypal غا ئۇلىشىڭىز كېرەك. يەنى بانكا كارتىدىكى پۇلنى توردا تۇرۇپ Alipay ياكى Paypal ھىسابىغا يۆتكەيدىغان، Paypal ۋە Alipay دىكى پۇلنى توردا تۇرۇپلا بانكا كارتىسىغا يۆتكەيدىغان قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەقتىكى ئىشلاردىن خەۋرىڭىز يوق بولسا ھەم قىلالمىسڭىز ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بۇ ھەقتە مەن ئايرىم توختىلىپ ئۆتسەممۇ بولىدۇ.
6. ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش
GoogleTalk ۋە MSN غا تىزىملىتىڭ. QQ ۋە ICQ دىن نومۇر ئېلىڭ. Yahoo ھەم Aim لەردىمۇ ھىسابىڭىز بولسۇن. ھازىر GoogleTalk بىلەن Aim دە، MSN بىلەن Yahoo دا ئۆز-ئارا پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. يۇقارقى قوراللارنىڭ ھەممىسىگە تىزىملىتىپ. كومپيوتېرىڭىزدا QQ,MSN,GoogleTalk لارنىڭ ھەممىسىنى ئوچۇق قويۇڭ. چۈنكى جۇڭگولۇق خېرىدارلار QQ دا سىز بىلەن سودىلىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلار Aim ياكى Yahoo دا سودىلىشىدۇ. ھىندىستانلىقلار GoogleTalk نى ئىشلىتىشى مۇمكىن. باشقىلار MSN نى دىگەندەك. ئىشقىلىپ خېرىدار سىز ئۈچۈن مەخسۇس بىر يۇمشاق دېتالنى كومپيوتېرىغا قاچىلاپ ئولتۇرمايدۇ. خېرىدار نىمە ئىشلەتسە سىزدە شۇ پاراڭلىشىش قورالى بولسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىنى ئېچىپ قويسىڭىز يۇقىردىكى سەپلىمىسى بار كومپيوتېر ئىنجىقلاپ كەتمەيدۇ.
مېنىڭ تەكلىپىم 2 دانە ئېلخەت ئادرېسى ئىشلىتىڭ. ئۇنىڭ بىرى مەخسۇس بانكا ھىسابى، پايپال دىگەندەكلەرنى باشقۇرۇشقا ماڭىدۇ. بۇلارنى ھىچكىمگە ئاشكارىلىماڭ. پەقەت پۇل قوبۇل قىلغاندا دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
يەنە بىرسىدە سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇھىم تور بېكەتلەرگە تىزىملىتىشتا ئىشلىتىسىز. خېرىدار ۋە بارلىق IM لارغىمۇ مۇشۇ ئېلخەت ئادرېسىنى ئىشلىتىڭ. ئامال بار بارلىق پاراڭلىشىش قورالىغا بىرلا ئېلخەت ئادرېسى ئىشلىتىڭ. مەسلەن خالىغان ئېلخەت ئادرېسىنى خالىغان IM دا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. مەسلەن:
palani@mail.com دەيدىغان بىر ئېلخەت ئادرېسى بولسا بۇ ئارقىلىق Google ھىسابىغا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. ھەم GoogleTalk نى ئىشلىتەلەيسىز. Aim ھىسابىنى قاچىلاشقا بولىدۇ. ھەم MSN غىمۇ مۇشۇ ئېلخەتتە تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. MSN ياھۇغا ئۇلىنالايدۇ. QQ غىمۇ باغلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
يانفون – يانفون بولۇشى كېرەك. يانفون نومۇرى ۋە بارلىق IM لارنىڭ ئادرېسىنى سىز مەھسۇلات ئېلان قىلغان بەتتە ئېلان قىلىڭ. خېرىدار سىزنى ئاسانلا تاپالايدىغان بولسۇن. يانفون نومۇرىغا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭكىنى تاللاڭ. چۈنكى GPRS مۇلازىمىتى بار. ھازىر بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭمۇ بارمىش. ئەمما مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم. ئايدا 20 يۈەنلىك GPRS مۇلازىمىتىنى ئېچىپ قويسىڭىز بىر ئاينىڭ ھەممە كۈنىدە تۆت-بەش قېتىمدىن ئېلخەت ساندۇقىنى ئېچىشقا يېتىدۇ. يوتقاندا ياتقاندىمۇ سودا قىلىۋېرىسىز.
ئاندىن دوست. پوچتىخانا ۋە بانكا قاتارلىقلارغا يېقىن دوستىڭىز بولسا ياخشى. بەزىدە سىز ئېتىز بېشىدا، تونۇر بېشىدا بولۇپ قالسىڭىزمۇ مال سېلىش- تاپشۇرۇپ ئېلىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلالايدىغان يول بولسۇن. مېنىڭ مۇقىم خىزمەت ۋاقتىم بار دەپ ئېشىۋالماڭ. خېرىدار سىزنى قاچان لازىم قىلسا شۇ چاغدا ھازىر بولۇڭ. چۈنكى سودىگەر دىگەپ كۆپ. سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولمىسا ئورنىڭىزغا ئادەم بار ! سىز مۇلازىمەتنى ئوبدان قىلسىڭىزلا بازار سىزنىڭ ! پۇل سىزنىڭ ! كېلەچەك سىزنىڭ !
7. خاتېرە دەپتەر.
notebook.google.com دىن خاتېرە دەپتەر تۇتۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى مەخسۇس بىر خاتېرە دەپتەر (ئەمەلىي تۇرمۇشتا) تۇتۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ خاتېرە دەپتەرگە مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن سىزدىن مال سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئات-تەگئاتى، ئورنى، تېلفون نومۇرى، مۇمكىن بولسا تۇغۇلغان كۈنى، مىللىتى، كەسپى (كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك بايرام كۈنى)، ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي بايرىمى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى يېزىۋېلىڭ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلار ئۆزى دەپ بېرىدۇ. دەپ بەرمىسە سورىماڭ. مىللەتلەرنىڭ بايرىمى ۋە قۇتلۇق كۈنى دىگەنلەرنى گۇگول دەپ بېرىدۇ.توغۇلغان كۈنى دىگەنلەر Facebook دا بار. مۇناسىۋەتلىك بايراملارنى ھەم ئىزدەپ تاپالايسىز. خېرىدار مەيلى يوغان مەيلى ئۇششاق مال سېتىۋالغان بولسۇن، ئۇنىڭ تىپى ۋە يىپيدىن يېڭنىسىغىچە خاتېرلەپ مېڭىڭ.
بۇلارنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟ كېيىنكى مەزمۇنغا قاراڭ.
8. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت پوزىتسىيسى
سىزدە چوقۇم بۇنداق پوزىتسىيە بولىشى كېرەك.
سىزدىن مال سېتىۋالغانلىكى خېرىدارنىڭ ئۇچۇرىنى خاتېرلىۋالدىڭىز. سىزدىن مال سېتىۋالغانلاردىن مەزگىللىك ھالدا ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭ. يىراقتا بولسا IM ۋە Email دە. چۈنكى پۇل كەتمەيدۇ. يېقىندا بولسا تېلفوندا، چۈنكى جېق پۇل كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. دوست بولۇپ قالىسىلەر. ھەم كېيىنچە يەنە سىزدىن ئالغان مال لازىم بولسا يەنە سىزدىن ئالىدۇ. ھەم دوستلىرىغا لازىم بولسا سىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىر خېرىدارنىڭ كەينىدە 400 خېرىدار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ. ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىدە چوقۇم خەت يېزىڭ ياكى تېلفون قىلىڭ. بىر يىلدا دىگەن جېق بايراملار بار. ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، قىز بالا بولسا خانىم-قىزلار بايرىمى، خرىستىئان بولسا مىلاد بايرىمى، مۇسۇلمان بولسا ئىككى ھېيت ! ئۇلارنىڭ باشقا مىللىي بايراملىرى دىگەندەكلەر. بىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. سودا قىلغاندا بەك مۇتەسسىپ بولۇپ كەتمەڭ. سىزدىن مال ئالغانلار يەھۇدى بولسىمۇ مەيلى ! ئۇنىڭغا ئىزچىل ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھىچقانداق خېرىدارنىڭ ئىرقىي، مىللىتي ۋە باشقا ئارتۇق (كەملىكى) ۋەجى بىلەن ئۆچ بولۇپ قالماڭ.
سىز مەھسۇلاتنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ھەم پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ مەھسۇلاتنى ياقتۇرغان ياكى ياقتۇرمىغانلىقى، ئىشلىتىش ياكى ئىستىمال قىلىشتا قيىنچىلىق بار يوقلۇقىنى سوراپ ئالاقە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەگەر سېتىۋالغۇچى مال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ئەگەر مەھسۇلات ئىككىنچى قېتىم سېتىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسىلا قايتۇرۋېلىڭ. چۈنكى شەرتسىز مال قايتۇرۋېلىش ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى. مال قايتۇرۇپ بېرىش سەۋەبلىك خېرىدار بىلەن زاكۇنلاشماڭ. قەتئى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ. ئۇ سىزنىڭ بۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياقتۇرمىسا ئۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. مەھسۇلاتىڭىز ياقمىسا سىز يېقىپ قالىسىز. تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. سودىگەر دىگەن چىداش كېرەك ! بىلىپ قېلىڭكى زىيان پايدا بىلەن بىللە ! زىيان پايدىغا ئاي كۈنگە ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ. پايدىلا چىقىپ زىيان چىمىسا سەل قورقۇنۇشلۇق.
ئەمما، بىراق، لېكىن مەن ئالاقىلىشىڭ دەپ قويسام خېرىدارنىڭ ئالدىراش ۋاقتلىرىدا تولا تېلفون قىلىپ ئاۋارە قىلماڭ. ئەر كىشى بولسىڭىز ئېرى بار ئايال خېرىدارلارغا تولا تېلفون قىلماڭ. قىز بالا بولسىڭىز خوتۇنى بار ئەر خېرىدارلارغا كۆپ يېقىنلاشماڭ. ئۇلار بىلەن سىز ساتقان مەھسۇلات ۋە مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلىرى ھەققىدىلا گەپ ئاچسىڭىز بولدى. مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنىڭ بولۇشى سىزنىڭ چاكنا ئادەملىكىنڭىزنى، سودا ساھەسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىز.
9. بلوگ، تورتۇرا، تورخاتېرە
بۇ بەك مۇھىم! بەكمۇ مۇھىم. سىز ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ئاۋال بۇرۇن چوقۇم بۇ مەھسۇلاتنى بلوگدا بىر ئېلان قىلىڭ. ھەم سىز مەھسۇلات ئېلان قىلغان سودا تورىغا مېنىڭ تورتۇرايىمدىكى مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ مەخسۇس بېتى دەپ ئۇلىنىش قىپ قويۇڭ. بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
چۈنكى بارلىق سودا تور بېكەتلىرىنىڭ سىزنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايدىغان ۋاقت چېكى بار. مەسلەن 14 كۈن. سىز ئېلان قىلغان مەھسۇلات 14 كۈندىن كېيىن توردىكى مال يايمىسىدىن چۈشۈرۋېتىلىدۇ. ئەمما بلوگدا ئېلان قىلىپ قويسىڭىز يوقاپ كەتمەي تۇرىدۇ. 14 كۈندىن كېيىنمۇ خېرىدار كۆرەلەيدۇ. ئىزدەش ماتورلىرى ئارقىلىق تاپالايدۇ. بلوگدا ھەم ھەر بىر مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغاندا ئىبەيدىكى دۇكان، پەيپەيدىكى دۇكان، تاۋباۋدىكى دۇكان دەپ ئايرىم – ئايرىم ئەسكەرتىپ يېزىپ قويۇڭ.
بلوگنى سىز ئۇقىدىغان تىلدا يېزىڭ. تۆۋەندىكى تىلنى سۆزلەيدىغانلار دۇنيادا كۆپ، شۇڭا خەلقئارا سودا قىلىدىغان ئادەم بۇ تىللارنىڭ بىرە-ئىككىسىنى ئۆگىنىپ قويۇڭ. توردا ئۆگەنمەك ھەم ئاسان. ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىسىز.
ئېنگلىز تىلى
خەنزۇ تىلى
ئەرەب تىلى
ھىندى تىلى
رۇس تىلى
بلوگنى تەكلىماكان بلوگ يېزىلىۋاتقان BlogSpot.com ياكى BlogBus.com دىن ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنى مەن ياقتۇرىمەن. MySpace ياكى باشقا ئورۇندىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە. تەكلىماكان بلوگدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئاسانلا ئۇيغۇرچە بلوگقا ئېرىشەلەيسىز.
ئەمما بىر ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي. مەخسۇس بوشلۇق ئېلىپ، ئايرىم سېستىما قاچىلاپ. ھەقلىق تور نامىغا بلوگ قۇرماڭ. ئۇنداق بلوگنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىشى ناتايىن. ھەم ئاۋارچىلىق كۆپ. ئاسراش-ياساش دىگەندەك ئىشلار سودىنى ئاقسىتىدۇ. BlogSpot ۋە Blogbus دىكىلەر مەخسۇس مۇشۇ ئىشلارنى قىلغاشقا سودىدىن باشقا ئىشلارنى شۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەكمۇ بولار. توردا سودا قىلىش ئۈچۈن مۇرەككەپ JavaScript بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىڭىز ھاجەت ئەمەس.
10. مال مەنبەسى ۋە توشۇش يولى
سىز ساتماقچى بولغان مەھسۇلاتنى ئامبارغا يىغىۋېلىشىڭىز ھاجەتسىز. ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتكە ھەممە ئىشنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ئادەتتىكى توپ باھادا مال كىرگۈزۈش يولىنى ئېچىڭ. ھەم مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدىغان بارلىق توشۇش يوللىرى ۋە ئۇلارنىڭ باھاسىنى ئېنىقلاپ، مەھسۇلات چۈشەندۈرگەندە بۇلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىڭ.
ئادەتتە ھەممە ئادەم بەك بىلىپ كەتمەيدىغان ماللارنىڭ باھاسىنى يۇقىرى قويىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما مالنىڭ سۈپىتى ئىشەنچىلىك بولسىلا خېرىدار سىزدىن باھا جەھەتتە نارازى بولۇپ يۈرمەيدۇ.
بىر چاغدا 2000 يۈەنگە ساتقان بىر مۇقامنىڭ CD پلاستىنكىسى ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغان چىقىپ قالدى. ئۇنى ئىككىلەنمەيلا قايتۇۇرپ بەردىم. ئەمما ھىچ ۋاقەسى يوق ! مال قايتۇرۇش دىگەن بوپ تۇرىدىغان ئىش. نورمال ئىش ! ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان سودىگەر دائىم قىلىپ تۇرىدىغان ئىش !
11. ۋاقت – بولۇپمۇ كومپيوتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ۋاقت
سىزنىڭ ئامال بار ھەر كۈنى 2 سائەت ئەتراپىدا كومپيوتېر ئالدىدا مۇقىم ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز بولسۇن. بۇ ۋاقتتا ماللارنى يېڭىلاپ چىقىرىسىز، كونىراپ قالغانلىرىنى چۈشۈرىسىز. يېڭى نۇسخا چىقسا خەۋەرلەر ئېلان قىلسىز.
سىز كۆپرەك توردا بولالايدىغان ۋاقتنى بلوگ ۋە مال تونۇشتۇرۇش بەتلىرىدە ئېلان قىلىڭ. چۈنكى خېرىدار سىز بىلەن شۇ ۋاقتتا توردا پاراڭلاشماقچى بولۇشى مۇمكىن.
يەنە باشقا ھۈنەرلەر ئېسىمگە كەلسە ئۇلاپ يېزىشىم مۇمكىن. بىر قىسىم مەزمۇنلار ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىكسىز ياكى قىيىنچىلىق بار بىلىنسە تولۇقلارمەن. بۇ يازمىغا ئىنكاس يازغىنىڭلارغا رەھمەت !
تەكلىماكان بلوگدىن – تەكلىماكان.

سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون ھەققىدە

يانفون سودىگەرلەر ئۈچۈن يالغۇز خېرىدار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان قوراللا ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە سودا ئىشلىرىدا نۇرغۇن پايدىلىق رولى بار. تۆۋەندە يانفوننىڭ سودا ئىشلىرىدا ئوينايدىغان رولىنى نەزەرگە ئېلىپ، سودا ساھەسىدە ئىشلىتىشكە قولايلىق يانفونلارنى تونۇشتۇرىمەن.
1. سودىگەرلەر يانفون سېتىۋالغاندا پەقەت تۆۋەندىكى ماركىلارنىڭ بىرىنىلا تاللاڭ.
موتورولا، نوكىيا، سونىي ئېرىكسون، سامسۇڭ، ئايفون، ئاندرويد ۋە پالما ! تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ماركىسى بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا ماركىلىقلىرى ئاساسەن قولايلىق ئەمەس. ئەلۋەتتە Windows Mobile مۇ ياخشى ئەمەسمۇ دەيسىز. مېنىڭچە تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر 杂牌 دەپ ئاتىلىۋاتقان ماركىسى يوق، ئىقتىدارى كۆپ يانفونلار بەك كۆپ. بۇنداق يانفونلار پەقەتلا بولمايدۇ.
2. يانفون سېتىۋالغاندا سودىغا ماس كېلىدىغان ئىقتىدارىنى ئاۋال ئويلىنىش كېرەك. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ھازىر يانفون يالغۇز ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان قورال بولۇپلا قالماي ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە ئىقتىدارلار بار ئالايلۇق: كىنو كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، رادىئو ئاڭلاش، تېلۋۇزۇر كۆرۈش، تورغا چىقىش، ئېلخەت ۋە مۇڭداشقۇلارنى ئىشلىتىش، ئۈنگە ئېلىش، سۈرەت ۋە سىنغا ئېلىش، كالېندار، ھىسابلىغۇچ، لۇغەت، ئويۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قوللىنىشچان قوراللار.
مەن تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنى مۇھىم دەپ قارايمەن:
ئاپپارات – يانفونغا سەپلەنگەن فوتو ئاپاراتنىڭ ئېنىقلىقى كەم دىگەندە 2 مېگا پىكسىل (200万像素) بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما 2 مېگا پىكسىل يېتەرلىك. ھازىر جۇڭگو كۆچمە ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ GPRS مۇلازىمىتى ئارقىلىق رەسىم ھۆججەتلىرىنى يوللاشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق بەزىدە مەھسۇلات رەسىمىنى تېزلىكتە خېرىدار ياكى ھەمكارچىلارغا ئەۋەتىشكە بولىدۇ. 2 مېگا پىكسىللىق كامېرادا ئېنىقلىقى يۇقىرى رەسىمگە تارتىشقا بولىدۇ.
مەن ئىلگىرى خۇلىڭ (ئۈرۈمچى) بازىرىدىكى سودىگەرلەردىن ماتېرىيال كىرگۈزگەندە بەزى تېخنىكىلىق ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈش ۋە چۈشىنىش جەھەتتە خاتالىق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلفوندا شۇ نەرسىنى رەسىمگە تارتىپلا يوللايتىم.
نوكىيا يانفونلارنىڭ 2006-يىلدىن كېيىن چىققانلىرىنىڭ ئاساسەن 2 مېگاپىكسىل كامىرا سەپلەنگەنلىرى بار. مەسلەن نوكىيا N70 ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونى.
تېلفون دەپتىرى – تېلفون دەپتەرلىرى ئىچىدە موتورلانىڭ تېلفون دەپتىرى ماڭا پەقەت يارىمايدۇ. بۇ جەھەتتە سونىي ئېرىكسون، فىلىپس ۋە نوكىيانىڭ بىر ئاز ياخشى. تېلفون دەپتىرىدە بىر ئىسىم ئاستىدا تېلفون، يانفون نومۇرى ۋە ئېلخەت، تور ئادرېسى، ئۆي ئادرېسى، شىركەت نامى، بانكا ھىساباتى ۋە باشقا قوشۇمچە ئۇچۇرلارنى ساقلىغىلى بولسا ياخشى.
كالېندار – سودىگەرلەر ئۈچۈن كالېندار بەكمۇ مۇھىم. يانفونغا قاچىلانغان كالېندار ئەقلى ئىقتىدارلىق كالېندار بولسا ياخشى. پلان بېكىتىش، پىلان ۋاقتىدا سىگنال بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغان بولسا مۇۋاپىق.
ھىسابلىغۇچ – سىز سېتىۋالماقچى بولغان يانفوننىڭ ھىسابلىغۇچ ئىقتىدارى چوقۇم بار. ئەلۋەتتە ھەرقانداق يانفوندا بۇ ئىقتىدار بار. ئەمما ھىسابلىغۇچنىڭ كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىشلىتىش جەريانىدىكى قولايلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يەنە ئېكراندىن سان تۇتۇش ۋە نەتىجىنى ساقلاش ئىقتىدارى دىگەندەكلەر.
ئۇچۇر sms ئىقتىدارى – symbian سېستىمىسى سەپلەنگەن نوكىيا يانفونلارنىڭ ئۆزىدە ئۇچۇرنى توپ يوللاش ئىقتىدارى بار. ئۇنىڭدىن باشقا سونىي ئېرىكسون يانفونلىرىدىمۇ بار. بۇ ئارقىلىق بىر ئۇچۇرنى بىرلا ۋاقتتا بارلىق خېرىدار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارغا يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.
تور – يانفوندىكى ئىنتېرنېت تورىغا كىرىشنى كۆڭۈلدىكىدەك دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئېكران بەك كىچىك، شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە يانفوندا ئېلخەتنى نورمال ئېچىپ، خەت يازغىلى بولسا بولدى.
3. يانفون ئىشلىتىدىغان تور.
نۇرغۇن كىشىلەر CDMA نى يېشىل تور, ساغلام تور دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ سالامەتلىككە راستىنلا زىيىنى يوقمۇ. مەخسۇس GSM ۋە CDMA رادىئاتسىيىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىچە زىيانلىق تەرىپىنى ئويلاشسا CDMA مۇ زىيانلىق. يالغۇز CDMA لا ئەمەس بارلىق توك ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى بار. بىر چاغدا كوچا ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرۇپ كىتىۋېتىپ كاسسام كۆيۈپ كەتتى. سەۋەبى مەن CDMA يانفونۇمنىڭ ئوشۇقچە باتارىيىسىنى ئىشتىنىمنىڭ كەينى يانچۇقىغا سېلىۋاپتىكەنمەن. باتارىيە قاتلىشىپ، تېمپراتۇرسى ئۆرلەپ كاسسامنى كۆيدۈرۈپ قويدى. ئەمەليەتتە CDMA مۇ رادىئاتسىيە تارقىتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ تارقاتقان رادىئاتسىيەسى GSM دىن سەل تۆۋەنرەك. شۇڭلاشقا مېنىڭچە يانفون قوللايدىغان تور قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، چۈنكى كېيىنچە سودا دائىرىڭىز كېڭىيپ قېلىشى مۇمكىن.
ھازىر بەزى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارEDGE, GSM ۋە WCDMA لارنى قوللايدۇ.
4. يانفون ئىشلىتىدىغان مەشغۇلات سېستىمىسى
بۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ خۇددى كومپيوتېردا Windows ۋە Mac دىگەندەك مەشغۇلات سېستىمىسى بولغاندەك، تېلفوندىكى ھەرخىل پروگراممىلار ئىجرا بولىدىغان سۇپا. ھازىر يانفونلاردا بىر قەدەر بازار تاپقان مەشغۇلات سېستىمىسى سىمبيان (سىمبيان شىركىتى – نوكىيا ۋە سونى ئېرىكسون يانفونلار..)؛ لىناكس (بىر قىسىم موتورولا ۋە باشقا يانفونلار…)؛ ماك (ئايفون)؛ Windows (دوپودا ماركىلىق يانفونلار…) قاتارلىقلار بار..
يۇقارقى مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. مەن بۇلارنىڭ ئىچىدە Mac بىلەن پەقەتلا ئۇچرىشىپ باقمىدىم. ئەمما iPhone شۇنچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن ئۇنىڭ خېلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما ماكتىن باشقا ئەڭ بولىدىغىنى symbian دۇر. چۈنكى 2008-يىلنىڭ بېشىدا يانفون مەشغۇلات سېستىمىلىرىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا سىيمبىيان 1-ئورۇندا تۇردى. مەن ھەم ئۇنى ياقتۇرىمەن. ئىشلىتىش قولايلىق، قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللار كۆپ، مەنبە مول. مۇقىم ھەم دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
نوكىيا ۋە سونىي ئېرىكسون يانفونلار symbian مەشغۇلات سېستىمىسىنى سەپلىگەن. سىيمبىيان ھازىرغىچە چوڭ جەھەتتىن ئۈچ ئەۋلادقا بۆلۈندى. بۇ يەردىكى ئەۋلاد Windows دىكى 98 ۋە 2000 قاتارلىقلار xp ۋە vista لارغا ئوخشايدۇ.
نوكىيا 6600 يانفونى 1 – ئەۋلاد symbian نىڭ تىپىك ۋەكىلى.
نوكىيا N70 يانفونى 2 – ئەۋلاد symbian غا تەۋە.
Nokia N80 يانفونىغا 3-ئەۋلاد سىيمبىيان مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلەنگەن.

يانفوندا مەشغۇلات سېسىمىسىنىڭ بولۇشى مۇھىممۇ؟
ئەلۋەتتە. سىز بىر سودىگەر، سىز سودىڭىزغا يول ئۈستىدە ياردەمدە بولالايدىغان بىر ئىلىكترونلۇق ئۈسكۈنىگە مۇھتاج. 007 نىڭ كىنوسىنى كۆرگەنلەر بەلكىم Nokia E90 نىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلىدۇ. ھەممە ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ماس كېلىشى ناتايىن. ئەگەر يانفوندا مەشغۇلات سېستىمىسى بولسا سىز ئۆزىڭىزگە قولايلىق پروگراممىلارنى ئۇنىڭغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز.
5. يانفوننىڭ شەكلى ۋە رەڭگى.
بۇ بەك دىققەت قىلىدىغان نۇقتا. يانفون مودا بولۇشى ناتايىن. سىز يانفوننى ھازىرقى بىر قىسىم غەيۋەتچى خوتۇنلاردەك كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيسىز. بەلكى ئۇس سىزنىڭ ياردەمچىڭىز. شۇڭلاشقا ئۇ سىز ئەڭ ياقتۇرغان رەڭدە ۋە سىز ئەڭ ياقتۇرغان شەكلدە بولۇشى كېرەك. ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىڭىزغا توپلانغىنى مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلاشقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. دۈشمەنرەڭ يانفونلارنى ياكى قولايسىز شەكىلدىكى يانفونلارنى ئىشلەتمەڭ.
6. يانفوننىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى.
فىلىپىس، موتورلا ۋە نوكىيا قاتارلىق يانفونلارنىڭ قاتتىق دېتالى ئىنتايىن پۇختا. ئادەتتە قاتتىق زەخمىلىنىشكە ئۇچرىمىسىلا ھىچنىمە بولمايدۇ. سېستىمىسى ھەم مۇقىم، قاتتىق دېتالىدا مەسلە كۆرۈلمىسىلا چاتاق چىقمايدۇ. يۇمشاق دېتاللىرىدىن چاتاق چىققان تەغدىردىمۇ فورماتلاش ياكى تەڭشەش ئارقىلىق ئوڭشاش ناھايىتى ئاسان. شۇڭلاشقا يانفوننى ئالغاندا ئوبدان تاللاپ، ئۇزۇنغىچە ئالماشتۇرماڭ. يانفون ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان تېلفون دەپتىرىنى يوقىتىپ قويۇش، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە پلانلارنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. تېلفون دەپتىرىنى يوقىتىپ قويسىڭىز نۇرغۇن خېرىدار ياكى ھەمكارچىلاردىن ئايرىلىپ قالىسىز.
7. يانفوندىكى يەنە بىر قىسىم قوشۇمچە ئىقتىدارلار….
كۆكچىش – خىزمەتداشلار ئارا تېزلىكتە ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە بولىدۇ.
رادىئو – يولدىمۇ خەۋەر ئاڭلاشقا بولىدۇ.
ئۈنئالغۇ- مۇھىم پەيتتە ئۈن ئېلىشقا بولىدۇ (قانۇنغا رىئايە قىلىڭ.).
لۇغەت – بۇ سىزنىڭ تىل جەھەتتىكى ئىقتىدارىڭىز ۋە خېرىدارنىڭ دائىرسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.
تەكلىماكان بلوگدا بۇندىن ئىلگىرى يانفون ھەققىدە كۆپ تېمىلار يازغان ئىدۇق. يېقىندا ھەم گۇگول شىركىتى T-mobile G1 ماركىلىق يانفوننى بازارغا سالدى. بۇ ماقالىدە ھەم تەۋسىيە قىلدۇق. يېڭى نەرسىگە قارىغاندا سىز كۆنگەن نەرسە ياخشى.
سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىدىن ئېيتقاندا Samsung ۋە SonyErricson يانفونلار بەك ياخشى. نوكىيا ۋە موتورولا بۇلارغا پەقەتلا يېتىشەلمەيدۇ.مەشغۇلاتىنىڭ قولايلىق بولۇشى، ۋە كۆنۈش جەھەتتىن ئېيتقاندا نوكىيا (ۋە ئۇنىڭغا سەپلەنگەن symbian) ئەڭ ياخشى. باشقىلار ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. سىرىتقى شەكلى مېنىڭچە موتورلا لايھەلەشكە ئۇستاراقمىكىن. Google يانفونىمۇ ئانچە چىرايلىق ئەمەسكەن.
يانفون سېتىۋالغاندا يەنە دىققەت قىلىڭ:
ھازىر نۇرغۇن بازار تاپقان يانفونلارنىڭ تەقلىدى ئىشلەنگەن ساختا نۇسخىسى چىقتى. ئۇلارنىڭ سىرىتقى شەكلى ئوپمۇ-ئوخشاش بولغان بىلەن ئىچىكى سېستىمىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا يانفون سېتىۋالغاندا قىممەترەك بولسىمۇ بەلگىلەنگەن مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىڭ. ئەگەر سىزگە ئەڭ يېقىن بەلگىلەنگەن مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنى تاپالمىسىڭىز تەكلىماكان بلوگدىكى ئەڭ يېڭى تېمىغا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق مەسلىھەت سوراڭ.
بەلگىلەنگەن مەخسۇس دۇكانلىرىدا داڭلىق ماركىلىق يانفون باشقا دۇكانلارغا قارىغاندا سەل قىممەت. ئەمما ئۇنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1. جۇڭگودىكى بارلىق شۇ ماركىدىكى يانفونلارنىڭ بەلگىلەنگەن مەخسۇس دۇكانلىرىدا رېمونت قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۈرۈمچىدىكى نوكىيا مەخسۇس دۇكىنىدىن يانفون ئالسىڭىز، بېيجىڭغا بارغاندا بۇزۇلۇپ قالسىمۇ، بېيجىڭدىكى نوكىيا مەخسۇس دۇكىنى ياكى شىركىتىدە ھەقسىز رېمونت قىلدۇرالايسىز.
2. زاۋۇتتىن چىققان بارلىق زاپچاسلىرى تولۇق بولىدۇ.
3. يانفونلارغا ھىلە ئىشلىتىلمىگەن، يېڭى چىققان، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن، سۈپەتلىك يېڭى بولىدۇ.
شۇڭلاشقا ئادەتتىكى دۇكانلارغا قارىغاندا باھادا كۆرۈنەرلىك پەرق بار.

خەلقئارالىق بانكا كارتىسىنى توردا بېجىرىش

ئادەتتە خەلقئارا سودا قىلىدىغانلار ئۈچۈن ھەرقايسى بانكىلارنىڭ خەلقئارالىق مۇلازىمىتى ئېچىلغان كارتىلىرىنى بېجىرىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ، بېيجىڭدىكى بىر شىركەتنىڭ ئېلانى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ھەرقايسى بانكىلارنىڭ خەلقئارالىك كرېدېت كارتىسىنى بېجىرىپ بېرىدىكەن. خەلقئارالىق كرېدېت كارتىسى زۆرۈر بولمىغانلارنىڭ بۇنى بېجىرىشى ھاجەتسىز. ئادەتتە نۇرغۇن تور ئېلان شىركەتلىرى Paypal ياكى Western Union ئارقىلىق پۇل تۆلەيدۇ. بۇ پۇللارنى بانكىلارنىڭ ئادەتتىكى «قوش پۇل» كارتىسى ئارقىلىقلا ئالغىلى بولىدۇ. ھەم يېقىندا پايپال شىركىتى جۇڭگودىكى ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىنى (جۇڭگو قۇرلۇش، سودا-سانائەت بانكىسى) Paypal خەلقئارا ھىساباتىغا ئۇلاش ئىقتىدارىنى ئاچتى. شۇڭلاشقا توردىكى خەلقئارلىق شىركەتلەر مەسلەن Ebay دىگەندەكلەردىن كېلىدىغان كىرىمنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا كرېدېت كارتىسى بېجىرىش زۆرۈر ئەمەس.
خەلقئارا كرېدېت كارتىسىنى بېجىرگەندە ھەق ئالىدۇ. ھەم ئۇنىڭ يىللىق ئىشلىتىش ھەققى بار. ئەگەر سودا-سارايلاردىن مەزكۇر كارتا ئارقىلىق مال سېتىۋېلىپ، بانكىلار بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشسا يىللىق ئىشلىتىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مەسلەن سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ «جۇڭگو نىفىتى خەلقئارا ئىناۋەت كارتىسى» نىڭ يىللىق ئىشلىتىش ھەققى 200 يۈەن. ئەگەر سىز بىر يىل ئچىدە سودا سارايلاردىن مۇشۇ كارتىنى ئىشلىتىپ 5 قېتىم مال سېتىۋالسىڭىز ياكى سېتىۋالغان ئومۇمى مال پۇلى 500 يۈەندىن ئاشسا بۇ 200 يۈەنلىك ئىشلىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدىكەن. ھەم مەزكۇر كارتىدا ھىچقانداق قالدۇق پۇل يوق ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10000 يۈەن (قەرز ھىسابىدا) پۇل چىقارغىلى بولىدىكەن.
بېيجىڭدىكى Loofi.Inc دەيدىغان بۇ شىركەت بېجىرىپ بېرىدىغان كارتىلار ھەم يۇقارقىدەك كارتا. توردىلا بىۋاستە بېجىرگىلى بولىدىكەن. قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق كىملىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرىدىكەن. ئەلۋەتتە ئۇلار سىزدىن ئازراق نەپ ئۈندۈرۋېلىشى مۇمكىن.
ئادرېسى: http://www.loofi.cn/
(ئەگەر ھەر قانداق زىيانغا ئۇچرىسىڭىز تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ.)

Google پايچەك تاللىغۇچ ئېلان قىلىندى

داۋالغۇشقا تولغان ئاكسىيە بازىرىدا قانداق ئىشەنچىلىك سودا ئۇچۇرلىرىغا تاينىپ، مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىستىقباللىق شىركەتلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. گۇگول پايچەك تاللىغۇچى پاي باھاسىدىكى ئۆزگىرىش، مۈلۈككە مەسئۇل بولۇش نىسبىتى، مەبلەغنىڭ قايتىپ كېلىش نىسبىتى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن پايچېكى سودىگەرلىرىنىڭ ئەڭ دەل پايچېكىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
بۇ مۇلازىمەت تېخى بۈگۈن ئېلان قىلىنغان بولغاچقا سىناق باسقۇچىدا.
ئادرېسى: finance.google.cn/finance/stockscreener