A turkology blog

Archive for the ‘symbian’ Category

Google Sync ئارقىلىق يانفوندىكى تېلفون دەپتىرىنى ساقلاش.

يانفوننى فورماتلاش، يانفون يۈتۈپ كېتىش، كارتا ئالمىشىش ۋە ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئالاقىلاشقۇچىلارنىڭ تېلفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلار يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال ھەممەيلەننى ئوسال قىلىدۇ. گۇگول شىركىتى بۇنى نەزەردە تۇتۇپ، Google sync نامىدىكى ئېسىل بىر مۇلازىمەتنى يولغا قويغان. بۇ مۇلازىمەت ھازىرچە پەقەت، گۇگول يانفونى، ئايفون، symbian ۋە قارا بۆلجۈرگەن (بلاكبەرى) سېستىملىق يانفونلارنىلا قوللايدۇ. ئايفون ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك، ئەمما سىمبىيان ئىشلىتىدىغانلار كۆپ. سىمبىيان سېستىملىق يانفونلارنىڭ ئۇلىنىش تىزىملىكىدە sync دەيدىغان بىر كۆزنەك بار. شۇ كۆزنەكتىن تەڭشەش ئارقىلىق گۇگول sync نى ئىشلىتەلەيسىز.
بۇنى ئىشلەتكەننىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
تېلفون دەپتىرىڭىزدىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقت گۇگول مۇلازىمىتېرىدا ساقلايسىز، يېڭى قوشۇلغان نومۇرلار ۋە ئۆچۈرۈلگەن نومۇرلارنى ئاپتوماتىك يېڭىلايسىز، بۇ ئارقىلىق گۇگول بۇ مۇلازىمەتنى يوقاتمىسىلا تېلفون دەپتىرى يوقاپ كەتمەيدۇ.
تەڭشەش ۋە باشقا ئۇچۇرلارغا بۇ يەردىن ئېرىشىڭ.
baliq.blogspot.com/googlesync

سىمبىيان يانفونلار ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىجاد قىلىندى 1.0 نەشىرى

بۈگۈن كۈمۈش ئوق بلوگ يازغۇچىسى سىمبىيان s60 يانفونلارنىڭ 3-نەشىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتتى. بۇندىن ئىلگىرى Jdict قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولسىمۇ، كۈمۈش ئوق كىرگۈزگۈچى سىمبىياننىڭ تۇنجى ئەۋلاد مەخسۇس ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى ھىسابلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن كۈمۈشئوق بلوگىدىكىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز.مەن كۈمۈشئوقتا بۇ تېمىنى كۆرۈپلا مەزكۇر ماقالىنى يازدىم. تېخى سىنىمىدىم. مەن ئەتىگىچە سىناب باققاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئايرىم ماقالە يېزىپ، قانداق ئىمزا قويۇش ۋە قانداق قاچىلاش ھەققىدە توختىلاي.
كۈمۈش ئوق بلوگدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈش

يانفوندا FLV كۆرۈش

بۇ يازمىدا Youtube ۋە 56 ئوخشاش تور بېكەتلەردىكى سىنلارنى چۈشۈرۈش ۋە چۈشكەن سىن ھۆججىتىنى ھىچقانداق ئايلاندۇرمايلا يانفوندا نورمال كۆرۈش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
LonelyCartGames شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان ھەم سىمبيان يانفوننىڭ ئەڭ ياخشى قويغۇچى دەپ ئاتىلىۋاتقان SmartMovie نىڭ 4.1 نەشىرى flv قوللايدىكەن. بۇ دىگەنلىك سىز Youtube ياكى 56 غا ئوخشاش سىن تور بېكەتلىرىدىن چۈشىرىۋالغان كىنو-فىلىملارنى ھىچقانداق ئايلاندۇرۇشتىن ئۆتكۈزمەيلا بىۋاستە قويالايسىز دىگەن گەپ.
smartmovie 4.1 نى چۈشۈرۈش ئورنى
ئەسكەرتىش: پەقەت symbian s60 V3 يانفوندىلا ئىشلەيدۇ. بۇ خىل يانفونلار
Youtube دىن سىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن keepvid.com تورىنى ئېچىڭ. ۋە ئىزدەش رامكىسىغا youtube دىكى سىننىڭ ئادرېسىنى يېزىڭ. ئاندىن ئۇ سىزگە flv ياكى mp4 دىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدىن بىرنى تاللاپ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تېپىپ بېرىدۇ.
56 تورىدىكى سىنلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
ئاۋال 56 ئادرېس تاپقۇچنى چۈشۈرۈڭ. بۇ يەردىن.
ئادرېس تاپقۇچنىڭ ئۈستىدىكى رامكىغا 56 دا قويىلىۋاتقان سىننىڭ ئاستىدا «سىن ئادرېسى» دەپ بېرىلگەن ئەڭ ئاخىرى swf بىلەن ئاياغلاشقان ئادرېسنى كۆچۈرۈپ چاپلاڭ. ۋە تەھلىل قىلدۇرۇڭ. ئۇ دەرھال ئەسلىدىكى flv ھۆججىتىنىڭ ئادرېسىنى تېپىپ بېرىدۇ، ئاندىن شۈنلېي ياكى باشقا قورالدىن پايدىلىنىپ، flv نى چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

يانفون ئۈچۈن ئۇيغۇرچە – ئېنگلىزچە – خەنزۇچە لۇغەت JDict (سىناق نۇسخا)

بۇ دېتال s60 يانفونلارنىڭ 3-نەشىرىدە ئىشلەيدۇ. مەن بۈگۈن نوكىيا N80 يانفوندا سىناپ كۆردۈم، ئەمما ئۇيغۇرچە خەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالدى. تېخى سىناق نۇسخا بولغاچقا خاتالىقلاردىن خالى بولىشى ناتايىن. بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلەپ تارقاتقان جەۋلان يۇمشاق دېتال تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا رەھمەت ئېيتىمىز.
تۆۋەندىكىسى جەۋلان يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشى. يۇمشاق دېتالنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى جەۋلان يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسىغا تەۋە
يۇمشاق دېتال نامى: JDict
يۇمشاق دېتال نەشرى: Beta
خىزمەت سۇپىسى: Symbian OS S60v3
چۈشۈرۈش ئورنى
بىر قىسىم يانفونلار يولخېتى تەلەپ قىلسا بۇ يەردىن يولخېتى ئېلىڭ.
رەقەملىك گۇۋاھنامە: يوق
ئەسكەرتىش: 1. يۇمشاق دېتال يانفون ساقلىغۇچىسى بىلەن كۆپ ۋاسىتىلىك كارتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئىشلىتىدۇ، قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفوندا چوقۇم كۆپ ۋاسىتىلىك كارتا سەپلەنگەن بولۇشى ۋە يېتەرلىك بوشلۇق بولۇشى كېرەك.
2. يانفوننىڭ IMEI نومۇرى بىلەن باغلانغان رەقەملىك گۇۋاھنامە بىلەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قاچىلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقىدا ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان، تېخنىكا سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان، سۆزلۈك مىقدارىنىڭ موللىقىدىن كىشىنى تولىمۇ رازى قىلىدىغان لۇغەت يۇمشاق دېتاللىرى ئاللىقاچان مەيدانغا كەلدى. ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ لۇغەت سېتىۋېلىش ياكى قاچىلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئورۇنلاردا ئىنتايىن قۇلايلىق ھالدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان تور لۇغەتلىرىمۇ مەيدانغا كەلدى. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتمۇ يوق شارائىتتىچۇ؟ ئەلۋەتتە، تىرىشچان ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىزدىنىشى بىلەن يانچۇققا سېلىپلا يۈرۈشكە بولىدىغان، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە تولىمۇ ماس كېلىدىغان، كۆپلىگەن ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىرپان، مۇئەللىم ماركىلىرىدىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرمۇ كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى! بۇ ئەلۋەتتە ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىش! بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھازىر ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىسىنىڭ بىرى بولغان يانفون مۇھىتىدا ئىشلىتىلىشى ۋە تېخنىكىلىق تەرەققىياتى بىرقەدەر ئاستا بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبىنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئىزدەش ۋە ھەرخىل چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يانفون دۇنياسىغىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ كىرىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە!
مۇشۇنداق بىر تەقەززا بىلەن بىز ئاز-تولا ئىزدىنىش ئارقىلىق ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئىدراكلىق يانفون مەشغۇلات مۇھىتى – S60v3 تە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش، بۇ مۇھىتقا ماس كەلگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش تېخنىكىسىنىڭ دەسلىپىنى ئىگىلىدۇق. بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشىمىزنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە مانا بۇ يۇمشاق دېتالنى ھەممىڭلارغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمىز!
1. قاچىلاش:
JDict پروگراممىسى بىلەن لۇغەت ئامبىرى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاۋۋال JDict پروگراممىسىنى قاچىلايمىز، ئاندىن لۇغەت ئامبىرىنى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ئورنىتىمىز.
2. كىرگۈزۈش:
خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە سۆز ئىزدەشتە خەت كىرگۈزۈش ئادەتتە قىسقا ئۇچۇر ۋە باشقا ئورۇنلارغا خەت كىرگۈزگەن بىلەن ئوخشاش، بۇنىڭغا باشقىچە ئۇسۇل ئىشلىتىلمىدى. ئۇيغۇرچە سۆز ئىزدەشتە خەت كىرگۈزۈش ئۈچۈن سىناق تەرىقىسىدە ULY ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ يانفون كۇنۇپكا تاختىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش لايىھىسىنى تۈزىۋېلىپ، مۇشۇ ئاساستا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقتۇق. يەنى: يانفون كۇنۇپكا تاختىسىدا 0 گە بوشلۇق، 1 گە ھەرخىل تىنچ بەلگىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا 2 دىن 9 غىچە بولغان كۇنۇپكىلارغا ئىنگلىزچىدىكى 26 ھەرپ چېچىۋېتىلگەن. ULY دا مۇشۇ 26 ھەرپ ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا بىزمۇ مۇشۇ ئىپادىلىنىش شەكلى بويىچە 32 ھەرپنى يانفون كۇنۇپكا تاختىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇق. (دەسلەپتە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىردەك قىلىشنى ئويلاشقان ئىدۇق، لېكىن سىناقتىن مەلۇم بولدىكى، ئادەمنىڭ كومپيۇتېردا خەت كىرگۈزۈش شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى يانفونغا ماس كەلمەيدىكەن…) ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك: (ئىشىنىمىزكى، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ.)
0- ئىنگلىزچىدا: بوشلۇق، JDict تە: بوشلۇق.
1- ئىنگلىزچىدا: . , – ( ) ۋە باشقا تىنچ بەلگىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ئ(ئەمزە) -(سىزىق) ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
2- ئىنگلىزچىدا: a, b, c لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ا، ب، چ لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
3- ئىنگلىزچىدا: d, e, f لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: د، ە، ې، ف لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
4- ئىنگلىزچىدا: g, h, i لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: گ، غ، ھ، ى لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
5- ئىنگلىزچىدا: j, k, l لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ج، ژ، ك، ل لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
6- ئىنگلىزچىدا: m, n, o لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: م، ن، و، ۆ، ڭ لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
7- ئىنگلىزچىدا: p, q, r, s لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: پ، ق، ر، س، ش لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
8- ئىنگلىزچىدا: t, u, v لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ت، ۇ، ۈ لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
9- ئىنگلىزچىدا: w, x, y, z لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ۋ خ، ي، ز لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
3. باشقۇرۇش:
JDict نىڭ ئىچكى قىسمىدا باش تىزىملىكتىن باشقا ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە يانفوننىڭ سول تەرەپ ئىقتىدار كۇنۇپكىسى «جەزملەش»، ئوڭ تەرەپ ئىقتىدار كۇنۇپكىسى «قايتىش» ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. يانفوننىڭ ئوتتۇرىدىكى نورمال ھالەتتىكى جەزملەش كۇنۇپكىسى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاچقا بۇ كۇنۇپكا ئىشلىتىلمىدى.
4. لۇغەت ئامبىرى:
لۇغەت ئامبىرى كۆپ ۋاسىتىلىك كارتىغا قاچىلىنىدۇ. ئورنى كۆپ ۋاسىتىلىك كارتا ئاستىدىكى JDict مۇندەرىجىسى(يەنى، E:\JDict مۇندەرىجىسى). جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى تارقاتقان باشقا ئامبارلارنى توردىن چۈشۈرۈپ، مۇشۇ ئورۇنغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىزلا JDict تە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. JDict قاچىلانغاندا 32 سۆزلۈكى بار ئىككى سىناق ئامبارنى بىللە قاچىلايدۇ. باشقا ئامبارلار تەييار بولدى، بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ئىشلىتىشىڭلارغا سۇنىمىز.
5. مۇھىم ئەسكەرتىش:
JDict پروگراممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلانغاندىن كېيىنلا چوقۇم يانفوننى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىڭ! بولمىسا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن!




چۈشۈرۈش ئورنى1
چۈشۈرۈش ئورنى2

بىر قىسىم يانفونلار يولخېتى تەلەپ قىلسا بۇ يەردىن يولخېتى ئېلىڭ.

كومپيوتېردا شۈنلېي ئوچۇق بولسا چۈشمەيدۇ.
يۇمشاق دېتالنى ئىشلىگەن شىركەت: www.jewlan.com

سىمبىيان s60 يانفونلاردىكى يولخېتى مەسلىسىنى ھەل قىلىش

سىمبىيان s60 يانفونلارنىڭ 3-نەشىرىدىكى نۇسخسىدا كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىغاندا ئۇنىڭغا يانفوننىڭ IME نومۇرى ئارقىلىق ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئىمزانى قويۇش ئۈچۈن مۇشۇ يۇمشاق دېتالنى مۇشۇ يانفونغا قاچىلايدىغان يول خېتى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. بۇ يول خېتىنى پەقەت سىمبىيان شىركىتى رۇخسەت بەرگەن شەخس ۋە شىركەتلەرلا ياسىيالايدۇ. بۇنداق ياسىيالايدىغان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ Symbian شىركىتىدە Publisher ID سى بولىدۇ. بۇ خىل Publisher ID نى TC شىركىتى ساتىدۇ. باھاسى 200 دوللاركەن. مەن سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇر سىمبىيان يانفونى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەقسىز يولخېتى ياساپ بېرەي دەپ ئويلىغان ئەمما ھازىرچە بۇنداق تىپلىق يانفون ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ھەم بۇ 200 دوللار ئادەتتىكى بىر سىمبىيان يانفوننىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىن.
بۇ مەسلىنى چىرايلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن دوستلارغا يولخېتى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان بىر مۇنبەرنى تونۇشتۇراي. مەن ئىككى ئايدىن بۇيان كۆزەتسەم، ئۇلار ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم 2000 ئادەمگە سىمبىيان يول خېتى ياساپ بېرىدىكەن. ھەر ئىككى كۈندە يېڭىلاپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇنبىرىگە تىزىملاتقاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئادرېسىتىكى ئەڭ يېڭى، ئەڭ چوققۇسىدىكى تېمىغا كىرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ يانفون تىپى ۋە يانفوننىڭ IME نومۇرىنى تەمىنلىسىڭىزلا ئۇلار يەنە شۇ تېمىدا بىر كۈندىن كېيىن سىزگە مەخسۇس يولخېتى ياساپ، چۈشۈرۈشنى تەمىنلەيدىكەن.
بۇ يول خېتىنى مەخسۇس يانفون يۇمشاق دېتالىغا ئىمزا قويىدىغان قورال ئارقىلىق يانفوندا ياكى كومپيوتېردا يۇمشاق دېتاللارغا ئىمزا قويغىلى بولىدۇ. ئىمزا قويغاندىن كېيىنكى يۇمشاق دېتال s60 ئۈچۈنچى نەشىرىدىكى يانفونلارغا ھىچقانداق خاتالىقسىز نورمال قاچىلىنىدۇ. بۇ ئىمزانىڭ ۋاقتى 3 يىللىق بولۇپ، سىز شۇ يۇمشاق دېتالنى ئۈچ يىلغىچە نورمال ئىشلىتەلەيسىز.
مۇنبەردىكى يول خېتى ئېلىش ۋە تەمىنلەش ئادرېسى:
s60bbs.s80.cn/index.asp?boardid=16
يول خېتى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە يۇمشاق دېتالغا ئىمزا قويۇش
http://http://s60.s80.cn/Article/Html/1412.html
ئەسكەرتىش:
تەكلىماكان بلوگدا تەمىنلەنگەن 3-تەرەپ تور ئادرېسلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ.
بۇ يازما يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىلىك كۇلۇبىدا رەشىت ئەپەندىم يولخېتى ئېلىشقا ئائىت يەنە بىر ئۇسۇلنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

نوكىيانىڭ ئۇيغۇرچە (ULY) يۇمشاق دېتاللىرىغا بېلەت تاشلاڭ.

نوكىيا ۋە باشقا symbian سېستىمىلىق يانفونلارغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان Office ، مۇزىكا قويغۇچ، smartmovie، توركۆرگۈچ، كىتاب ئوقۇغۇچ، PDF كۆرگۈچ دىگەندەك نۇرغۇنلىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار بار. ئەمما بۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە ئەمەس. ئەمما يانفوننىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولمىغان ئەھۋالدا بۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. خۇددى خەنزۇچە سېستىمىلىق windows قا ئاپىرىپ ئۇيغۇرچە word نى قاچىلىغاندەك. ئەمما ئۇيغۇر (UEY) يېزىقىنى يانفوننىڭ ئەسلى تىلى قوللىمغاچقا قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ULY دا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشنى ئويلاشتۇق. بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش بولغاچقا دوستلاردىن پىكىر ئالماقچى.
سىز پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ جاۋابنىڭ بىرىنىلا ئىنكاس قىلىپ يېزىپ بەرسىڭىز بولدى.
1. جاۋاب: OK
ئەگەر پىكرىمىزگە قوشۇلسىڭىز، OK دەپلا ئىنكاس يېزىڭ. ھەم بىز پات ئارىدا ۋە ئۇزۇن مەزگىل ياخشى يۇمشاق دېتاللارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرىمىز.
2. جاۋاب: NO
ئەگەر ULY غا تەرجىمە قىلسا بولمايدۇ. ئوقۇماق تەس، UEY غا تەرجىمە قىلىش كېرەك. ياكى يانفون ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىمىغاندىن كېيىن، لاتىنچە كۆرسەتسە نىمە ئەھمىيىتى… دىگەندەك پىكىرلەردە بولسىڭىز NO دەپلا ئىنكاس يېزىپ بېرىڭ.
3. جاۋاب:
ئەگەر سىزنىڭ باشقىچە پىكرىڭىز بولسا ئۈچۈنچى سۇئالغا جاۋاب يېزىڭ. باشقىچە پىكىر يېزىش ئۈچۈن imla.blogbus.com دا خەتنى يېزىۋېلىپ، ئىنكاس رامكىسىغا كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ تېمىغا يېزىلغان ئىنكاس 100 دىن ئاشقاندا يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىشنى باشلايمىز. دوستلارغا رەھمەت!

تۈركچە-ئېنگلىزچە\ئېنگلىزچە-تۈركچە يانفون لۇغىتى (S60 ئۈچۈنچى نەشىرى)

بۇ يانفون لۇغىتى سلوۋو شىركىتى ئىشلىگەن يېشىۋىتىلگەن لۇغەت. ئەسلى باھاسى 69 دوللار. بۇ يەردە ھەقسىز ئىشلىتەلەيسىز. تۈركچە سۆزلۈك 65345 دانە؛ ئېنگلىزچە سۆزلۈك 57296 دانە؛ بۇنى تەكلىماكان بلوگنىڭ قۇربان ھېيتلىق سوۋغىسى دەپ چۈشىنىڭ.
قاچىلىنىدىغان يانفون:
Symbian S60 3rd نۇسخا (نوكىيا سىمبىيان 3-نەشىرى)
بۇ خىلدىكى يانفونلارنىڭ رەسىملىك كۆرۈنۈشى (ئەگەر يانفونىڭىز رەسىمدە بولسا ok)
قاچىلاش ئۇسۇلى
rar ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ يەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىدە تىزىملاش نومۇرى ۋە يەنە بىر ھۆججەت قىسقۇچ بار، ھۆججەت قىسقۇچتىكى mator دىگەن ھۆججەت لۇغەت قوزغىتىش ماتورى بولۇپ، ئۇنى چوقۇم يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ سىغىمىغا قاچىلاڭ. سۆزلۈك ئامبىرى s-ambar دىگەننى سىغىم كارتىغا قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھۆججەتلەرنى كارتا ئوقۇغۇچ ئارقىلىق ئاۋال يانفون سىغىم كارتىسىغا چاپلىۋالسىڭىز ياكى كۆكچىش، قىزىلنۇر ئارقىلىق يانفونغا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ماتورنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سىزدىن تىزىملاشنى سورايدۇ. بۇ چاغدا سىز تىزىملاش نومۇرىنى كىرگۈزۈپ OK قىلسىڭىزلا بولىدۇ. تىزىملاش جەريانىدا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن لۇغەت ماتورىنى ئۆزىڭىز چۈشىنىدىغان تىلنى تاللاپ قاچىلاڭ.
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يانفوننى قايتا قوزغىتىڭ.
تەكلىماكان بلوگ NOKIA N80 ۋە NOKIA N76 يانفوندا سىناپ ئوڭۇشلۇق بولغان.
چۈشۈرۈش ئورنى: Microsoft SkyDrive دىن چۈشۈرۈش
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
لۇغەتنى ئاچقاندىن كېيىن Options ئىچىدىن Direction نى تاللاپ لۇغەت يۆلىنىشىنى ئېنگلىزچىدىن تۈركچىگە ياكى تۈركچىدىن ئېنگلىزچىگە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
لۇغەت ماتورىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلاپ تىزىملاتقاندىن كېيىن، يەنە باشقا تىل بولاقلىرىنىمۇ قاچىلاشقا بولىدۇ. ئەگەر باشقا تىل بولاقلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ.
ئەگەر سىز ئۇيغۇرچە ULY تىل بولىقى ئىشلەپ بىزگە تەمىنلىمەكچى بولسىڭىز سىزگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
تەكلىماكان بلوگدا تەمىنلەنگەن symbian غا مۇناسىۋەتلىك ئوبدان نەرسىلەرنىڭ ئادرېسى:
baliq.blogspot.com/search/label/symbian