A turkology blog

Archive for the ‘texnika’ Category

Toyota ۋەلىسپىت چىقىرىدۇ – سۈرەتلىك

تويوتا شىركىتى ئۆزىنىڭ A3 قەغەزچىلىك چوڭلۇقتىكى ۋەلىسپىتلىرىنى ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ بولغان بولۇپ، كېلەر ئايدا ئىككى دۆلەتتە سىناق تەرىقىسىدە ساتقاندىن كېيىن، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا پۈتۈن يەرشارىدا بازارغا سالىدىكەن. بۇ ۋەلىسپىتلەرگە Winglet دەپ ئات قويۇلغان بولۇپ، شەكلى ئىخچام، ئىنتايىن چىرايلىق، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. بۇنىڭغا تەكلىماكان بلوگدا ۋەلىسپىت دەپلا ئېنىقلىما بەردۇق، ئەمما بۇ ماشىنا، ۋەلىسپىت ۋە موتوسىكىلىتلارغا ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر خىل قاتناش قورالى. تويوتا شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە بۇ ۋەلسپىتلەر توك ئىشلىتىدىكەن.