A turkology blog

Archive for the ‘torsoda’ Category

توردا سودا قىلىشتا قانداق تەييارلىق قىلسا ئاسان كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

ھازىر Ebay دە سودا قىلمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ. مېنىڭچە تور سودىسىدا Ebay دىن باشقىدا چوڭ-چوڭ پۇل تېپىش بەك تەس. چۈنكى ئىبەينىڭ دائىرىسى پۈتۈن يەرشارىدىكى 190 دۆلەتنى قاپلايدۇ. سىزنىڭ مېلىڭىزنى ھەممە يەرلىكلەر كۆرىدۇ. ئۇنداقتا قانداق تەييارلىق بولغاندا توردا مۇۋەپپەقىيەتلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ.
1. كومپوتېر بولۇشى كېرەك.
ئامال بار يانكومپيوتېر بولسا ياخشى. چۈنكى قاچانلا بولسىڭىز سودا قىلالايسىز. بەلكىم سىز يولدا كېتىۋاتقاندا خېرىدار ئىزدەپ قېلىشى مۇمكىن. بىر دانە نىمكەش IBM ياكى Dell ئېلىشقا مېنىڭچە 2000 يارماقتىن ئارتۇقراق پۇل كېتەر. دەسلەپ ئىش باشلىغاندا بەك پېچەت يېڭى كومپيوتېر بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما IBM, DELL, SONY Lenovo قاتارلىق ماركىلاردىن باشقىسىنى ئەرزان بەرسىمۇ ئالماڭ. قاتتىق دىسكا 10G دىن يۇقىرى، ئىچكى ساقلىغۇچ 512 دىن يۇقىرى، ئېكران 10 دىيومدىن يۇقىرى بولسا بولدى. بۇنداق سەپلىمىلىك كومپيوتېر مەن دىگەن باھادىنمۇ ئەرزان بولۇشى ئېھتىمال.
2. بىر دانە رەقەملىك كامېرا (فوتو ئاپپارات).
2 مېگا پىكسىلدىن يۇقىرى كامېراسى بار يانفون بولسىمۇ بولىدۇ. 800 يۈەن ئەتراپىدىكى پۇل بىلەن بۇنداق يانفون سېتىۋالغىلى بولىدۇ. نوكىيا، موتورولا، SonyErricson ، سامسۇڭ، Palm، ئايفون دىن باشقىلىرىنى ئالماڭ ! مېنىڭچە Samsung بىلەن SonyErricson نىڭ كامېراسى بەك ياخشى.
3. بانكا كارتىسى
ئامال بار ئەتراپىڭىزدا بار بارلىق بانكىلارنىڭ كارتىسىنى بېجىرىڭ. خېرىدارغا ئەڭ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىڭىز كېرەك. بەزى خېرىدارلار پۇلنى سىزنىڭ ھىسابىڭىزغا بىۋاستە سالىدۇ. بولۇپمۇ دائىملىق خېرىدارلار. ئەڭ كەم دىگەندە بىر بانكىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇڭ. بۇنى پايپال قاتارلىقلارغا ئۇلاشقا ئىشلىتىسىز. قەتئى ئۇنتۇپ قالماڭ. تولۇق ئېچىش ئۈچۈن بانكىغا ئازراق رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرۇسىز. ئۇلار سىزگە U-قالقان ياكى ئىم-كارتا دىگەندەك نەرسىلەرنى سېتىشى مۇمكىن. بۇلار سىزنىڭ توربانكا ھىساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن. بارلىق بانكا كارتا ۋە توردىكى ھىساباتلارنىڭ ئۇچۇرلىرى، مەخپى نومۇرلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر دىگەن ئۇسۇلدا ساقلاڭ. (ئېلخەت ئەڭ بىخەتەر بولۇشى ناتايىن. بۇنى ئامال بار سىز ۋە خۇدادىن باشقا ھىچكىم ئۇقمايدىغان يەردە ساقلاڭ.).
4. توردا ھىساب ئېچىش
ئەڭ ئاۋال ھىساب ئاچىدىغان تور بەتلەر پايپال، ئىبەي، ئەلى بابا، تاۋباۋ، پەيپەي، بەيدۇ-بار، ئامازون، ئەپەندى قاتارلىقلار …. دىققەت قىلىڭ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەق ئالىدۇ. مەسلەن ئىبەي خەلقئارادا دۇكان ئاچسىڭىز چىقارغان مەھسۇلاتىڭىزنىڭ باھاسىنى پېرسەنتلەشتۈرۈپ ئازراق ھەق ئالىدۇ. ئەمما سېتىلىشى ياخشى بولىدۇ. ھەم سىز ھەقنى جېقراق تۆلەپ مېلىڭىزنى باش بەتتە كۆرۈنىدىغان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلى بابادا دۇكان ئاچسىڭىز ، مەن ئاچقاندا 2300 يۈەن ئالاتتى. ھازىر قانچە پۇل ئۇقمايمەن. ئەمما ئەلى بابا كۆپۈنچە توپ ماللارغا ۋە شىركەتلەرگە بەكرەك ماس كېلىدۇ. ئەلى بابادا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئورگانلىرى تارقاتقان تىجارەت كېنىشكىڭىز بولىشى كېرەك. بەزى تور بەتلەر ھەق ئالمايدۇ. مەسلەن پەيپەي. ئەمما ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دىگەندەك سودىمۇ ياخشى بولمايدۇ ئۇنداق تور بەتلەردە.
5. بانكا كارتىسىنى تور بانكىغا ئۇلاش.
بانكا كارتىڭىزنى مېنىڭچە سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى Alipay ۋە Paypal غا ئۇلىشىڭىز كېرەك. يەنى بانكا كارتىدىكى پۇلنى توردا تۇرۇپ Alipay ياكى Paypal ھىسابىغا يۆتكەيدىغان، Paypal ۋە Alipay دىكى پۇلنى توردا تۇرۇپلا بانكا كارتىسىغا يۆتكەيدىغان قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەقتىكى ئىشلاردىن خەۋرىڭىز يوق بولسا ھەم قىلالمىسڭىز ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بۇ ھەقتە مەن ئايرىم توختىلىپ ئۆتسەممۇ بولىدۇ.
6. ئالاقە يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش
GoogleTalk ۋە MSN غا تىزىملىتىڭ. QQ ۋە ICQ دىن نومۇر ئېلىڭ. Yahoo ھەم Aim لەردىمۇ ھىسابىڭىز بولسۇن. ھازىر GoogleTalk بىلەن Aim دە، MSN بىلەن Yahoo دا ئۆز-ئارا پاراڭلاشقىلى بولىدۇ. يۇقارقى قوراللارنىڭ ھەممىسىگە تىزىملىتىپ. كومپيوتېرىڭىزدا QQ,MSN,GoogleTalk لارنىڭ ھەممىسىنى ئوچۇق قويۇڭ. چۈنكى جۇڭگولۇق خېرىدارلار QQ دا سىز بىلەن سودىلىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلار Aim ياكى Yahoo دا سودىلىشىدۇ. ھىندىستانلىقلار GoogleTalk نى ئىشلىتىشى مۇمكىن. باشقىلار MSN نى دىگەندەك. ئىشقىلىپ خېرىدار سىز ئۈچۈن مەخسۇس بىر يۇمشاق دېتالنى كومپيوتېرىغا قاچىلاپ ئولتۇرمايدۇ. خېرىدار نىمە ئىشلەتسە سىزدە شۇ پاراڭلىشىش قورالى بولسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىنى ئېچىپ قويسىڭىز يۇقىردىكى سەپلىمىسى بار كومپيوتېر ئىنجىقلاپ كەتمەيدۇ.
مېنىڭ تەكلىپىم 2 دانە ئېلخەت ئادرېسى ئىشلىتىڭ. ئۇنىڭ بىرى مەخسۇس بانكا ھىسابى، پايپال دىگەندەكلەرنى باشقۇرۇشقا ماڭىدۇ. بۇلارنى ھىچكىمگە ئاشكارىلىماڭ. پەقەت پۇل قوبۇل قىلغاندا دەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
يەنە بىرسىدە سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇھىم تور بېكەتلەرگە تىزىملىتىشتا ئىشلىتىسىز. خېرىدار ۋە بارلىق IM لارغىمۇ مۇشۇ ئېلخەت ئادرېسىنى ئىشلىتىڭ. ئامال بار بارلىق پاراڭلىشىش قورالىغا بىرلا ئېلخەت ئادرېسى ئىشلىتىڭ. مەسلەن خالىغان ئېلخەت ئادرېسىنى خالىغان IM دا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. مەسلەن:
palani@mail.com دەيدىغان بىر ئېلخەت ئادرېسى بولسا بۇ ئارقىلىق Google ھىسابىغا تىزىملاتقىلى بولىدۇ. ھەم GoogleTalk نى ئىشلىتەلەيسىز. Aim ھىسابىنى قاچىلاشقا بولىدۇ. ھەم MSN غىمۇ مۇشۇ ئېلخەتتە تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ. MSN ياھۇغا ئۇلىنالايدۇ. QQ غىمۇ باغلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
يانفون – يانفون بولۇشى كېرەك. يانفون نومۇرى ۋە بارلىق IM لارنىڭ ئادرېسىنى سىز مەھسۇلات ئېلان قىلغان بەتتە ئېلان قىلىڭ. خېرىدار سىزنى ئاسانلا تاپالايدىغان بولسۇن. يانفون نومۇرىغا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭكىنى تاللاڭ. چۈنكى GPRS مۇلازىمىتى بار. ھازىر بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭمۇ بارمىش. ئەمما مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم. ئايدا 20 يۈەنلىك GPRS مۇلازىمىتىنى ئېچىپ قويسىڭىز بىر ئاينىڭ ھەممە كۈنىدە تۆت-بەش قېتىمدىن ئېلخەت ساندۇقىنى ئېچىشقا يېتىدۇ. يوتقاندا ياتقاندىمۇ سودا قىلىۋېرىسىز.
ئاندىن دوست. پوچتىخانا ۋە بانكا قاتارلىقلارغا يېقىن دوستىڭىز بولسا ياخشى. بەزىدە سىز ئېتىز بېشىدا، تونۇر بېشىدا بولۇپ قالسىڭىزمۇ مال سېلىش- تاپشۇرۇپ ئېلىش دىگەندەك ئىشلارنى قىلالايدىغان يول بولسۇن. مېنىڭ مۇقىم خىزمەت ۋاقتىم بار دەپ ئېشىۋالماڭ. خېرىدار سىزنى قاچان لازىم قىلسا شۇ چاغدا ھازىر بولۇڭ. چۈنكى سودىگەر دىگەپ كۆپ. سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولمىسا ئورنىڭىزغا ئادەم بار ! سىز مۇلازىمەتنى ئوبدان قىلسىڭىزلا بازار سىزنىڭ ! پۇل سىزنىڭ ! كېلەچەك سىزنىڭ !
7. خاتېرە دەپتەر.
notebook.google.com دىن خاتېرە دەپتەر تۇتۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياكى مەخسۇس بىر خاتېرە دەپتەر (ئەمەلىي تۇرمۇشتا) تۇتۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ خاتېرە دەپتەرگە مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن سىزدىن مال سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئات-تەگئاتى، ئورنى، تېلفون نومۇرى، مۇمكىن بولسا تۇغۇلغان كۈنى، مىللىتى، كەسپى (كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك بايرام كۈنى)، ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي بايرىمى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى يېزىۋېلىڭ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلار ئۆزى دەپ بېرىدۇ. دەپ بەرمىسە سورىماڭ. مىللەتلەرنىڭ بايرىمى ۋە قۇتلۇق كۈنى دىگەنلەرنى گۇگول دەپ بېرىدۇ.توغۇلغان كۈنى دىگەنلەر Facebook دا بار. مۇناسىۋەتلىك بايراملارنى ھەم ئىزدەپ تاپالايسىز. خېرىدار مەيلى يوغان مەيلى ئۇششاق مال سېتىۋالغان بولسۇن، ئۇنىڭ تىپى ۋە يىپيدىن يېڭنىسىغىچە خاتېرلەپ مېڭىڭ.
بۇلارنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟ كېيىنكى مەزمۇنغا قاراڭ.
8. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت پوزىتسىيسى
سىزدە چوقۇم بۇنداق پوزىتسىيە بولىشى كېرەك.
سىزدىن مال سېتىۋالغانلىكى خېرىدارنىڭ ئۇچۇرىنى خاتېرلىۋالدىڭىز. سىزدىن مال سېتىۋالغانلاردىن مەزگىللىك ھالدا ئەھۋال سوراپ تۇرۇڭ. يىراقتا بولسا IM ۋە Email دە. چۈنكى پۇل كەتمەيدۇ. يېقىندا بولسا تېلفوندا، چۈنكى جېق پۇل كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ توغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. دوست بولۇپ قالىسىلەر. ھەم كېيىنچە يەنە سىزدىن ئالغان مال لازىم بولسا يەنە سىزدىن ئالىدۇ. ھەم دوستلىرىغا لازىم بولسا سىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىر خېرىدارنىڭ كەينىدە 400 خېرىدار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ. ئۇلارنىڭ بايرام كۈنىدە چوقۇم خەت يېزىڭ ياكى تېلفون قىلىڭ. بىر يىلدا دىگەن جېق بايراملار بار. ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، قىز بالا بولسا خانىم-قىزلار بايرىمى، خرىستىئان بولسا مىلاد بايرىمى، مۇسۇلمان بولسا ئىككى ھېيت ! ئۇلارنىڭ باشقا مىللىي بايراملىرى دىگەندەكلەر. بىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. سودا قىلغاندا بەك مۇتەسسىپ بولۇپ كەتمەڭ. سىزدىن مال ئالغانلار يەھۇدى بولسىمۇ مەيلى ! ئۇنىڭغا ئىزچىل ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھىچقانداق خېرىدارنىڭ ئىرقىي، مىللىتي ۋە باشقا ئارتۇق (كەملىكى) ۋەجى بىلەن ئۆچ بولۇپ قالماڭ.
سىز مەھسۇلاتنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ھەم پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ مەھسۇلاتنى ياقتۇرغان ياكى ياقتۇرمىغانلىقى، ئىشلىتىش ياكى ئىستىمال قىلىشتا قيىنچىلىق بار يوقلۇقىنى سوراپ ئالاقە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەگەر سېتىۋالغۇچى مال قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ئەگەر مەھسۇلات ئىككىنچى قېتىم سېتىشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسىلا قايتۇرۋېلىڭ. چۈنكى شەرتسىز مال قايتۇرۋېلىش ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودىگەرنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى. مال قايتۇرۇپ بېرىش سەۋەبلىك خېرىدار بىلەن زاكۇنلاشماڭ. قەتئى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭ. ئۇ سىزنىڭ بۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياقتۇرمىسا ئۇ مەھسۇلاتىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. مەھسۇلاتىڭىز ياقمىسا سىز يېقىپ قالىسىز. تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. سودىگەر دىگەن چىداش كېرەك ! بىلىپ قېلىڭكى زىيان پايدا بىلەن بىللە ! زىيان پايدىغا ئاي كۈنگە ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ. پايدىلا چىقىپ زىيان چىمىسا سەل قورقۇنۇشلۇق.
ئەمما، بىراق، لېكىن مەن ئالاقىلىشىڭ دەپ قويسام خېرىدارنىڭ ئالدىراش ۋاقتلىرىدا تولا تېلفون قىلىپ ئاۋارە قىلماڭ. ئەر كىشى بولسىڭىز ئېرى بار ئايال خېرىدارلارغا تولا تېلفون قىلماڭ. قىز بالا بولسىڭىز خوتۇنى بار ئەر خېرىدارلارغا كۆپ يېقىنلاشماڭ. ئۇلار بىلەن سىز ساتقان مەھسۇلات ۋە مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلىرى ھەققىدىلا گەپ ئاچسىڭىز بولدى. مۇناسىۋەتسىز پاراڭلارنىڭ بولۇشى سىزنىڭ چاكنا ئادەملىكىنڭىزنى، سودا ساھەسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايسىز.
9. بلوگ، تورتۇرا، تورخاتېرە
بۇ بەك مۇھىم! بەكمۇ مۇھىم. سىز ھەرقانداق بىر مەھسۇلات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى ئاۋال بۇرۇن چوقۇم بۇ مەھسۇلاتنى بلوگدا بىر ئېلان قىلىڭ. ھەم سىز مەھسۇلات ئېلان قىلغان سودا تورىغا مېنىڭ تورتۇرايىمدىكى مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ مەخسۇس بېتى دەپ ئۇلىنىش قىپ قويۇڭ. بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
چۈنكى بارلىق سودا تور بېكەتلىرىنىڭ سىزنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايدىغان ۋاقت چېكى بار. مەسلەن 14 كۈن. سىز ئېلان قىلغان مەھسۇلات 14 كۈندىن كېيىن توردىكى مال يايمىسىدىن چۈشۈرۋېتىلىدۇ. ئەمما بلوگدا ئېلان قىلىپ قويسىڭىز يوقاپ كەتمەي تۇرىدۇ. 14 كۈندىن كېيىنمۇ خېرىدار كۆرەلەيدۇ. ئىزدەش ماتورلىرى ئارقىلىق تاپالايدۇ. بلوگدا ھەم ھەر بىر مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغاندا ئىبەيدىكى دۇكان، پەيپەيدىكى دۇكان، تاۋباۋدىكى دۇكان دەپ ئايرىم – ئايرىم ئەسكەرتىپ يېزىپ قويۇڭ.
بلوگنى سىز ئۇقىدىغان تىلدا يېزىڭ. تۆۋەندىكى تىلنى سۆزلەيدىغانلار دۇنيادا كۆپ، شۇڭا خەلقئارا سودا قىلىدىغان ئادەم بۇ تىللارنىڭ بىرە-ئىككىسىنى ئۆگىنىپ قويۇڭ. توردا ئۆگەنمەك ھەم ئاسان. ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىسىز.
ئېنگلىز تىلى
خەنزۇ تىلى
ئەرەب تىلى
ھىندى تىلى
رۇس تىلى
بلوگنى تەكلىماكان بلوگ يېزىلىۋاتقان BlogSpot.com ياكى BlogBus.com دىن ئالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنى مەن ياقتۇرىمەن. MySpace ياكى باشقا ئورۇندىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە. تەكلىماكان بلوگدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇلارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئاسانلا ئۇيغۇرچە بلوگقا ئېرىشەلەيسىز.
ئەمما بىر ئەسكەرتىش بېرىپ قوياي. مەخسۇس بوشلۇق ئېلىپ، ئايرىم سېستىما قاچىلاپ. ھەقلىق تور نامىغا بلوگ قۇرماڭ. ئۇنداق بلوگنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىشى ناتايىن. ھەم ئاۋارچىلىق كۆپ. ئاسراش-ياساش دىگەندەك ئىشلار سودىنى ئاقسىتىدۇ. BlogSpot ۋە Blogbus دىكىلەر مەخسۇس مۇشۇ ئىشلارنى قىلغاشقا سودىدىن باشقا ئىشلارنى شۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەكمۇ بولار. توردا سودا قىلىش ئۈچۈن مۇرەككەپ JavaScript بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىڭىز ھاجەت ئەمەس.
10. مال مەنبەسى ۋە توشۇش يولى
سىز ساتماقچى بولغان مەھسۇلاتنى ئامبارغا يىغىۋېلىشىڭىز ھاجەتسىز. ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتكە ھەممە ئىشنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ئادەتتىكى توپ باھادا مال كىرگۈزۈش يولىنى ئېچىڭ. ھەم مالنى خېرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزىدىغان بارلىق توشۇش يوللىرى ۋە ئۇلارنىڭ باھاسىنى ئېنىقلاپ، مەھسۇلات چۈشەندۈرگەندە بۇلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىڭ.
ئادەتتە ھەممە ئادەم بەك بىلىپ كەتمەيدىغان ماللارنىڭ باھاسىنى يۇقىرى قويىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما مالنىڭ سۈپىتى ئىشەنچىلىك بولسىلا خېرىدار سىزدىن باھا جەھەتتە نارازى بولۇپ يۈرمەيدۇ.
بىر چاغدا 2000 يۈەنگە ساتقان بىر مۇقامنىڭ CD پلاستىنكىسى ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغان چىقىپ قالدى. ئۇنى ئىككىلەنمەيلا قايتۇۇرپ بەردىم. ئەمما ھىچ ۋاقەسى يوق ! مال قايتۇرۇش دىگەن بوپ تۇرىدىغان ئىش. نورمال ئىش ! ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىۋاتقان سودىگەر دائىم قىلىپ تۇرىدىغان ئىش !
11. ۋاقت – بولۇپمۇ كومپيوتېر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ۋاقت
سىزنىڭ ئامال بار ھەر كۈنى 2 سائەت ئەتراپىدا كومپيوتېر ئالدىدا مۇقىم ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز بولسۇن. بۇ ۋاقتتا ماللارنى يېڭىلاپ چىقىرىسىز، كونىراپ قالغانلىرىنى چۈشۈرىسىز. يېڭى نۇسخا چىقسا خەۋەرلەر ئېلان قىلسىز.
سىز كۆپرەك توردا بولالايدىغان ۋاقتنى بلوگ ۋە مال تونۇشتۇرۇش بەتلىرىدە ئېلان قىلىڭ. چۈنكى خېرىدار سىز بىلەن شۇ ۋاقتتا توردا پاراڭلاشماقچى بولۇشى مۇمكىن.
يەنە باشقا ھۈنەرلەر ئېسىمگە كەلسە ئۇلاپ يېزىشىم مۇمكىن. بىر قىسىم مەزمۇنلار ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئوقۇرمەنلەرگە چۈشىنىكسىز ياكى قىيىنچىلىق بار بىلىنسە تولۇقلارمەن. بۇ يازمىغا ئىنكاس يازغىنىڭلارغا رەھمەت !
تەكلىماكان بلوگدىن – تەكلىماكان.

خەلقئارالىق بانكا كارتىسىنى توردا بېجىرىش

ئادەتتە خەلقئارا سودا قىلىدىغانلار ئۈچۈن ھەرقايسى بانكىلارنىڭ خەلقئارالىق مۇلازىمىتى ئېچىلغان كارتىلىرىنى بېجىرىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ، بېيجىڭدىكى بىر شىركەتنىڭ ئېلانى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. ھەرقايسى بانكىلارنىڭ خەلقئارالىك كرېدېت كارتىسىنى بېجىرىپ بېرىدىكەن. خەلقئارالىق كرېدېت كارتىسى زۆرۈر بولمىغانلارنىڭ بۇنى بېجىرىشى ھاجەتسىز. ئادەتتە نۇرغۇن تور ئېلان شىركەتلىرى Paypal ياكى Western Union ئارقىلىق پۇل تۆلەيدۇ. بۇ پۇللارنى بانكىلارنىڭ ئادەتتىكى «قوش پۇل» كارتىسى ئارقىلىقلا ئالغىلى بولىدۇ. ھەم يېقىندا پايپال شىركىتى جۇڭگودىكى ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىنى (جۇڭگو قۇرلۇش، سودا-سانائەت بانكىسى) Paypal خەلقئارا ھىساباتىغا ئۇلاش ئىقتىدارىنى ئاچتى. شۇڭلاشقا توردىكى خەلقئارلىق شىركەتلەر مەسلەن Ebay دىگەندەكلەردىن كېلىدىغان كىرىمنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا كرېدېت كارتىسى بېجىرىش زۆرۈر ئەمەس.
خەلقئارا كرېدېت كارتىسىنى بېجىرگەندە ھەق ئالىدۇ. ھەم ئۇنىڭ يىللىق ئىشلىتىش ھەققى بار. ئەگەر سودا-سارايلاردىن مەزكۇر كارتا ئارقىلىق مال سېتىۋېلىپ، بانكىلار بەلگىلىگەن چەكتىن ئاشسا يىللىق ئىشلىتىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. مەسلەن سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ «جۇڭگو نىفىتى خەلقئارا ئىناۋەت كارتىسى» نىڭ يىللىق ئىشلىتىش ھەققى 200 يۈەن. ئەگەر سىز بىر يىل ئچىدە سودا سارايلاردىن مۇشۇ كارتىنى ئىشلىتىپ 5 قېتىم مال سېتىۋالسىڭىز ياكى سېتىۋالغان ئومۇمى مال پۇلى 500 يۈەندىن ئاشسا بۇ 200 يۈەنلىك ئىشلىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدىكەن. ھەم مەزكۇر كارتىدا ھىچقانداق قالدۇق پۇل يوق ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10000 يۈەن (قەرز ھىسابىدا) پۇل چىقارغىلى بولىدىكەن.
بېيجىڭدىكى Loofi.Inc دەيدىغان بۇ شىركەت بېجىرىپ بېرىدىغان كارتىلار ھەم يۇقارقىدەك كارتا. توردىلا بىۋاستە بېجىرگىلى بولىدىكەن. قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق كىملىكىڭىزنى جەزىملەشتۈرىدىكەن. ئەلۋەتتە ئۇلار سىزدىن ئازراق نەپ ئۈندۈرۋېلىشى مۇمكىن.
ئادرېسى: http://www.loofi.cn/
(ئەگەر ھەر قانداق زىيانغا ئۇچرىسىڭىز تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ.)

بەيدۇ بار ۋە بەيفۇباۋ ئېلان قىلىندى.


بەيدۇنىڭ تاۋباۋ تورىغا ئوخشايدىغان بازار مۇلازىمىتى بەيدۇ بار ! خەنزۇچە Baidu YouA ئۆتكەن ئايدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ ھازىر رەسمى ئېچىۋېتىلدى. ئىبەي، تاۋباۋ، پەيپەي قاتارلىقلاردا دۇكان ئاچقان دوستلار مېنىڭچە بەيدۇدىمۇ ئېچىپ قويسا بولىدۇ. دۇكان ئېچىش ھازىرچە ھەقسىزكەن.
يېقىندىن بۇيان بەيدۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئېلان قىلغان بەيدۇ بوشلۇقى باشقىلارغا ئانچە ياقمىدى. بەيدۇ بلوگ ئىزدەش ماتورى ھەم بەيدۇ بوشلۇقىدىن باشقا نەرسىلەرنى ئىزدىمىگەچكە كىشىلەر ئىشلەتمەي قويدى. مۇڭداشقۇسى بەيدۇ Hi چىقىپلا يوچۇق بايقالدى. تېخى ھازىرغىچە بىرەر تورداشنىڭ ئۇنى مەن ئىشلىتىۋاتىمەن دىگىنىنى ئاڭلىمىدۇق.
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۈگۈن بەيدۇ تاۋباۋغا ئوخشاش بازار ئاچقان تور بېكەتلەر بىلەن رىقابەتلەشمەكچى ئوخشايدۇ. مەيلى نىمىلا بولسۇن بۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىشى ! ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى جۇڭگودەك نوپۇسى كۆپ دۆلەتتە بەيدۇ ھەم خەنزۇچە ئىزدەشتە ئىناۋەتكە ئىگە تور بېكەت. ئۇنىڭ چىقارغان بازار پروگراممىسى بەلكىم تېزلا ئالقىشقا ئېرىشىشى مۇمكىن !
كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولسا كېرەك. Ebay بىلەن Alibaba ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكىنىڭ شىركىتى. ھەر ئىككىلىسى مال سېتىۋېلىش ۋە مال سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ پروگراممىسى ۋە تۈرلۈك ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. تاۋباۋ، ئىبەي، پەيپەي قاتارلىقلارنىڭ ئاساسەن ئوخشاش ! بەيدۇ بارنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تاۋباۋلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
بەيفۇباۋ دىگەن بۇ نەرسە Alipay ۋە Paypal غا ئوخشاش نەرسىكەن. ئەمما ئۇ يېڭى بولغاچقا دوستلارنىڭ بۇ يېڭى پروگراممىغا ھازىرچە پۇل قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن !
توردا يەنە بەيدۇ بار ھەققىدە مۇنداق گەپلەرمۇ باركەن:

A:东西不错嘛,哪里买的呀? B:网上,有啊! A:我知道网上有,具体是哪个网站? B:有啊! A:我知道有,可是到底是哪里啊? B:百度有啊! A:百度哪里有? B:百度有啊有啊! A:百度哪里有啊? B:靠,百度的淘宝!

بەيدۇ بارنىڭ ئادرېسى: www.youa.com

Paypal غا ئەمدى ئادەتتىكى بانكا كارتىسىنى ئۇلاشقا بولىدىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئىبەي شىركىتىدىن بىر خەت كەپتۇ، ئۇنىڭدا دىيىلىشىچە ئەمدى ئامېرىكان ئېكسپرەس ياكى خەلقئارا كرېدېت كارتىسى بولماي، جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئادەتتىكى كارتىسى بولسىمۇ ئۇلاشقا بولىدىكەن.
خەلقئارا كرېدېت كارتىسى يوق، پايپال (خەلقئارا) نى تەستىقتىن ئۆتكۈزەلمىگەن تورداشلار ئەمدى سودا سانائەت بانكىسى ياكى قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئادەتتىكى كرېدېت كارتىسى ئارقىلىقلا تەستىقتىن ئۆتكۈزەلەيدىكەنسىلەر.
پايپال (خەلقئارا) نىڭ ئادرېسى: www.paypal.com

جۇڭگودا مۇرەككەپلەشكەن Ebay بازىرى ۋە قىسقىچە چۈشەنچىلەر

ئىلگىرى ئىبەي (جۇڭگو) غىلا (www.ebay.com.cn) تىزىملاتسا, پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىبەينىڭ بارلىق تارماق پونكىتلىرىنىڭ ئەزاسى بولغىلى بولاتتى. يېقىندا ئىبەي جۇڭگودا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئەسلىدىكى ebay.com.cn تور نامى مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇلغان. بۇنىڭ ئورنىدىكى ئىبەي جۇڭگونىڭ ئادرېسى www.eachnet.com بولغان. ۋە مەزكۇر ئىبەي (جۇڭگو) غا تىزىملاتسا خەلقئارا ئىبەينىڭ ئەزاسى بولمايدىكەن. eachnet.com دا پايپال (جۇڭگو) يەنى paypal.cn نى ئىشلىتىدىكەن.
ئەگەر خەلقئارالىق ئىبەينىڭ ئەزاسى بولماقچى بولسىڭىز www.ebay.com.hk يەنى ئىبەي (شياڭگاڭ) غا تىزىملىتىدىكەنسىز. ئەمما www.ebay.cn ئادرېسىدىكى بىر تور بېكەتمۇ بار بولۇپ، بۇ دەل خەلقئارا ئىبەيگە تىزىملىتىش ۋە ئىشلىتىش جەريانىنى چۈشەندۈرىدىكەن. ebay.cn دىمۇ ھىسابات ئاچىدىكەنسىز. ئىشلەتكۈچى نامى خەلقئارا ئىبەي بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن، ئەمما خەلقئارا ئىبەي ياكى ئىبەي (جۇڭگو) بىلەن ھىسابات ئۇچۇرىنى ئورتاقلاشتۇرمايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىر نەچچە بېكەت ئايرىم – ئايرىم ھىسابات ئۇچۇرى ئىشلىتىدىكەن.
بۇلارنى رەتلەپ چۈشەندۈرگەندە مۇنداق بولىدىكەن.
ئەگەر جۇڭگودا تۇرۇپ، جۇڭگو ئىچىدە سودا قىلماقچى بولسىڭىز ئىبەي جۇڭگوغىلا تىزىملاتسىڭىز ۋە پايپال (جۇڭگو) دا پۇل مۇئامىلە ئېلىپ بارسىڭىز بولىدىكەن.
ئادرېسى :
ئىبەي (جۇڭگو) : www.eachnet.com
پايپال(جۇڭگو): www.paypal.cn

ئەگەر جۇڭگودا تۇرۇپ چەتئەللەرگە مەھسۇلات ساتماقچى بولسىڭىز ئىبەي خەلقئاراغا تىزىملىتىشىڭىز كېرەك، ئىبەي (جۇڭگو) دىكى ھىسابات ئارقىلىق ئىبەي (خەلقئارا) دا مال ساتقىلى بولمايدىكەن. ئىبەي (خەلقئارا) نىڭ ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن جۇڭگولۇقلار ئىبەي (شياڭگاڭ) غا تىزىملىتىشى كېرەككەن. ئىبەي خەلقئارادا سودا قىلىش ئۈچۈن پايپال (خەلقئارا) نى ئىشلىتىدىكەنسىز، بۇنىڭ پايپال (جۇڭگو) بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.
ئادرېسلىرى:
ئىبەي خەلقئارا ئادرېسى: www.ebay.com
ئىبەي شياڭگاڭ ئادرېسى: www.ebay.com.hk
ئىبەي (خەلقئارا) مۇنبىرى: www.ebay.com.cn
ئىبەي (خەلقئارا) بىلىملىرى: www.ebay.cn
پايپال خەلقئارا ئادرېسى: www.paypal.com

ئىبەينىڭ ھەرقانداق بىر بېكىتىدە سودا قىلماقچى بولغانلار يەنە ھەقىقى ئىسىم ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەستىقتىن ئۆتكۈزىشى كېرەك، تېلفون ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش، كىملىك ئارقىلىق تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر قانچە ئۇسۇللىرى بار. ئۆزىڭىزگە ئەڭ قولاي بولغان ئۇسۇللاردا قىلىڭ.
ئىبەينىڭ بۇ ئىشلىرى بەك چۇۋالچاق بولغاچقا تورداشلارغا ياردىمى تىگەر دىگەن مەقسەتتە تەكلىماكان بلوگدا چۈشەنچىلەر بېرىلدى. خاتا كەتكەن جايلاردىن ئەپۇ سورايمىز. يەنە چۈشىنىشمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس يازغايسىلەر.