A turkology blog

Archive for the ‘turmush’ Category

مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟

بىر نەچچە ئورۇندا كۆتۈرە ئالغان قۇرلۇشلار تېخى پۈتمىدى. بورناكۈن پۈتتۈرۈپ قۇرلۇش شىركىتىگە يوللىغان بىر مەكتەپ بار ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن ئاقارتىش، توك يوللىرى ۋە ئەينەك ئۆلچەمسىز دىگەن تامغىلىق بىر ھۆججەت بىلەن پۇل ئېلىش كېچىكتۈرۈلدى.

بۇلارنى قايتا قىلغاندا مۆلچەرلىگەن كىرىم بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىشتىن باشقا بۇلارنى قايتا قىلىدىغان ئادەم نەدە؟ مائارىپ ئىدارىسى ساقلاپ تۇرمايدۇ! قۇرلۇش شىركەت 20 – چىسلا بۇ يىللىق بارلىق ئىشلارنى توختىتدۇ. پۈتكەنلىرىنى تاپشۇرىۋالىدۇ، پۈتمىگەنلىرىنى كىلەر يىلىغا قالدۇرىدۇ. كىلەر يىلغا قالدى دىگەن گەپ بۇ يىل پۇل ئالالمايسەن دىگەن گەپ ! ئىشلىگەنلەر، ھەمكارلاشقانلار ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل بېرىش توغىرسىدىكى ۋەدىلەر بېكار بولىدۇ….. نۇرغۇن ئادەم بىزگە ئۆچ بولىدۇ. گەدەنگىچە قەرز بولىمىز !
ئىككى ئائىلىكلەر بىناسىنىڭ بارلىق ياغاچ ئىشىكلىرىنى يېقىنراقتىكى بىر ياغاچ زاۋۇتىدىكى موللا سۈپەت بىر خوجايىنغا ياساشقا تاپشۇرغان. ئىشىكلەر تېخىچە كەلمىدى. 10 – چىسىلا ئورنىتىپ بولىشى كېرەك ئىدى. بۈگۈن قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ «پالانى جۈيجاڭى» كىلىپ كايىشقا باشلىدى. ياغاچچىنىڭ ئۆيىگە بارسام ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇشۇ ئايدا 10 نەچچە كۈن بارلىق ياغاچ زاۋۇتلىرى ئىش توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپتىمىش. قۇرلۇش ئىدارىسى بۇ ياغاچلارنىڭ دەرھال ئىشىك ھالىتىگە كېلىپ ئۆيگە ئورنىتىلىشىغا قسىتايدۇ، ئورمانچىلىق ئىدارىسى بۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەيدۇ….. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىش سوزۇلدى.. توختاملار بۇزۇلدى. ئەگەر يالغۇز مۇشۇ بىر تۈرلا ۋاقتىدا ئورۇندالمىسا يالغۇز ماڭا كېلىدىغان زىياننى مەن باشقىلارغا ئىشلەپ يەنە يىگىرمە يىلدا تولدۇرالمايمەن.
كىمنى كېچىسى قارا كۆزەينەك تاقاپ يۈرۈيدۇ دەيسىز. ئۇ بىر بولسا ساراڭ يا ئەما! مانا قارا كۆزەينەك تاقىۋالمىسام كۆزۈممۇ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئەمەليەتتە مەنمۇ بىرەر «كومپيوتېرخانا» دىگەندەك دۇكاننى ئېچىپ ئولتۇرۇپ «نۇسخا كۆپەيتىپ، خەت ئۇرسام» جان باقالايتىم. بۇ ئىشلارغا بىر كىرىشىۋىدىم تۇيۇقسىزلا ئىشلار چوڭيىىپ كەتتى. يىتىشىپ بولالمايلا قالدىم… راست گەپ قىلسام يېقىنقى كۈنلەردە قوڭدىن پوق چىقىپ كەتكىلى ئارانلا قالدى.
ئادەملەر نىمە ئۈچۈن بىر-بىرنى يولسىز قىستايدىغاندۇ!؟ ئويلىسام ھەممە ئىشلار مېنىلا قىستاۋاتقاندەك،،، باشقىلارنىڭ ئىشى شۇنداق خاتىرجەمدەك. ئىلگىرى كېچە – كېچىلەپ باھالاش كېلىدۇغا دەرس تەييارلاپ باققان. قاخشاپ كېتەتتى ئەپەندىلەر…. ئەمدى بۇ كۈنلەرگە نىمە دىگۈلۈك.
مەن ئۇزۇندىنلا چوڭراق بىر تىجارەت قىلىشنى ئويلايتتىم. بۇ يىلقى پىلاندا ئولتۇرغىلى بىرەر كىچىك ماشىنا ئېلىۋالساق ھەم ئاچ قالمىساقلا بولاتتى… ئەمما ئىشلار دەسلىپىدە شۇنداق راۋان بولدى. كېيىن بىز قىلغان ئىشلار چوڭ قۇرلۇش خوجايىنلىرىغا ياراپ قالدى. ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشمايلى دىسەك كىمنىڭ پۇل تاپقۇسى يوق دەيسىز…. شۇنداق قىلىپ توختام تۈزۈشتۇق. مانا بۈگۈنگە كىلىپ يىغىشتۇرۇشقا كۆزۈم يەتمەيدىغان ئاۋارچىلىق ئىشلار ئالدىمنى قاپلىدى.
چاتاق چىققان ئەينەككە ئەينەك زاۋۇتى ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى مەن دەسلەپتە ئۇنى قانداق تەكشۈرۈشنى بىلمىگەچكە ئۇلارغا ئەينەكنىڭ سۈپىتى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چوڭ تىجارەت قىلىمەن دەپ گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، ئەمدى ئاران تۆلەپ پۇتنى ياپقۇدەك يوتقانغا ئېرىشكەن.
بۇ ئىشلار مېنىڭ شېرىن خىيالىمچە بولغاندا ئون يىللىق ئىقتىسادىي پلاننى يېرىم يىلدىلا قاتلايتتۇق ۋە ئاسانلا بايلاردىن سانىلاتتۇق. مېنىڭ مۇشۇ قانائەت قىلمايدىغان مىجەزىم ھەممىگە سەۋەبچى بولدى. بىرەر شىركەتنىڭ دېرىكتورى مېنى يا ئۆزى ياردەمچى قىلىپ، يۇقىرىراق مائاش بىلەن ئىشلەتمىدى. يا مەن بىرەرىنى ئىزدەپ بارمىدىم! ئىشقىلىپ مېنىڭ تىجارەتكە ئېپىم بار. بىرەر ئىشنى باشلىسام چوڭايتىپ قويىمەن ! بۇ مېنىڭ تالانتىم ئوخشايدۇ. ئىككى يىل بۇرۇنمۇ شۇنداق بولغان. بۇرادىرىمنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددى ئەشيالىرى دۇكىنى، بىر كىچىك دۇكانغا ياردەملىشىپ ئۇنى سەندوڭدىكى چوڭ شىركەتلەردىن مال كىرگۈزىدىغان، يېزا – قىشلاقلارنىڭ بۇلۇڭلىرىغىچە توپ تارقىتالايدىغان قىلىۋەتتىم. كېيىن ماڭا مائاش بېرىشتىن شېرىكلىككە ئۆستۈردى. ئەمما بۇ ئىشلارنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتىم. چۈنكى ئۇ چاغدا «توردا پۇل تېپىش» مېنى چىرمىۋالغان. شۇنداق قىلىپ قول ئۈزگەن.
كۈندە 100 دوللار دىگەن تېمىدا ماقالىلەر يازدىم، بېشى شۇنداق جەلپ قىلارلىق ھەم كەسكىن باشلانغان، ئاخىرىغا بېرىپ، توردىن كېلىدىغان پۇلغا قارايدىغان چول تەگمەي قالدى. شۇنداق قىلىپ تورداشلارمۇ مەندىن رەنجىدى.
ئويلاپ باقسام يەنىلا مۇشۇ بلوگ ياخشىكەن. مېنىڭ دەردىمنى ئۆزۈمنىڭ بلوگى ئوبدان ئاڭلايدۇ. تېخى ئانچە-مۇنچە كىرىممۇ قىلالايدۇ. 2003 – يىلى ئىش ئىزدەپ نۇرغۇن شىركەتلەرگە بارسام خىزمەت تاپالمىغان ئىدىم. ئۇ چاغدا ماڭا ئايدا 500 يۈەن بەرسە بەك خۇش بولاتتىم. ھازىر كۈنىگە 50 يۈەنگە ئىشلەيدىغان ئادەم يوق. ئادەتتىكى ئىشچىغا 100 يۈەن بېرىپ قورساق ۋە ياتىقىغا ئىگە بولىمىز. تېخى شۇنداقتىمۇ ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ يوقاپ كېتىدۇ. ئىشەك باينىڭ – تاغار باينىڭ، ئاخىرىدا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ئۇلار ئەمەس! ئەگەر مېنىڭ كۈنلۈكىمگە 100 يۈەن بېرىپ، ياتاق-تاماقنى كۆتۈرسەم مەن باش كۆتۈرمەي ئىشلەيتتىم.
نىمىشقا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ شۇنچە ياخشى تىجارەت پۇرسىتى، پۇل تېپىش پۇرسىتىنى تاشلاپ ھۆكۈمەت ئورنىدىكى مۇقىم، قىستاڭچىلىقى يوق، ئادەم جىددىلەشتۈرمەيدىغان خىزمەتكە ئۆزىنى ئاتىدىغانلىقىنى ئەمدى ھىس قىلغاندەك بولدۇم. چۈنكى ئەگەر بۇ يىل ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا مىليونېر بولالمىساممۇ، ئىشلار تەتۈرىگە ماڭسا قەرزىم مىليوندىن ئاشىدىغاندەك تۇرىدۇ.
خۇدا ئۆزەڭ ئاسانلىق بەرگەيسەن !
مۇشۇنداق پەيتتە ئەتە بۇ ئوماق قىز مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى. ئەمما مېنىڭ ئۇزۇنراق تەرەت قىلىشقىمۇ ۋاقتىم يوق! يىراقتىن كېلىپ مېنى ئىزدىسە مەن چىقمىسام مەڭگۈ مەندىن ئادا-جۇدا بولىدۇ ! ئەمما بۇلارغا مەيلى دىمەي مېنىڭ ئامالىم قالمىدى. ئۇنىڭ بلوگىمنى ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىمەن !
نىمىشقا نۇرغۇن كىشىلەر زۆرۈر بولمىغان قىستاڭچىلىقلارنى پەيدا قىلىدىغاندۇ؟

Advertisements

سالام ئۈرۈمچى

«بۈگۈن مانا ئازاپ ئىچىدە يەنە قايتىپ كەلدىم! سېنى كۆرمەس بىلەن ناخشامنى يەنە باشلىدىم ! ۋاي جاھان ! ۋاي دۇنيــــا. بۇ قارلىق تاغلاردا مېنىڭ پاك سۆيگۈم بولغان! گۈزەل رىۋايەتنى ئاڭلىغاندا ئۇنى ساڭا ساقلىدىم ! »

شەندوڭلۇقلار بېلەت ئالالماپتۇ.

جېڭجودا بېلەت ئالاي دەپ بېكەتكە قاراپ كېتىۋاتسام، شۇنداق ئېسىل، كادىر سۈپەت، بالا كۆتۈرگەن بىر ئايال كېلىپ بىر نىمىلەرنى دېدى. ئانچە ئېنىق ئاڭلىيالماي.…. نىمە دەيسەن دەپ سورىسام، شۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ كەتتى.
– مەن سەندوڭلۇق. ئۆيگە قايتاي دېسەم بېلەت ئالىدىغانغا ئۈچ كوي سەككىز مو كاملاپ قالدى. ئەگەر ئېغىر كۆرمىسەڭ، ماڭا ياردەم قىلساڭ. 3.8 يۈەن بەرسەڭ، بېلەت ئېلىپ ئۆيۈمگە كېتىۋالسام. – دەيدۇ. باشقىلار، بولۇپمۇ ئاجىزلار ياردەم سورىسا قولۇمدىن كەلسە كۆڭلۈمدە رەت قىلالمايدىغان ئادىتىم بار. ماقۇل دەپ 4 يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ماڭغۇزىۋەتتىم. بېلەت ئېلىپ بېكەتتىن چىقسام، ھېلىقى ئايال يەنە بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ شۇنداق دىگىلى تۇرۇپتۇ. نىمە بوپ كەتتى بۇ جاھان ….. بولدىلا ! جاننى ئالداپ ئېلىۋالمىغاندىن كېيىن دەپ ! ئېگىزرەك بىر پەلەمپەيگە چىقىپ بىر دەم ئولتۇرۇپ ئەتراپقا قارىسام، بېكەتنىڭ ئالدىدا بۇنداق بالا كۆتۈرگەن، كادىر سۈپەت، بېلەت ئېلىشقا 3.8 سى كاملاپ قالغان سەندۇڭلۇقلار بەك جېقكەن.
شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قېتىم بېكەت ئالدىغا كەلسەم كەم دىگەندە ئىككىسى ئۇچرايدۇ. ئۇچرىغانلىرىغا I do not understand you دەپ قويسام گەپ قىلمايلا كېتىپ قالىدىكەن.
ئۆتكەن قېتىممۇ دەل جېڭجۇدا بىر ئاتۇشلۇق ئاداش ۋوي ئۇيغۇركەنمىز دەپ يۈرۈپ 40 سوم پۇلۇمنى قويغان.
بۇ ئالدامچىلارنىڭمۇ ئالاقە سېستىمىسى تازا تەرەققىي قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. بىر قېتىم سوراپ بولغان ئادەمگە يەنە بىرسى كېلىپمۇ دەۋېرىدىكەن…..
سەپەرگە چىققاندا ئاگاھ بولۇڭ!

كوڭزى يۇرتىدا ئىككى ھەپتە – سۈرەتلىك

كوڭزىنىڭ يۇرتىغا باردىم، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چىرايلىق جايلارنىڭ بىرى بولسا كېرەك. ھەم دېڭىز، ھەم تاغ، ھەم باغ بار. قۇرۇقلۇقنى ياپيېشىل چىملار، قارىغايلار ۋە شاپتۇل دەرەخلىرى قاپلىغان. دېڭىز قىرغىقىمۇ بەك چىرايلىقكەن، ئەمما ھەمىشە ھاۋا تۇمانلىق. يىراقنى ئانچە ئوچۇق كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ جايدا ھەممىدىن شاپتۇل ئەرزان. ئۈرۈمچىدە ھەر كىلوگرامى 10 يۈەنلىك شاپتۇلنىڭ ئىككى جىڭى بۇ يەردە 1 يۈەن.
بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم دېڭىز سۈيىدە چۆمۈلۈشۈم. تۇزلۇق سۇنى يەتكۈچە ئىچىۋالدىم. ئەمدى ئىككى ئايغىچەتاماققا تۇز سېلىپ يېمىسەممۇ بولىدۇ.






خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئويۇنلىرى

خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ ئويۇنلىرى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ! كارتا بېجىرىدىغان چاغدا ھەممىسى ھەقسىز دىگەن گەپنى قىلمايدىيۇ… ئەمما ئاغزى ئېقىپ كەتكۈچە ماختايدۇ. مانا ئاقسۇدا بېجىرگەن كارتا دۇنخۇاڭدىن ئۆتۈپلا ئىشلىمەي قويدى. 10086 غىمۇ تېلفون ئۇرغىلى بولمايدىكەن. كوچا تېلىفونىدىن 10086 دىگەن نومۇرغا تېلفون ئۇرسام بىر مىنۇتىغا 1.2 ھىسابلايدىكەن. چاتاق يېرى تېخى ئالدىغا ئۈرۈمچىنىڭ رايون نومۇرىنى قوشۇپ ئۇرۇشىمىز كېرەككەن. ئەسلىدە كەلگەن تېلفون ھەقسىزيەي ، ئۇرسا بىر موچەن، ئايلىق ئىجارىسى يوق دەپ ماختىغان تېلفون كارتىسى ئۆز رايونىدىن چىققان ھامان كەلگەن تېلفونغا مىنۇتىغا 1.2 ھىسابلايدىكەن، كەلگەن تېلفونغا 0.8 يۈەن ھىسابلايدىكەن. ئەلۋەتتە سىرىتقا چىققاندا ئۇرىدىغان تېلفوندىن، كېلىدىغان تېلفون مۇھىم، مۇشۇ يوچۇقتىن پايدىلانغان خەۋەرلىشش شىركەتلىرى ھەرقانداق ۋاقتتا بىزنى بوش قويىۋەتمەي شۈلىۋالىدىكەن.
كەلگەن تېلفون بەك قىممەت بولغاچقا ئامالسىز كوچا تېلفونىغا يۈگرىدىغان گەپكەن، تېخى يېقىنراق جايدا كوچا تېلفونى بولماي قالسا، ياكى مۇھىم سودا ئىشى بولۇپ قالسا ئېلىۋېرىدىغان گەپ، يېرىم سائەتلىك سۆھبەت ئۈچۈن بىر ئىشچىنىڭ بىر ھەپتىلىك مائاشىنى سەرپ قىلىدىكەنمىز.
تېخى ئۇزۇن يوللۇق تېلفون ئۇرساڭ ئالدىغا 12593 دىگەندەك نومۇرلارنى قوشۇپ ئۇر دەيدىغان گەپلىرى باركەن، ئەتىگىنى سائەت مانچىدىن، كەچ سائەت مانچىگىچە ئۇرسىڭىز مانچە پۇل دەيدىغان گەپلىرى باركەن، ئەمدى قىلدىغان سودىنى قىلماي شۇ ۋاق كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇشلۇقمۇ ؟!
بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ كارتا بېجىرسە ئۆز-ئارا سۆزلەشكەندە ئەرزان قىلىپ بېرەرمىش، 200 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرسىڭىز 400 يۈەن سوۋغا قىلارمىش.
500 يۈەن سۆزلىشىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرسا بىر دانە يانفون بىرەرمىش، بۇ 500 يۈەننىڭ ھەممىسى سۆزلىشىش ھەققىكەن، ئەمما ئادەتتە تېلفون مىنۇتىغا 0.2 يۈەن ماڭسا، مەزكۇر 500 يۈەن مىنۇتىغا 0.4 يۈەندىنلا ماڭىدىكەن. ئاخىرقى ھىسابتا بۇ 250 يۈەنگە يانفون سېتىۋالدىڭىز دىگەن گەپ، ئۇلار بەرگەن يانفوننى بازاردىنمۇ شۇ پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. تېخى ئۇلارنىڭ بۇ 500 يۈەن سۆزلىشىش ھەققىنى 24 ئايغا بۆلۈپ ئىشلىتىش كېرەككەن. ھەر ئايدا مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتسە 500 يۈەن پۇلىڭىز ئالدىن قاچىلانغان بولسىمۇ، پۇل تۈگىدى دەپ تۇرىۋالىدىكەن. ئۆتۈپ كەتكەن مازلىقتە بۇ ! ! !
تېخى بۇنداق مۇلازىمەتلەرگە كونا خېرىدارلار قاتنىشالمايدىكەن.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئىچىدە پۇلى بار كارتىسىدىن بىرنى ئەكىلىپ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش زالىدا سۇندۇرۋەتسىڭىز، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 100 يۈەنلىك كارتىسىدىن بىرنى بېرىدىكەن. ئاجايىپ لاۋزىلىق !
سىرىتقا چىقىپ بىر تېلفون ئېلىش ئۈچۈن يا ھەسسىلەپ ئارتۇقچە ھەق تۆلەيدىكەنسىز ياكى ھەسسىلەپ ئارتۇقچە يول مېڭىۋالىدىكەنسىز، تېلفون ئۇرۇش ئۈچۈنمۇ ھەم ! تازا ئىنچىكە ھىسابات قىلمايدىغان ياكى مەندەك بىپەرۋا ئادەملەر زىيان تارتىپلا ئۆتىدىكەن. بۇنداق ئىنچىكە ياق مۇرەككەپ ھىساباتلار ئىشلەتكۈچىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈپ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ھەسسىلەپ پايدىغىلا تۇرىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە پەن – تېخنىكا ئالدىغا مېڭىۋاتسا، خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ كەينىگە دەسسەۋاتقاندەكلا ھىس قىلدىم.

قادىر باقىنىڭ مەھەللىسى – شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل كەنت.

بۇ قادىر باقى ئەپەندىنىڭ مەھەللىسى، تەڭرىتاغ بويىدىكى بىر كىچىك تاغلىق كەنت، كۆرسىڭىز ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە پاكىزە، شىنجاڭدىكى ئەڭ چىرايلىق ۋە ئەڭ باياشات كەنت بولسا كېرەك.
پۈتۈن مەھەللە دېھقانلىرى مۇشۇ بىر قوۋۇقتىن كىرىپ چىقىدۇ، يەنە ئارقا قوۋۇقىمۇ بار.


ھەممەيلەننىڭ ئۆيى خىش قۇرۇلمىلىق، بىر خىل ئۇسلۇبتا سېلىنغان، بەكمۇ چىرايلىق. ئۆي شەكلى ۋە دەرۋازا رەڭگى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوپمۇ-ئوخشاش.

ھەممە دېھقاننىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەخلەت ساندۇقى ئورنىتىلغان، كۆپلىگەن تەرەققى تاپقان شەھەرلەردىمۇ بۇ خىل ھالەت كەم ئۇچرايدۇ.

شىنجاڭدىكى بىردىن-بىر مەھەللە ئىچىدە خەلق مەيدانى بار مەھەللە. ھىچقانداق يېزىدا بۇنداق خەلق مەيدانى يوق. ئەمما بۇ جاينىڭ دېھقانلىرى خەلق مەيدانى بەرپا قىلغان. ئارام ئالىدىغان ئوبدان سورۇن.

كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى جۇڭگو تېلگىراف تورىغا ئۆزگىرىپ قالدى

بۈگۈن غەلىتە ئىش يۈز بەردى، يانفونۇم جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىدى، نومۇرى 137 دىن باشلىنىدۇ. ئەتىگەندىن باشلاپ، ئېكراندا جۇڭگو تېلىگرافى (中国电信) دىگەن خەت چىقىپ قالدى. نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن. توردىن ئىزدىسەم ئىلگىرى كۆچمە خەۋەرلىشىش يانفونلىرىدا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بەلگىسى چىقىپ قالغانلىقى كۆرۈلگەنكەن. ئەمما مېنىڭ يانفونۇمدا تېلگرافنىڭ بەلگىسى كۆرۈنۈپ قالدى. تېلفون ئۇرسام-قوبۇل قىلسام ھىچقانداق دەخلىسى يوق !
مېنىڭ بىلىشىمچە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش 中国移动通信 بىلەن جۇڭگو تېلگىراف 中国电信 بىر – بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئايرىم شىركەتلەر. مەن شەھەر ئاتلاپ دېڭىز بويىدىكى بىر شەھەرگە كەلگەندە مۇشۇنداق غەلىتە ئىش يۈز بەردى. ئەھۋالدىن قارىغاندا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ رايون ئاتلاش مۇلازىمەتلىرىدە مەلۇم ھەمكارلىقلار بولسا كېرەك.