A turkology blog

Archive for the ‘uchur’ Category

ئۇيغۇر ئاشپۇزۇلى ماكدونالدنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخل تەرۇز قىلدى


مەدىنە تېز تاماقخانىسى نامىدىكى ئۇيغۇر ئاشپۇزۇلى ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاماقخانىسى ماكدونالد (McDonald’s) نىڭ ماركىسىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان. گەرچە مەدىنە دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپى بىلەن ماكدونالد دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپى ئوخشاش بولسىمۇ ئۇلار بۇ M نى ماكدونالنىڭ ماركىسىغا ئوپمۇ-ئوخشاش قىلىپ لايھەلەپ، McDonald’s ماركا ھوقۇقىغا دەخىل قىلغان.

سۈرەتنى ۋىنسانت مالىك تەمىنلىگەن


Dell ماركىلىق يانفون چىقىدۇ.

دەل شىركىتى ئۆزىنىڭ ماركىسىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون چىقارماقچى. ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ كۈنسايىن خاتېرە كومپيوتېرغا يېقىنلىشىشى، كومپيوتېردا قىلىدىغان ئىشلارنى يانفوندا قىلغىلى بولۇشى، نۇرغۇن كىشىلەرگە قولايلىق كەلتۈرگەندىن باشقا، لەپتوپ شىركەتلىرىگە ئېغىر بىر سىناقنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالما شىركىتى، لەنوۋو شىركىتى قاتارلىق داڭدار كارخانىلار ئۆزىنىڭ ماركىسىدا ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلارنى چىقاردى. iPhone نىڭ دۇنيا مىقياسىدا بازار تېپىشى، گۇگول شىركىتىنىڭ T-mobile بىلەن ھەمكارلىشىپ بازارغا سالغان يانفونى قاتارلىقلار بۇ خىرىسنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى.
يانكومپيوتېرچىلىقتىكى داڭدار ماركا دەل (Dell) مۇ بۇنى تونۇپ يەتكەن بولسا كېرەك. ئۇلار ئۆتكەن ھەپتە نيويورك ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا يېقىندا دەل ماركىلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىران ئۆزى ياسىغان سۈنئى ھەمرانى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەردى

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە ئىران تۇنجى قېتىم ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان پەن-تەتقىقات تەكشۈرۈشىگە ئىشلىتىدىغان ئۈمد ناملىق سۈنئى ھەمرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى قويۇپ بەردى. ئەلچى ناملىق راكىتا سۈنئى ھەمرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربىتىغا يەتكۈزگەن. شىنخۇا تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەر.
ئىران ئاجايىپ دۆلەتكەن. ئۇنىڭ خەلقئارادا ئامېرىكىغا ياق! دىيەلەيدىغان دۆلەت دەپ نامى بار. Windows Vista نى تۇنجى بولۇپ ئىرانلىق پروگراممېرلار (بۇ يەردە خاككېرلار) يېشىۋەتتى. قارىغاندا ئىراننىڭ پەن-تېخنىكا كۈچى خېلى زوردەك تۇرىدۇ.
بۇندىن ئىگلىرى ئىران ھەققىدە بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز جالالىدىن رۇمى، شەيخ سەئىدى قاتارلىق ئەدبلەر ھەققىدە بولسا كېرەك. گۈلستان…. دىگەندەك ئەسەرلەر ئىران ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەھسۇلاتى.

ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بولغان چوڭ تەسىرى

سىز ئويلاپ باققانمۇ؟ بالىق دەرۋازىسىغا ئوت كەتسە، كۆلدىكى بېلىقلارغا بالا تېگىپتۇ دىگەندەك. ئامېرىكىدا ئىقتىسادى كىرزىس يۈز بەرسە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىر يىللىق ئەمگىكى پۇلغا ئەرزىمەس بولىدۇ.ئامېرىكىدا ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرسە چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىشى، دېھقان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆتكەن يىل يۈز بەرگەن ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى چوڭ ئىقتىسادى زىيانغا ئۇچراتتى. تەپسىلاتى: ئاۋال تۆۋەندىكى تەپسلاتلارغا قارايلى:
1. ماتېرىيال: پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلار
جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت (خەلق گېزىتى)
شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى (خەلق گېزىتى)
ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆپ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى (تەكلىماكان بلوگ)
جۇڭگودىن باشقا يەنە ئاۋستىرالىيە، زېمبابۋى، ئامېرىكا، ئۇزبەكىستان قاتارلىقلاردىمۇ كۆپ مىقداردا كېۋەز تېرىلىدۇ. باشقا پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى رەتكە تىزغاندا مۇنداق بولىدۇ:
جۇڭگو
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى
ھىندىستان
پاكىستان
برازىلىيە
تۈركىيە
گرىتسىيە
ئاۋسترالىيە
سۈرىيە
مالى
2. ماتېرىيال: پاختا ئېكسپورت قىلغۇچىلار (چەتئەلگە ساتقۇچىلار)
ئامېرىكا (چەتئەلگە پاختا ساتىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت)
ئاۋسترالىيە
ئۆزبەكستان
برازىلىيە
گرىتسىيە
مالى
مىسىر
بۇركىنا فاسو
زىمبابۋى
تاجىكىستان
يۇقارقى دۆلەتلەر دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پاختا ساتىدىغان دۆلەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ چەتئەلگە ساتىدىغان پاختىسى پۈتۈن دۇنيا پاختىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.
3. ماتېرىيال: پاختا ئىمپورت قىلغۇچىلار (چەتئەلدىن سېتىۋالغۇچىلار)
جۇڭگو (دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پاختا سېتىۋالغۇچى)
تۈركىيە
ھىندونېزىيە
مېكسىكا
تايلاند
پاكستان
رۇسىيە
جەنۇبى كورىيە
ئىتالىيە
ھىندىستان.
جۇڭگو پۈتۈن دۇنيا پاختىچىلىقىدىكى ئەڭ كۆپ پاختا ئىمپورت قىلغۇچى. پۈتۈن دۇنيادا سېتىلغان پاختىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك جۇڭگو سېتىۋالىدۇ.
ماتېرىياللار خەلق گېزىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى ئاخباراتلاردىن توپلاندى.
يۇقارقى ماتېرىيالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئەڭ كۆپ پاختا سېتىۋالغۇچى. دىمەك جۇڭگو ئۆزى ئىشلەپچىقارغان پاختىلار ئېھتىياجنى قامدىيالمايدۇ. شۇڭلاشقا كۆپۈنچە پاختىنى ئامېرىكىدىن سېتىۋالىدۇ.
ئۇنداقتا جۇڭگو بۇنچە كۆپ پاختىنى نىمە قىلىدۇ؟
جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ رەخت ۋە پاختا توقۇلما بويۇملىرى ئېكسپورت قىلغۇچى. پۈتۈن دۇنيادىكى بولۇپمۇ شىمالى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى جۇڭگونىڭ پاختا رەختلىرىنى سېتىۋالىدۇ. بۇ رەخت زاۋۇتلىرى شەرقتىكى سۇجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە جايلاشقان.
ئۇيغۇرنىڭ 90 پېرسەنتتىن ئارتۇقى دېھقان. ھەم بۇ دېھقانلارنىڭ جەنۇبتىكى بارلىق دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىمى پاختىدىن كىرىدۇ. 2007-يىلى پاختا باھاسى تەخمىنەن چىگىتلىك پاختا ھەر كىلوگرامى 6 يۈەندىن يۇقىرى بولغان. بۇ باھا دېھقانلارنىڭ سېتىش باھاسى. كارخانىلارنىڭ باھاسى ئەمەس.
بىر مو يەردىن كۆپ بولغاندا 300 كىلوگرامدىن ئارتۇقراق پاختا ئالغىلى بولىدۇ. شۇ بويىچە بولغاندا ھەر مو يەردىن 2007-يىلى 1800 يۈەنلىك پاختا سېتىلىدۇ. ئۇيغۇر دېھقان مايسىنى پاختا قىلىش ئۈچۈن يەرنى ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش، سۇغۇرۇش، ئوتاش-پۇتاش ۋە باشقا بارلىق چىقىملار بىلەن 800 يۈەندىن كۆپرەك چىقىم قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بىر مو يەردىن 1000 يۈەن پايدا چىقتى دىگەن گەپ.
2008- يىللىق پاختا تېرىش مەزگىلىدە يەرگە ئىشلىتىدىغان دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. مەسلەن ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئاممونىي فوسفات ئوغۇتىنىڭ بىر قېپى نورمال باھاسى 150 يۈەن ئىدى. 2008-يىلى ئەتىيازدا 280 يۈەنگە ئۆرلىگەن. شۇ بويىچە بولغاندا 2008- يىلى دېھقانلار بىر مو يەرگە سالغان مەبلەغ 800 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى دىگەن گەپ.
ئەمما پاختىنىڭ 2008-يىلدىكى سېتىۋېلنىش باھاسى 3 يۈەن بىلەن 4 يۈەننىڭ ئارلىقىدا بولدى. بىر مو يەردىن 1000 يۈەنلىك پاختا سېتىش چوڭ نىشان بولۇپ قالدى. 1000 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1000 يۈەن تاپسا كىرىم يوق دىگەن گەپ.
2008-يىلى پاختا تېرىغان دېھقانلارنىڭ كۆپۈنچىسى كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىدى. چۈنكى پاختا باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى. ماددى ئەشيا قىممەت ، مەھسۇلات باھاسى ئەرزان بۇنداق ئەھۋالغا كىم سەۋەبچى بولدى؟
تەكلىماكان بلوگ شۇنداق قارايدۇكى
ئامېرىكا !
ئامېرىكا سەۋەبچى بولدى.
ئامېرىكىدا ئىقتىسادى كىرزىس كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن كارخانىلار تاقالدى. بۇنىڭ بىلەن سۇجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى رەختچىلىك ۋە توقۇمچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ماللىرى بېسىلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ماللىرى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە كۆپ مىقداردا سېتىلمىدى. شۇنداق قىلىپ سۇجۇۋدىكى كارخانىلارنىڭ 85 پېرسەنتى تاقىلىپ قالدى.
بۇ تاقىلىپ قېلىش پاختىغا بولغان ئېھتىياجنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن پاختا باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى. نورمال باھاسى 6 يۈەنلىك پاختىنىڭ بىردىنلا 3 يۈەنگە چۈشۈپ قېلىشى دېھقانلارغا زىيان كەلتۈردى.
ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىسى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. ياۋروپادىكى كارخانىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. نۇرغۇن كارخانىلار تاقالدى. ماللار بېسىلىپ قالدى، تىجارەت كۆلۈمىنى كىچىكلەتتى، ياكى باشقا ساھەلەرگە يۈرۈش قىلدى. پۈتۈن دۇنيا رەخت ۋە پاختا توقۇمچىلىق بويۇملىرىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولغان جۇڭگو كارخانىلىرى چەتئەللىك چوڭ سوممىلىق توختاملارغا ئېرىشەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاختىنى ئالماي قويدى.
ئاخىرقى ھىسابتا جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى بولغان شىنجاڭدىكى پاختا ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتى بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
ئەلۋەتتە تېمىنىڭ ماۋزۇسى ئۇيغۇر دېھقانلار ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادى كىرزىسى ئۈستىدە بولغاچقا بىز باشقا تەرەپلەرنى سۆزلىمىدۇق. شەرقى شىمال ۋە جۇڭگونىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى پاختا ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
ئۇنداقتا 2009-يىلى پاختا باھاسىدا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
دۇنيا ئىقتىسادىي كىرزىسى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە 2009- يىلى پاختا تېرىغانلار يەنىلا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولامدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىپ كېيىنكى يازمىدا توختىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن – تەكلىماكان بلوگ.

Twitter تورى 500 مىليون باھانى رەت قىلدى

Twitter ئۆزىنى سېتىۋالماقچى بولغان Facebook نىڭ 500 مىليون دوللار پۇلىنى رەت قىلدى. Twitter مىنى (كىچىك) بلوگ مۇلازىمىتى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى دەل بىز ئىشلىتىۋاتقان Blogger دىن كەلگەن.

ئامېرىكا ئېمپىرىيە بېناسىدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋرىدە بۇ ئامېرىكىنىڭ 2-قېتىم روزا ھېيىتى ئۈچۈن بۇنداق كاتتا ئىش قىلىشى ئىكەن. ئېمپىرىيە بېناسى (Empire State Building) يەرشارىدىكى ئەڭ داڭلىق قۇرلۇشلارنىڭ بىرى. روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئېمپىرىيە بېناسىىنىڭ ھەممە يېرى يېشىل چىراغ بىلەن يورۇتۇلۇپ ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىردى.
ئېمپىرىيە بېناسى پەقەت دۇنياۋى داڭلىق بايراملاردىن مىلاد بايرىمى قاتارلىقلاردىلا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئادەتتە مىلاد بايرىمى ئۈچۈن قىزىل ۋە يېشىل چىراغلار يېقىلىدۇ.
بۇ بېنانىڭ ئومۇمى ئېگىزلىكى 448 مىتىر كېلىدۇ. جەمئى 102 قەۋەت. ئورنى نيويورك شەھرىدە بولۇپ ئامېرىكىنىڭ شۇنداقلا يەرشارىنىڭ ئىقتىساد مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدا كۆپرەك نيويورك شەھىرىنىڭ سموۋلى سۈپىتىدە كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ قېتىمقى روزا ھېيت تەبرىكلەش مۇراسىمى ھەققىدە بەرگەن خەۋرى


مىكروسوفت تور يۈز خەرىتىسىدىن بىر ھۈنەر

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تور يۈزى خەرىتىسى Google خەرىتىسىدىنمۇ ئىقتىدارلىقكەن. بۈگۈن بىر شەھەردىكى ئىككى رايوننىڭ ئارلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۈتۈن تور بېكەتلەرنى ئاقتۇرۇپ تاپالمىدىم. Google خەرىتىسىمۇ دەپ بېرەلمىدى. ئاخىرى مىكروسوفت خەرىتىسىدىن جاۋاب چىقتى. مىكروسوفت خەرىتىسدە سىز يولغا چىقماقچى ۋە بارماقچى بولغان ئىككى جاينى تېپىپ، ئاۋال يولغا چىقماقچى بولغان جايغا مائۇسنى توغىرلاپ ئوڭ كونۇپكىنى چەكسىڭىز مۇشۇ جايدىن يولغا چىقىمەن دىگەن تۈر چىقىدىكەن. شۇنى تاللاپ قويۇپ، بارماقچى بولغان نىشانغا چەككەندە مۇشۇ جايغا بارىمەن دىگەن تۈرنى تاللايدىكەنسىز، ئاندىن يان رامكىغا مەزكۇر ئىككى جاينىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىدىكەنسىز. ئاخىرىدا خەرىتە سىزگە بۇ ئىككى جاينىڭ ئارلىقى، قايسى قاتناش ئارقىلىق بارغىلى بولىدىغانلىقى، قايسى پويىز (پاراخوت، ئاپتوبۇس) ياكى قانچىنچى يول ئاپتوبۇسى بارىدىغانلىقى، تاكىسدا قانچە پۇل بىلەن بارىدىغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ بېرىدىكەن.