A turkology blog

Archive for the ‘uslub’ Category

Blogbus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى كۆكدالا

تەكلىماكان بلوگ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب يېشىل دالا ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئۇسلۇب بولۇپ، مەزكۇر ئۇسلۇب تورداشلاردىن پىكىر ئالغان كۆكدالا ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كېڭەيتىلگەن نۇسخا كېيىنكى قېتىمدا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ نۇسخىدا بلوگ مەزمۇن رامكا كەڭلىكى 691 پىكسىل قىلىپ بېكىتىلدى، كېيىنكى نۇسخىدا 728 پىكسل قىلىنىدۇ. كەڭلىكى 728 ئېلان قويغۇچىلارغا كېيىنكى قېتىملىق ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىش
ئۇسلۇب چۈشۈرۈش ئورنى بۇ يازمىنى تولۇق ئوقۇپ ئاندىن چۈشۈرۈڭ.
كومپيوتېرىڭىزدا شۈنلېي ئوچۇق بولسا چۈشمەيدۇ.
چۈشۈرۈش بېتىدە ئېلان بار، چېكىپ قويارسىز.
blogbus قا ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى
بلوگنى weft تىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى ماقالىدىن پايدىلىنىڭ.
1. weft تىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
2. eot ئۆزگەرتىش قورالى
ئەسكەرتىش:
بۇ ئۇسلۇب پەقەت http://www.blogbus.com دىن ئالغان بلوگدىلا ئىشلەيدۇ. Blogspot قا قاچىلايدىغان نۇسخىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبلىرى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

2009-يىللىق تۆت خىل ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب (Blogbus ئۈچۈن)

بۇ ئۇسلۇبلارنى تورداشلارنىڭ مىلادىيە 2009-يىلىنى مۇبارەكلەپ، دۇنيا قارا بلوگدىكىلەر ئىشلىگەن. ئۇلارغا كۆپ تەشەككۈرلار ئېيتىمىز. ئۇسلۇبلار كۆرۈنۈشى جەھەتتىن wordpress ئۇسلۇبلىرىغا ئوخشايدۇ. پەقەت Blogbus تىن ئالغان بلوگدىلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
دۇنيا قارا بلوگدىن چۈشۈرۈڭ. ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش ۋە eot ئۇلاش، ئەلالاشتۇرۇش ھەققىدە تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى ئوقۇڭ.
blogbus قا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى
weft تىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
eot ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى چۈشۈرۈش.
بلوگنى ئەلالاشتۇرىدىغان باشقا ئۇسۇللار.

Blogbus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى ئىنەك (2)

بۇ ئۇسلۇبمۇ بەك چىرايلىقكەن. بۈگۈن بىكار تۇرغاچ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم.
بۇ يەردىن ئەسلى ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ.
چۈشۈرۈش ئورنى
قاچىلاش ئۇسۇلى
EOT ئۇلاش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسلۇب 2008-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بەلكىم كېيىنچە Blogbus سېستىمىسىدا ئۆزگىرىشلەر بولۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىدا ئىشلىمەسلىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئىنكاس قىلىپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
بلوگنى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار.
بلوگدا پۇل تېپىشقا بولىدىغان پۇرسەتلەر.
ئەسكەرتىش: بۇ ئۇسلۇب پەقەت Blogbus.com دىن ئالغان تورتۇرادىلا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇنلاردا نورمال ئىشلىشى ناتايىن. ئۇسلۇبنى ئەسلى ئىشلىگۈچى شياۋمىڭ. ئۇيغۇرچىگە ئىشلىگۈچى تەكلىماكان بلوگ. ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە ھەرقانداق ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ.

Blogbus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى: يېشىل دالا

تەكلىماكان بلوگ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېشىل دالا ئۇسلۇبىنىڭ Blogbus نۇسخىسىنى ئۆتكەن يىلى ئىشلىگەن ئىدۇق. ھازىر چۈشۈرگىلى بولماس بولۇپ قاپتۇ. دوستلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قايتا تەمىنلىدۇق. بۇ ئۇسلۇب پەقت Blogbus دىن ئالغان بلوگدىلا ئىشلەيدۇ. ئۇندىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىمەيدۇ.
دىققەت قىلىدىغان بىر نەچچە نۇقتا شۇكى بۇ ئۇسلۇب BlogSpot نىڭ Son of moto دىگەن ئۇسلۇبى شۇ. بىز ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇق ھەم Blogbus سۇپىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يۆتكىدۇق. ئۇسلۇبنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ. بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئىجادىيەت ھوقۇقى ئىشلىگۈچى جەفىرى جونسون ئەپەندىگە تەۋە. ئۇيغۇرچە نۇسخىنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تەكلىماكان بلوگقا تەۋە. ئۇسلۇبنى سودا خاراكتېرىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندە تورنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىجادىيەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ. خەلقئارا سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش كىلشىمىگە ئەمەل قىلىڭ.

كۆرۈپ بېقىش ئورنى
چۈشۈرۈش ئورنى
ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى

ئۇيغۇرچە بلوگ ئۇسلۇبى : كالتەكتوپ (3)

ئۇيغۇرچە بلوگ ئېھتىياجى ئۈچۈن بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇب تەرجىمە قىلدۇق. ئۈلگە ئادرېسى: بۇ يەرنى چېكىپ ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ
1-چۈشۈرۈش ئورنى
2-چۈشۈرۈش ئورنى
بۇ يەرنى چېكىپ قاچىلاش ئۇسۇلىنى ئوقۇڭ.
بۇ يەرنى چېكىپ، بلوگ رەسىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىڭ
بۇ ئۇسلۇب پەقەت BlogSpot دىكى بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئىشلەيدۇ. باشقا ئورۇنلاردا ئىشلىمەيدۇ. ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە تەكلىماكان بلوگ مەسئۇل بولمايدۇ. بۇ ئۇسلۇبنى سودا خاراكتېرىنى ئالغان پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندە سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان مەنبەلەردىن ئورتاق پايدىلىنىش خەلقئارا كىلشىمى 3.0 گە قاتتىق رىئايە قىلىڭ.
ئۇيغۇرچىلاشمىغان بىر قىسىم جايلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
eot ھۆججىتى ئۇلاش weft تىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
بلوگ باش بېتىدە يازمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى
بلوگنى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار

Blogbus ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبى: ئىنەك (1)


Blogbus ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش BlogSpot دىكىدەك ئاسان ئەمەس، بىر نەچچە خىل مۇرەككەپ ئىشنى قىلىسىز. ئارامگاھ بلوگدا تونۇشتۇرۇلغان بۇ ئۇسلۇبنى مېنىڭمۇ تەۋسىيە قىپ قويغۇم كەپ قالدى. ئۇسلۇب نامى ئىنەك 1-نومۇر. ئۇسلۇب ئىشلىگۈچى شياۋمىڭ. ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئارامگاھ. ئارامگاھقا بېرىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ.
ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىش
ئەسكەرتىش: بۇ ئۇسلۇب پەقەت BlogBus تىن ئالغان بلوگدىلا ئىشلەيدۇ.

BlogSpot ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب كۆكدالا ئىشلەندى

تەكلىماكان بلوگ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېشىل دالا ئۇسلۇبىنىڭ كۆك رەڭلىك نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە ئىشلەپ چىقتۇق. بۇ ئۇسلۇب Blogger تەرىپىدىن تارقىتىلمىغان. شۇڭلاشقا تەگلىك رەسىملىرىنى پىكاساغا ساقلىدۇق. ئۇسلۇبنى ئىشلەشتە ئەسلىدىكى يېشىل دالا ئۇسلۇبىنىڭ بارلىق كودلىرى ئىشلىتىلدى. بىز ئۇنىڭدىكى ئارقا كۆرۈنۈش رەڭگى ۋە زۆرۈر بولغان جايلارنى ئۆزگەرتتۇق. شۇنداق قىلىپ خېلى كۆركەم يېڭى بىر ئۇسلۇب پەيدا بولدى. ئۈلگە ئادرېسى: بۇ يەرنى چېكىپ ئۇسلۇبنى كۆرۈپ بېقىڭ
1-چۈشۈرۈش ئورنى
2-چۈشۈرۈش ئورنى
بۇ يەرنى چېكىپ قاچىلاش ئۇسۇلىنى ئوقۇڭ.
بۇ يەرنى چېكىپ، بلوگ رەسىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىڭ
ئىشلەتكەندە قاچىلاش ئۇسۇلى ۋە مۇشۇ ماقالىدىكى بارلىق ئەسكەرتىشلەرنى تەپسىلى ئوقۇڭ.بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى نۇسخىسى يېشىل دالانى ئىشلىگۈچى جەفىرى جونسون ئەپەندى. Blogbus ۋە BlogSpot سۇپىسىدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تەكلىماكان بلوگ. كۆكدالا ئۇسلۇبىنى ئىشلۈگىچىلەر تەكلىماكان بلوگ. ئۇسلۇب ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان مەسلىلەرگە تەكلىماكان بلوگ ئىگە ئەمەس.

ئۇيغۇرچىلاشمىغان بىر قىسىم جايلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
eot ھۆججىتى ئۇلاش weft تىن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى
بلوگ باش بېتىدە يازمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلى
بلوگنى ئەلالاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار