A turkology blog

Archive for the ‘uyghur’ Category

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى قەشقەر ناملىق شەھەرلەر

ئالدىنقى قېتىمدا تىيەنجىن شەھىرىدىكى قومۇل يولىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى قەشقەر ناملىق جايغا نەزەر سالايلى. تۆۋەندىكى خەرىتىدىن بۇ جايلارنى كۆرەلەيمىز. بۇ شەھەرمۇ ياكى يېزىمۇ مەن بىلمەيمەن.
قازاقىستان ئالما-ئاتا شەھىرىگە يېقىن قەشقەرنىڭ Google ئاتلاستىكى ئورنى

تىيەنجىن شەھىرىدىكى قومۇل يولى

ئۆتكەندە لوندون شەھىرىدكى قەشقەر يولىنى كۆرگەن ئىدۇق. ئەمدى جۇڭگودىكى ۋە دۇنيادىكى داڭلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان تىيەنجىن شەھىرىدىمۇ دىيارىمىزدىكى قومۇل شەھىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يولنى ۋە مەكتەپنى كۆرۈپ باقايلى:
بۇ تىيەنجىن شەھەر قومۇل يولى
مەن تىيەنجىنگە كېلىپلا مۇسۇلمانچە ئاشىخانا ئىزدەپ قومۇل يولى دىگەن بۇ يولنى تاساددىپى ئۇچرىتىپ قالدىم.
بۇ يولدا شۇنداقلا قومۇل يولى باشلانغۇچ مەكتىپى دەپ مەكتەپ بار.

بۇ قومۇل يولىدا ۋىۋىسكىسىغا «قومۇل يولى» دەپ يېزىۋالغان دۇكان.


بۇ Google Earth تا تارتىلغان قومۇل يولى

تۆۋەندىكى Google ئاتلاستىكى قومۇل يولىنىڭ خەرىتىسى
http://maps.google.com/maps?f=q&hl=zh-CN&geocode=&q=%E5%A4%A9%E6%B4%A5%E5%B8%82%E5%93%88%E5%AF%86%E9%81%93&ie=UTF8&ll=39.366156,117.328491&spn=1.284159,2.834473&z=9&iwloc=A&cid=0,0,15793747072368139164&output=embed&s=AARTsJo14uRlE8OO4rhS3qp6nflcuwLvrw
查看大图

خەرىتە ئاستىدىكى «چوڭ رەسىمنى كۆرۈش» نى چەكسىڭىز Google خەرىتە بېتىدە ئېچىلىدۇ.
لوندوندىكى قەشقەر يولى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

ئامېرىكىغا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى لازىم

بىلىك كۇلۇبىدىكى Eagle ئەپەندىنىڭ يازمىسىدا ئېيتىشىچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شىتاتى سىياتىل شەھىرىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنۋېرىستىتىغا (www.washington.edu) بىر نەپەر ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى لازىمكەن. تەپسىلى قوبۇل قىلىش شەرتى تۆۋەندىكىچە:

JOB- Lecturer in Uighur Language and Culture, Univ. of Washington, Seattle
Posted by: Carrie O’Donoghue
April 28, 2008 : Review of applications will begin
The Department of Near Eastern Languages & Civilization invites
applications for a one year appointment, beginning Fall 2008, as a
full-time lecturer in Central Asian Turkic Studies to teach Uighur
through the third year level. Candidates must possess native or
near-native fluency in Uighur and have at least an MA degree in an
appropriate field (e.g., Turkology). Prior experience in teaching
Uighur language and culture at the university/college level is highly
desired. It would also be desirable that the candidate be able to
teach, if needed, a second Central Asian Turkic language, such as
Uzbek or Kazak. Send letter of interest, CV, three letters of
reference and, if possible, evidence of teaching effectiveness (such
as course materials authored by the candidate, course evaluations,
video of teaching) to the Chair of the Department of Near Eastern
Languages and Civilization, 229 Denny Hall, Box 353120, University of
Washington, Seattle, WA 98195-3120. Review of applications will begin
on April 28, 2008 and continue until the position is filled. The
University of Washington is an Equal Opportunity/Affirmative Action
employer.

Carrie O’Donoghue
Program Coordinator
Ellison Center for Russian, East European and Central Asian Studies
Jackson School of International Studies
203-A Thomson Hall, Box 353650
University of Washington
Seattle, WA 98195-3650
206-543-4855
fax 206-685-0668
codonogh@u.washington.edu
http://jsis.washington.edu/ellison

ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈش

تىبەت داڭلىق چولپىنى ياڭجەن جۆمەنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىسى

كۆپ قېتىم «ئون چوڭ نادىر ناخشا»، «ئەڭ داڭلىق چولپان»، «جۇڭخۇا يۇلتۇزى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن تىبەت ناخشا چولپىنى ياڭجەن جۆمە بۇ قېتىم سەھنىدە ئۇيغۇرچە «قارا دەيدۇ» نى ئېيتىپ قىزغىن ئالقىشلارغا ئېرىشتى. تۆۋەندىكى MTV ئۇنىڭ «قارا دەيدۇ» دىگەن ناخشىسى
http://www.56.com/n_v164_/c32_/28_/14_/sowdayi_/zhajm_120332283621x_/302000_/0_/29316010.swf
ياڭجەن جۆمە تىبەت، شىزاڭدا تۇغۇلغان، ئۇ 14 ياش ۋاقتىدىلا داڭق چىقىرىشقا باشلىغان، ھازىر «ئەڭ ئالقىشلىنىدىغان چولپان» دەپ نامى بار.
ياڭجەن جۆمەنىڭ بلوگى
خەنزۇچە ئىسمى : 韩红
ئۇنىڭ رەسىمى


央金卓玛 韩红

ئۇيغۇر (ئەرەب) يېزىقىدىكى نۇسخىسى ھەققىدە خەۋەر Google

ئۆتكەن ئايدا بىلىك كۇلۇبىدىن ئاخىرقى فانتازىيە ئەپەندىم باش بولۇپ، Google نىڭ ئۇيغۇر (ئەرەب) يېزىقىنى ئىشلەشكە تۇتۇش قىلىنغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تەرجىمە قىلىنىپ Google غا تەكلىپ يوللانغان ئىدى. تۆنۈگۈن ئاخىرقى فانتازىيە ئەپەندىمنىڭ بىلىك كۇلۇبىدا بەرگەن ئىنكاسىدا ئېيتىلىشىچە Google شىركىتى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.
تۆۋەندىكى Google دىن كەلگەن خەتنىڭ مەزمۇنى :
خېتىڭىزگە كۆپ رەھمەت ھەم كېچىكىپ كەتكەن جاۋابىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز. سىزنىڭ تەكلىپلىرىڭىزدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۇق ھەم Google نىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئىشلەش جەريانىدا تەكلىپلىرىڭىزنى ئېسىمىزدە ساقلايمىز.
ھۆرمەت بىلەن،
Google خىزمەت گۇرۇپپىسى
—-
بۇندىن ئىلگىرى Google شىركىتى http://www.google.com/ug ئارقىلىق Google نىڭ ئۇيغۇر (لاتىن) يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى چىقارغان ئىدى. گەرچە ئۇيغۇر (لاتىن) يېزىقى ULY دىگەن نام بىلەن 2001-يىلى كۆپلىگەن مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ئۇنى بىر يېزىق قاتارىدا مۇئامىلە قىلماسلىق، پەقەت ئۇيغۇرچە خەتلەرنى لاتىنچە ھەرىپلەر بىلەن ئىپادىلەش زۆرۈريىتى تۇغۇلغاندا ئىشلىتىش تەكىتلەنگەن ئىدى. ئەمما Google غا ئوخشاش چوڭ تور بېكەتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ لاتىن يېزىقى بىلەن بولىشى ئۇيغۇر يېزىقىغا نىسبەتەن ئازراق ئۇقۇشماسلىق ئېلىپ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن فاينول فانتازىيە قاتارلىق تورداشلار بىرلىكتە Google نىڭ تىل ھۆججىتىنى ئۇيغۇر (ئەرەب) يېزىقىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى.

كانادادىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسى – سۈرەت

مەزكۇر ئاشخانا كانادانىڭ مونترىئال شەھىرىدكى ئەڭ ئاۋات ساياھەت كوچىلىرىنىڭ بىرىگە ئېچىلغان بولۇپ، 2005 – يىلى 10 – ئايدا تىجارەت باشلىغان. ئاشخانىنى ئۈچ ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر ياش ھەمكارلىشىپ ئاچقان. ئاشخانا تىجارەت باشلىغاندىن تارتىپلا سودىسى ئىنتايىن ياخشى بولغانكەن. ئاشخانىدا ھازىر لەغمەن، پولو، سامسا، ئۈگرە، چۆچرە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تائاملىرى چىقىرىلىدىكەن. بۇ جايدىكىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بۇ ئاشخانىغا كۆپ كىرىدىكەن. ئۇلار لەغمەننى بەك ياقتۇرۇپ يەيدىكەن. ھازىر ھەتتا بۇ ئاشخانىدا جيامەن يەيدىغان كانادالىقلارمۇ پەيدا بوپتۇ!

يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى – سۈرەت

بىلىك كۇلۇبىدىكى Dell ئىسىملىك تورداشنىڭ ئېيتىشىچە بۇ سۈرەتلەرنى 1910 – بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچى ئۇيغۇر دىيارىدا تارتقانكەن. Dell سۈرەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى بەرمىگەن بولسىمۇ بۇلارنىڭ 100 يىل بۇرۇنقى بىز ئىكەنلىكىمىزنى سۈرەتتىن كۆرىۋالغىلى بولاتتى. ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتابىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن بۇندىن يۈز يىل بۇرۇنغا تەۋە ئانا دىيارىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر مېنى ھاياجانلاندۇرغان ئىدى.
ئۇيغۇر قىزى – قومۇل
100 يىل بۇرۇنقى ئاقسۇ مەنزىرىسى

قەشقەر كوچىسى
قەشقەر كوچىسى
قەشقەر كوچىسى

ئالتايدىكى قازاقلار
ئىلى دەرياسى

موڭغۇللار
قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار
قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار
قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار
قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار
قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار
قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار




ئالتۇن تېپىۋالسىڭىز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟

مەن كۆپ قېتىم يانفون يۈتتۈرۈپ قويغان. زادى قانچە قېتىملىقى ئېسىمدە يوق. ھەممىسى نوكىيا ماركىلىق يانفونلار ئىدى. ئەڭ دەسلەپ يانفون يۈتتۈرگەن ۋاقتىم ئۈرۈمچىدە. شۇ چاغدا بانكىدا پۇل سالماقچى بولۇپ، ھىسابات نومۇرى يانفوندا ئىدى. نومۇرنى يازىمەن دەپ يانچۇققا قول سالسام يانفون يوق! ئەگەر ئەينى چاغدا يانفوننى ئېلىۋالغۇچى ماڭا بانكا ھىسابات نومۇرىنى دەپ بەرسە يانفون بىلەن ھىسابلاشمايتتىم. ئىككىنچى قېتىم كورلا باج ئىدارىسىنىڭ يېنىدا، شۇ چاغدا بىر ماتېرىيالنى باستۇرۋېتىپ كومپيوتېرخانىغا يانفوننى تاشلاپ قويۇپتىمەن، كېيىن كىرسەم «ھىچكىم ئالماپتۇ» ئەمما يانفون يوق. مەن شۇ چاغدا يانفوننىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىشىنى بەك ئۈمد قىلغان، چۈنكى ئۇنىڭدا بەك مۇھىم ئالاقىلىشىدىغان نومۇرلار بار ئىدى. يانفون يۈتكەندىن كېيىن ئىچىم پۇشۇپ، بىر تال قەغەز يەشىكنى ئاستىمغا سېلىپ ئاپتاپ سىنىپ ئولتۇراتتىم. ئۈچ – تۆت كۈندىن بۇيان كورلىدا، ئىسسىقتا كىيىم ئالماشتۇرماي گالاستۇقۇم ۋە ئاپئاق كۆينىكىم بەك كىرلىشىپ كېتىپتىكەن. ئىشقىلىپ بەتبەشرە بولۇپ كەتكەن ئوخشايمەن. تازا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسام بىر بالا كېلىپ ئالدىمدىكى قەغەزگە بىر كوي تاشلاپ قويۇپ كېتىپ بارىدۇ. ھې ھې ھې …. ئۆزەمچە بەك كۈلگۈم كېلىپ كەتتى، بالا كەتكەندە دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ئۇ يەردىن، ئىچىمدە شۇنداق ئىزا تارتىپ كەتتىم. مەن تىلەۋاتقان ئادەم ئوخشىمايمەنمۇ ؟
يېقىندا ئالىملار ئىنسانلارنىڭ يانفون تېپىۋالغاندا قانداق قىلىدىغانلىقىنى سىنىغان. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئوقەرمەنلەر تەرمىلىرى»ژورنىلىدا «ھەميېنىم يىتۇپ كەتتى»ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، يېقىندا يەنە پۈتۈن يەر شارىدىكى 32شەھەردە 960 دانە يانفۇن «يىتۇپ »كەتكەن .ئۇنداقتا شۇنىڭدىن كېيىن كېيىنكى ئەھۋال زادى قانداق بولغان ؟«ئوقۇرمەنلەر تەرمىلىرى»ژورنىلىنىڭ تەكىتلىشىچە ، بۇ پەقەت بىر قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش بولماستىن ، بەلكىم مۇشۇنىڭغا ئاساسەن خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا يولۇققاندا ، قانداق ئىنكاس ۋە تاللاشلاردا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت ئىكەن .
بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، يوقاپ كەتكەن 960 دانە يانفوندىن 654 دانىسى يانفون ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم تەپسىلاتلار ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ . تۆۋەندە بۇ تەپسىلاتلاردىن قىسمەنلىرى بېرىلدى :
تەيبېيدىكى ئادەتتىكى بىر قەھۋاخانىدا ، بوۋاق كۆتۈرگەن ياش ئانا ئەمدى ئولتۇراي دەپ تۇرىشىغا شىرەنىڭ ئۈستىدە تۇرغان بىر دانە يانفوننى كۆرۈپ قالدى ۋە شۇ ھامان يۇقىرى ئاۋازدا “بۇ كىمنىڭ يانفونى “دەپ ۋارقىرايدۇ ، ئۇ ئانا ، بۇ يانفوننىڭ ئىگىسى بۇ يەردىن تېخى يىراقلاپ كەتمىگەن بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلايدۇ . كېيىن تەكشۈرگۈچى خادىم ئۇنىڭغا بۇ ئىشنىڭ بىر مەخپىي سىناق ئىكەنلىگىنى ئېيتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن يانفون ئىگىسىنى نىمە ئۈچۈن ئىزلىگەنلىگىنى سورايدۇ ، بۇ ئاددىي ئانا سەمىمىيلىك بىلەن: “مەن ئۆزۈمگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى ھەرگىز ئالمايمەن ، ئۇنداق قىلسام پەرزەنتىمنى قانداقمۇ تەربىيلىيەلەيمەن” دەپ جاۋاپ بېرىدۇ .
نيۇ- يوركنىڭ خالىن رايونىدا ، 16 ياشلىق ئۆسمۈر چاننى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئويناۋېتىپ ، بىر يانفون تېپىۋالىدۇ . ئۇ يانفوننى قولىغا ئېلىپ ، دەرھال يانفوننىڭ ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش نومىرىغا تېلىفون قىلىدۇ . يانفون ئىگىسىنى تاپقاندىن كېيىن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يانفون ئىگىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ يانفوننى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . چاننى تەكشۈرگۈچى خادىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، پەخىرلەنگەن ھالدا ساۋاقداشلىرىغا :”قانداق ، مەن توغرا قىپتىمەنمۇ !”دەيدۇ .
ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى بىر چەرچىن مال دۇكىنىدا ، شۇ ئەتراپتىكى كىيىم تىكىش دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر بىر يانفون تېپىۋالىدۇ ، ئۇ ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن ، يانفوننى ئېتىۋېتىپ ، يانچۇقىغا سېلىپ كېتىپ قالىدۇ . ئەمما بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ، چەرچىن مالنىڭ خئوجايىنى بىر قانچە دوستلىرىنى چاقىرىپ ، ھېلىقى كىيىم تىكىش دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان ئەرنى تېپىپ ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىنى دەرھال توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ستوكھولمىدا پويىز بېلىتى تەكشۈرگۈچى خادىم روتتا ماگىزىن ئارىلاۋېتىپ بىر دانە يانفۇن تېپىۋالىدۇ . ئۇ دەرھال يانفوننىڭ ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش تېلىفون نومىرىغا تېلىفون قىلىپ ، يانفون ئىگىسىنى تېپىپ ،يانفونىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ . ئۇ تەكشۈرگۈچى خادىمغا :”پويىزدا يانفون تېپىۋېلىشىم ، تېپىۋالغان يانفوننى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشىم مەن ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى ، شۇڭلاشقا بۇ جەھەتلەردە تەجرىبەم بار “دەيدۇ .
شىياڭگاڭنىڭ قەدىمقى شەھرىدە لى بىشىيا ئىسىملىك كىشى دوختۇرخانىغا كېتىۋېتىپ ، بىر يانفون تېپىۋالىدۇ . ئۇ يانفوننى قولىغا ئېلىپ تۇرىشىغا يانفون جىرىڭلاپ كېتىدۇ . قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ ھېلىلا يانفوننى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ . لى بىشىيا دەرھال قارشى تەرەپتىن يانفوننى قانداق يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى سورايدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي ، تەكشۈرگۈچى خادىم ئۆزى ئالدىراش دوختۇرخانىغا كېتىۋاتقان تۇرۇقلۇق ، يانفوننى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن لى بىشيا بىلەن كۆرىشىدۇ .
شىياڭگاڭدىكى مەلۇم ئۆي – جاي شىركىتىنىڭ دېرىكتورى لىن ئەپەندى تەكشۈرگۈچى خادىم قويۇپ قويغان يانفوننى ھەقسىز تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ، تەكشۈرگۈچى خادىمغا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ يانفونىنى يۈتۈرۈپ قويغاندا تېپىۋالغۇچىنىڭ ئۆزىگە تېلىفون قىلىپ ، 200 ئامېرىكا دوللىرى بەرسە يانفوننى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ لىن ئەپەندى :”شۇ ۋاقىتتا بەكلا بىئارام بولغان ئىدىم “دەيدۇ .
كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ 29 ياشلىق خادىمى لايىن بانكىنىڭ يەر ئاستى زالىدىن بىر دانە يانفون تېپىۋالغاندىن كېيىن دەرھال قايتۇرۇپ بېرىدۇ . تەكشۈرگۈچى خادىم ئۇنى ماختىغان ۋاقىتتا ، ئۇ ئۆزىنىڭ قول سومكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سەمىمىيلىك بىلەن :”بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم ، چۈنكى مېنىڭ بۇ سومكامنىمۇ باشقىلار تېپىۋېلىپ ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن “دەيدۇ .
ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپىشت شەھرىدە ، 59 ياشلىق فىرانكىلىننىڭ سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنىگە 6 يىل بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ پويىز ئىستانسىسىدىن بىر دانە يانفون تېپىۋېلىپ ئۇيان – بۇيان قاراپ ، يانفون ئىگىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن قىلچە ئىككىلەنمەي ، يېقى ئەتراپتىكى گېزىت ساتقۇچىنىڭ بوتكىسى ئالدىغا بېرىپ يانفوننى ئىگىسگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىدۇ . كېيىن تەكشۈرگۈچى ئۇنىڭدىن ، نىمە ئۈچۈن يانفوننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىغانلىقىنى سورىغاندا فىرانك ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ :”ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ، بۇ پەقەت بىر دانە يانفون بولۇپلا قالماستىن ، سەمىمىيلىك مەسلىسى”.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ، سىلوۋنىيە پايتەختى ليۇبلنا تېپىۋالغان يانفوننى قايتۇرۇپ بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى شەھەر بولۇپ باھالانغان ، بۇ يەردە يىتۇپ كەتكەن 30 دانە يانفوننىڭ 29 دانىسى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن . يانفون تېپىۋالغۇچىلار ئىچىدە مۇناخ ۋە ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىرمۇ بار ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ھەقىقەتەن ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىكەن .
———————
«تەرمىلەر» ژورنىلىدىن ئېلىندى تەرجىمە قىلغۇچى :ئىدرىس تۇرنىياز كۆكيار

مەن كىم؟

ئىسلام ئەللىرىدە ۋە نۇرغۇن مىللەتلەردە قورامىغا يەتكەن ئاياللار چۈمبەل ئارتىدىغان ئادەت بار. بىخەتەرلىك ۋە خەتەرگە تولغان بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرۇغۇن ئۇرۇنلاردا كىشىلەرنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا چۈمبەل ئارتقان ئاياللارنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك. يېقىندا ئالىملار كۆكچىش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بىر خىل چۈبەلنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇنى ئارتىۋالغاندا قارشى تەرەپ كۆكچىش ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بولغان ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ چۈبمەل ئارتقۇچى ئۆزى بەلگىلىگەن سۈرەتنى كۆرەلەيدىكەن. بۇ تېخنىكا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق بلوگ جيەندەندىمۇ تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئاپتۇ، ھازىر يۇرتىمىزدا ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ دىگىنىدەك توي قىلغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى چۈبەل ئارتىدىغان ئىش يوق.
ئەمما ئەرلەر دىققەت قىلايلىكى ئايال سىزنىڭ، خوتۇن سىزنىڭ، ئۇنى سىز كۆرىسىز، ئۇنى ياساپ بازارغا سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاياللارنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشى، ئەۋرەت ئەزالىرىنى يۇشۇرىشى بىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىمىز.ئايالىڭىزنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى، سۇمبۇل چاچلىرىنى كۆرگەن ئەركەكلەر نىمىلەرنى ئويلىسا سىز چىداپ تۇرالامسىز؟

مۇندىن 90 يىل بۇرۇنقى بىر بېيىت

19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ بېشىدا شىنجاڭغا كەلگەن چەتئەللىك ئېكسپېدىتسىيىچىلەر قاتارىدا گېرمانىيىلىك ئالبېرت فون لېكوك كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئا. لېكوك 1904 – يىلى 18 – نويابىردىن 1905- يىلى 1 – ئاۋغۇستقىچە بولغان10ئايلىق ئېكسپېدىتسىيىسىنى ئاساسەن تۇرپان قاراخوجىدا ۋە مۇرتۇقتا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا بىر ياقتىن ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ، يازما يادىكارلىقلارنى يىغىش قاتارلىق ئاساسلىق خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن، يەنە بىر ياقتىن تۇرپان خەلق ماقال – تەمسىللىرى، خەلق قوشاقلىرى، توي ناخشىلىرى، رامزان قوشاقلىرى قاتارلىق ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. بۇ ماتېرىياللار 1911- يىلى BAESSLER ARCHIV- باسلېرنىڭ ئارخىپى ناملىق توپلامدا بېسىلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى لېكوكنىڭ قاراخوجىلىق ئوبۇل مەھدىدېگەن كىشىگە پۇل بېرىپ يازدۇرغان مۇشۇ قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى ۋە بۇ ئەترەتنىڭ تۇرپان رايونىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى توغرىسىدا يازدۇرغان شېئىرىي مەدھىيىسىدۇر. بۇ مەدھىيە بىزنى لېكوكنىڭ ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ئاساسەن خەۋەردار قىلىدۇ. مەدھىيە دە ناھايىتى قىزىقارلىق ئىشلار بايان قىلىنغان. مەسىلەن: ئەترەتنىڭ قانداق قارشى ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق نەرسىلەرنى يىغقانلىقى، قانچە ساندۇقنى توشقۇزغانلىقى قاتارلىق. ئۇ دەۋردە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان خەلقنىڭ بۇ ئىشلارغا ھەيران قالغانلىقى قاتارلىقلار بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خېلى جەلپكار بايان قىلىنغان. بۇ مەدھىيە نەزم بېيىت دېگەن نام بىلەن يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۇبلېت، ۋەزن ، تۇراقلىرىدا ئىزچىللىق يوق. شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇنى قاپىيىلىك نەسىر دەپ ئاتىغان تۈزۈك. نەزم بېيىت نىڭ تىل ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئوبۇل مەھدىنىڭ ئەينى دەۋردىكى كونا زىيالىيلاردىن ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس. ئۇ ئىشلەتكەن تىلنىڭ ئىملا ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، چاغاتاي يېزىق تىلى ئىملا ئەنئەنىلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقان، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. بۇ مەدھىيە يۇقىرىقى توپلامدا لېكوكنىڭ ترانسىكرىپسىيىسى ۋە تەرجىمىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان. بىراق، ئۇنىڭدا مەلۇم يېتىشسىزلىكلەر بار. بىز بۇ قېتىم بۇ مەدھىيىنى ئىشلەشتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا چەمبەر ئىچىدە ئەسكەرتىش بېرىش يولى بىلەن ئېلان قىلدۇق. ئەسكەرتىش: ئەسلى نۇسخىدىكى پ ئورنىغا ف ، ت ئورنىغا ئىشلىتىشتەك ئىملا خاتالىقلىرى بىزنىڭ ترانسىكرىپسىيىمىزدە كۆرسىتىلمىدى.

بېرلىن دېگەن مەملىكەتنىڭ پادىشاھى،
ئىبەرىپدۇر تۇرپانغە ئۈچ شەھسۇۋارى.
چوڭىنى ئاتايدۇر دوختۇر ئەفەندىم،
سۈرەت بىلەن كاغەز ئالۇر ھەرنە بارى.

لېكوك بەگ دەرلەر ئەنى بۇ ئۆزى زور كىشىكەن،
سۈرەت ئالماق، كاغەز ئالماق پادىشاھىغە خىزمەت ئىكەن.
پاشاھسىغە ئالىپ بارسە كاغەز بىلەن چالپاقنى ،
ئىنئام قىلۇر پادشاھسى بېشىغە بىر قالپاقنى.
مىلتىقلارى بەندلەكدۇر ئەپلەپ تۇرۇر ئاتماقنى،
كۆڭلىدە كەچۈرمەگەي كۆڭلىدە بىردەم بىكار ياتماقنى.

ھەر كۈنى مەدەكارغە ئونبەش كىشىنى ئالۇر،
كەتمەن، گۈرجەك كۆتەرتىپ كوھنە شەھەرگە ئۆزى بارۇر،
جوھان دېگەن بىر ئادەمى ئاشپەز بولۇپ ئۆيدە قالۇر،
مەدەكارلەر پۇلنى ئالىپ ئاخشاملىقى كەچ تارۇر.

بۇ مەملەكەت ئادەملەرى بۇ ئىشقە ھەيران قالدۇق،
سۈرەت بىلەن كاغەز ئىستەپ تولا ھاردۇق.
بەزى كۈندە سۈرەتغە توشتى نەچە ساندۇق،
نەگە بارسە ئارقادىن بىللە بارىپ بىللە ياندۇق.

سورادۇق ئەي ئەفەندىم بۇ سۈرەتنى نە قىلۇر
، دېدى ئول سۈرەتنى تاپساق بۇ مەملەكەتكەبەگ قىلۇر،
كۈندۈزى سۈرەت ئىستەيدۇر كېچەسىدە خەت قىلۇر،
بويىغە كەيگەن لىباسىنىڭ ھەممەسىگە چەك قىلۇر.
ئورۇسمىكىن دەپدۇرمىز، ئورۇس ئەمەس بىز دەيدۇر،
ئورۇس يۇرتى يېقىندۇر، بىزنىڭ يۇرت يىراق دەيدۇر،
يۇرتۇڭلار قايان دېسەك، رۇم شەھرىدىن نىراق دەيدۇر،
سۈرەت چىقسا ئالادۇر، بىزگە بۇ كېرەك دەيدۇر.

گېرمان پادىشاھ گۇناھكارنى ئۇرماغۇدەك.
ئانداغ ئالسە كوھنە شەھەردە ھېچ نېمەنى قويماغۇدەك.

سۈرەت بىلەن كاغەزغە قىرق ساندۇق توشقاردى
سۈرەت بىلەن كاغەز بولسە قانچە بولسە تويم
ئاغۇدەك.
لېكوك بەگ دەيدۇر ئۆزى خۇشخۇي كىشى ئىكەن،
خەزىنە كەلىدلەرى قولىدە ئىكەن…
بەرگەن كاغەز ياراسە پۇل بېرىپ ئالۇر ئىكەن،
كاغەزى ياراماسە ياندۇرۇپ بېرۇر ئىكەن.
ھەر كىشى سۈرەت ئىستەپ ئەمگەك بىلەن ئوننى تاپسە،
بىرىنى ئىلغاپ ئالۇر، توققۇزى قالۇر ئىكەن.

لېكوك بەگ دوختۇرى ئىلىم – ھىكمەت بىلىپدۇر،
ئىلىم – ھىكمەت بار ئۈچۈن بارچە زەبانلارنى بىلىپدۇر،
فارسى، ئەرەبى، ئەڭگىلىس ۋە ئامۇس بىلىپدۇر.
يەنە تۇرپانغە كېلىپ تۈركىي زەبانى بىلىپدۇر.

ئانىڭ كەيگەن لىباسى پادشاھانە،
دەقيانۇس كوھنە شەھرى بارچە بۇتخانە.
بۇت بىلەن كاغەز ئالماق بۇلارغە بىر باھانە
مۇنچەمۇ ئەمگەك بولۇرمۇ ئاھ شېرىن جانە.
قىرىق ساندۇقغە توشقاردى چالپاق بىلەن سۈرەتنى،
پادشاھى بېرىپدۇر ئالتە ئايلىق مۆھلەتنى.
كېچە- كۈندۈز ئارام يوق تارتتى جەفا بىلەن مەينەتنى .
يۇرتىغا يەتكۈزۈپ بارسە، ئاندىن كۆرەر دۆلەتنى.

ساندۇق ئىچىدەكى سۈرەت ئەمەسمۇ؟
سائەت كۆرۈپ ئىشلەيدۇر مۆھلەت ئەمەسمۇ؟
ئاخشامغىچە كەتمەن چاپۇر مەينەت ئەمەسمۇ؟
خىزمىتى خانغە يەتسە دۆلەت ئەمەسمۇ؟

يەنە ساندۇق ياسايدۇر پالتۇ بىلەن،
ئون كۈنغىچە ئېغىزغە باردى بالتۇر بىلەن.
دوقتۇر بىلەن بالتۇر كېلىپدۇر بىر ساندۇقئالتۇن بىلەن،
نەچچە مىلتىق بەندلىكتۇر پەرۋايى يوق كانتو بىلەن.

خەرجىسىنى خەتلەپ تۇرۇر جوھان دېگەن بىر قۇلى،
نەچچە ساندۇقدە باردۇر ئاقچى دەپ كاغەز پۇلى.
ئاقچى دېگەن خار ئەمەس ئېتىباردۇر بۇ پۇلى،
قەلەم بىلەن خەت قىلۇر توختاماس مۇنىڭ قولى.

ئاقچەسىنى تېگىشىدۇر يامبۇ بىلەن يارچەنگە ،
قالماشتۇرۇپ قويغان ئادەمگە بىر پۇل بەرمەس ساچەنگە 10 .
كۆرسە ھەيران قالادۇر شەھەردىن چىققان ماچەنگە 11 ،
خەلايىق كاغەز تاپسە سېتىپ ئالۇر داچەنگە.

بۇلار بىر كۈننى ئۆتكەردى ئون سەر بىلەن،
قىرىق ساندۇق سۈرەتكە توشقاردى مىڭ سەر بىلەن.
بۇ ساندۇق پۈتۈپدۇر نەچچە يۈز سۇڭ پەن بىلەن،
چالپاقلارنى يىلىمداپ يۆرگەپ قويۇر يۇققا پەن بىلەن.

چوڭ سۈرەت تېپىپ كەلسەك، دېدىلەر ساندۇقغە پاتمايدۇر،
سۈرەت، كاغەز بارمۇ دەپ بىردەم بىكار ياتمايدۇر،
سۈرەت بىلەن كاغەزنى بىرنى بىرگە قاتمايدۇر،
كېسەلمەنگە دورا بەرسە بىكار بېرەر ساتمايدۇر.

بالتۇرى كەتمەن چاپۇر ئاخشامغىچە ھارمايدۇر،
بۇ قىسمەت سۈرەت ئالسە كوھنە شەھەردە ھېچ نېمە قالمايدۇر.
نەچچە مىڭ سەر پۇل خىراجەت بولدىلەر، تۈمەنغە بارمايدۇر،
بۇلار ئالغان نەرسەلەرنى بۇ يەردە پۇلغە ئالمايدۇر.

كۆرۈڭلەر ئەي خەلايىق بۇ بىكار ئىشنى،
بىكار ئۆمرى ئۆتكەزدى بىر پۈتۈن قىشنى.
قەندۇ نەبات بىرلەن قىلۇر ئاخشامغىچە يېيىشنى،
ھەر ئادەم كۈنلۈكىگە ئىككى مىسقال قىلدى ئىشنى.

بېرلىندىن ئالغاچ كېلىپدۇر بىر نەغمە ساندۇق 12 ،
ئەنى كۆرۈپ مۇسۇلمانلەر ھەيران قالدۇق.
كارنايىغە سۆز قىلغىلى يېقىن باردۇق،
نېمە دېسە شۇنداغ دەيدۇر بارچە خەلق كۆرۈپ ياندۇق.

يۇرتىدىن چىقىپ كېلىپدۇر قوقان بىلەن،
ئاندىن كېيىن ئكتۈپ كەلدۈك ياركەن بىلەن 1

3 .
يەنە بىرلە كېلىپدۇر بالتۇرى ھەممە كار بىلەن،
قاراپ كۆرسەك يۈرۈپدۇر دۆلەتى ئەركان بىلەن.

تۇرپانغە كەلگەن ھەمانە ۋاڭ بېگىمگە ئاڭلاندى،
ئانىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ بارچە ئىشى جايلاندى.
كوھنە شەھەرگە ئېلىپ بار دەپ ئىككى ئادەمگ
ئە جولاندى،
تۇرپاندىن دىڭما 14 بولۇپ كوھنە شەھەرگە ئۇلاندى.
ئول زەمان يېتىپ كەلدى كوھنە شەھەرگە،
يۈكلەرىنى تۈشەردى كېلىپ دەنگە 15 ،
دېدىلەر پۇل بېرىمەن ياخشى ئەرگە،
بىز خەلايىق قاراپ باقساق قەدىمقى ئەندگە 16 ،
چالپاق ، سۈرەتكە بەرمەپتۇر ھېچ كىشى تەڭگە.
ئۇلۇغ بېگىم ئۆزى كېلىپ بۇلار بىلەن كۆرۈشتى،
مېھرىبان ئىنئام بىلەن ئانچىنان سۆز قىلىشتى.
بۇ جايدا بولۇر لازىملىقىنى 17 دېيىشتى،
ئاندىن كېيىن ۋاڭ بېگىم ئوردا سايان يانىشتى.

يانىشىدا دوراغەلەر 18 گە ھۆكۈم تەگۈردى،
بارىپ يولغە چارجاڭ قىلىپ ئاران ئۈلگۈردى.
مېھمانلارنىڭ چوڭلىقىنى دورغەلەرغە بىلدۈردى،
ھۆكۈم ئاڭلاپ بۇ دورغەلەر چاپچان يۈگۈردى.

كوھنە شەھەردە بولدىلەر تۇرالغۇ جايى،
ئۇلۇغ بېگىم خىزمەتكە بەردى ئىككى يايى.
ئىككى يايى خىزمەت قىلىپ بىر ئايغىچە تۇردى،
مالمان قىلسە خەلايىق قامچى بىلەن ئۇردى.

پادىشاھغە ئوخشايدۇر ئانىڭ خۇلقى،
كېچە – كۈندۈز ھەرەكەت قىلىپ يوقتۇر ئۇيقى.
دوقتۇر جوھان يېڭى كەلدى، بالتۇر بۇرۇنقى،
دوراسى بىلەن تۇرۇر نەچچە يۈز لوڭقى.

بۇ لوڭقىلار ئىچىدە رەڭگا رەڭ دوراسى بار.
چوڭ – كىچىك تۇرغان بىلەن ھەرقايسىنىڭ جوراسى بار،
يەنە تاز باشقە ئىشلەيدۇر سۈيى بىلەن كوراسى بار،
چالپاق سۈرەت كۆپ چىقىپدۇر، لېكوك بەگنىڭ دوراسى يار.

كوھنە شەھەرنى تۈگۈتۈپ، باردىلەر مۇرتۇق سايان ،
مۇرتۇقتىن سۈرەت چىقىپ بولدى كۆپ ئايان 19 .
ئوتتۇز كۈن مۇرتۇقغە بېرىپ بولماي 20 بىرفۇڭ زىيان،
بۇ قىسمەت ئۆتكەن ئىشنى نەزم بىلەن قىلدۇق بايان.
بارچە ئىشنى نەزم قىلساق كاغەزغە باتمايدۇر،
مۇرتۇق دېگەن ئۇتتۇر يولغە كۈندە قاتنايدۇر،
پادىشاھلىق خىزمەت ئۈچۈن بىكار بىردەم ياتمايدۇ،
ھەر كۈنلۈكى كەلگەن سۈرەت ساندۇقغە باتمايدۇر.

كاغەز بەردى ماڭا نەزم قىل دەپ،
ئون نەچچە كۈن پۈتۈدۈم ئەزمە قىل دەپ.
بىلگەنىمچە نەزم قىلدىم، بىلمەگەننى نە قىلاي 21 ،
پىسەند بولسە ئەفەندىمگە ئاڭا بېقىپ گەپ قىلاي.

بىكار قىلدىم بۇ نەزمنى ئەفەندىمدىن ئەف قىلاي،
ئىنئام كۆرۈپ ئاندىن ئۆزگە ھەر نەرسە قىلسام يەپ قىلاي.
خىزمەت بولسە قىلماق ئۈچۈن كۈندە كېلەي مەن،
ئەفەندىمدىن لازىملىق ئۈمىد بىلەن جابدۇق تىلەيمەن.

بىكار بولغان جابدۇقلاردىن بىرنى بەرسە،
توققۇز – توققۇز تەزىم قىلىپ ئالسام ئېرسە.
جابدۇق بەرسە ئالىپ خۇش بولۇرمەن،
بەرمەسە نومىد 22 بولۇپ ئوشالۇرمەن.

نەزم مەكتۇب پۈتۈدۈم ئاھۇ – نادامەت،
مەزمۇنى مەفھۇم ئولغاي ياخشى سائەت.
يەنە نەزم بار ئىدى كاغەزغە سىغماي يامان بولدى،
خىلاف ئەمەس بۇ نەزم 23 يىگىرمە كۈندە تامام بولدى.

ئىزاھلار:
1. ئەنى ئۇنى
2. چالپاق بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا چالفاق
دەپ يېزىلغان. ل ۋە پ تاۋۇشلىرى ئورۇن ئالماشتۇرغان. چاپلاق، چاپلانغان نەرسە مەنىسىدە.
3. بۇ مىسرادا ئالدىنقى مىسراغا قارىغاند ئا، بىر نەچچە بوغۇملۇق سۆز كەم.
4. بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا ئواموس شەكلىدە يېزىلغان. لېكوك ئۇنى قامۇس دەپ تونۇپ، شۇنداق تەرجىمە قىلغان. بىز ئو ھەرپىنى باغلىغۇچى ۋە دەپ ئالدۇق. لېكىن ئاموس نى ئېنىقلاش، ئۇنى قامۇس دەپ چۈشىنىشكە ھېچقانداق ئاساس تېپىلمىدى.
5. ئەسلى نۇسخىدا مينت (مەينەت) دەپ يېزىلغان. جاپا – مۇشەققەت مەنىسىدىكى مېھنەت سۆزىنىڭ جانلىق تىلدا ئېيتىلىشىدۇر.
6. ئېغىز سىڭگىم ئېغىزىنى دېمەكچى.
7. بالتۇر كىشى ئىسمى، لېكوك بۇنى بەزىدە بالتۇر، بەزىدە پالتۇر دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان.
8. بۇ سۆز خوراماس يېزىلغان، ئايىغىدىكى ئېتىبار سۆزىگە قاراپ خار ئەمەس دەپ ئالدۇق.
9. يارچەن ئۆز دەۋرىدە قوللىنىلغان مېتال پۇل.
10. ساچەن خەنزۇچە، چاي پۇلى مەنىسىدە.
11. ماچەن كونا تەڭگە.
12. نەغمە ساندۇق ئۈنئالغۇ.
13. بۇ سۆز توغرىسىدا لېكوكنىڭ مۇنداق ئەسكەرتىشى بار: ئوبۇل مەھدى بۇلارغا تۇرپاندا يول باشلىغۇچى بولغان. ئۇنىڭغا بىز چۆچەك ئارقىلىق كەلدۇق، دېگەن بولسىمۇ، نەزم بېيىت قا يەكەن ئارقىلىق ئۆتتۈق دەپ يېزىپ قويغان.
14. دىڭما خەنزۇچە، ئاتلىنىش.
15. دەند- دەڭ، ئۆتەڭ.
16. ئەند ئارخىپ ماتېرىياللار.
17. ئەسلى نۇسخىدا بۇ سۆز لازىم قى نى دەپ يېزىلغان، لېكوك لازىملىقىنى دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان، بىز لېكوكنىڭكىنى ئاساس قىلدۇق.
18. ئەسلى نۇسخىدا بۇ سۆز دوراغە شەكلىدە يېزىلغان، لېكوك بۇنىڭغا دورغە دەپ ترانسىكرىپسىيە بەرگەن. بىزمۇ شۇ بويىچە ئالدۇق.
19. لېكوك بۇ جايغا بۇلارغە دېگەن سۆزنى قوشقان.
20. بۇ سۆزنى لېكوك بولمادى دەپ ئالغان.
21. بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا بيلماكان نە قيلاي (بىلمەگەن نە قىلاي) شەكلىدە يېزىلغان. مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن بىلمەگەننى نە قىلاي دەپ ئالدۇق.
22. بۇ سۆز ئەسلى نۇسخىدا نوميد دەپ يېزىلغان. لېكوك بۇنى نائۈمىد دەپ ترانسكرىپسىيە قىلغان. بىز نەۋمىد دەپ ئالدۇق.
23. لېكوك بۇ سۆزنى نەزمەلەر شەكلىدە ئالغان. بىز كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئەسلىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن قوشمىدۇق.
ئاپتور: مىرسۇلتان ئوسمانوف ش ئۇ ئا ر تىل – يېزىق كومىتېتىدىن
مەنبەسى: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى