A turkology blog

Archive for the ‘uyghurche’ Category

تىلىڭدا تىلىمىزنى قانداق ئاتاشنى دىمىگەچكە….

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئىنجىنېرى مايكول ئەپەندى تۆنۈگۈن بلوگىدا مەزكۇر سەرلەۋھىلىك ماقالىنى يېزىپتۇ. ئۇنىڭدا «ئۇيغۇرچە» ھەم كۆرىنەرلىك ئورۇندا سۆزلىنىپتۇ.
ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى چەت تىل ناملىرىنىڭ ئېنگلىز تىلىدىكى قېلىپلاشماسلىق مەسلىسى مەسلەن: ئۇيغۇرچە ئۈچۈن Uighur, Uyghur, Uygur, Uigur دىگەندەك چېچىلاڭغۇلۇقلارنىڭ بولۇشى دىگەندەك….
ماقالە ئادرېسى: archive/2008/11/12/9061246.aspx

Advertisements

Z-Blog 1.8 ئۇيغۇرچە نۇسخا تارقىتىلدى

جۇڭگودىكى داڭلىق بلوگ پروگراممىسى Z-blog ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى بۈگۈن جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەقسىز تارقاتتى. مەزكۇر سېستىما ھەسەن-ھۈسەن يۇمشاق دېتال ستودىيىسى ئىشلەپ داۋاملىق يېڭىلاپ- ئىلغارلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان. نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە بلوگلار قوللانغان جۈملىدىن ئاينۇرى بلوگقا ئوخشاش داڭلىق بلوگلار ھەم ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان پروگرامما.
ئالاھىدىلىكى: ASP دا يېزىلغان، Access ساندان ئىشلىتىلگەن، HTML ھاسىل قىلىدۇ، ئايرىم تىل خالتىسى تەمىنلەنگەن، نۇرغۇن قۇلايلىق قىستۇرما ۋە خېلى كۆركەم ئۇسلۇبلار تەمىنلەنگەن بولۇپ يەككە كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى: مەنبەدىن چۈشۈرگەن ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىپ، ھاسىل بولغان ھۆججەتلەرنى بوشلۇققا يوللايمىز. ئادرېس ئىستونىغا بىۋاسىتە بلوگ ھۆججەتلىرى ئارىسىدىكى Default.asp ھۆججىتى ساقلانغان ئادرېسنى كىرگۈزۈپ جەزملىسەك قاچىلاش يېتەكچىسى كۆرۈنىدۇ. قاچىلاش يېتەكچىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەقەت بىرلا باسقۇچ بىلەن قاچىلاش تاماملىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ئوڭاي بولۇپ، باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، تاماملانغاندىن كېيىنلا ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 1. پەقەت بلوگنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىلا ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەلدى، تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇب كېرەك بولسا بلوگ باش بېتىگە چىقىپ چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2. ئەسلى ئۇسلۇب UKIJ Tuz Tom فونتىغا تەڭشەلدى. admin.css fck_editorarea.css default.css لارغا EOT ئۇلىنىشى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنى ئىشلەتمەكچى بولغان فونت نامى ۋە EOT ھۆججىتىنىڭ ئۇلانمىسىغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىش كېرەك.
3. ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن بلوگ دوستانە ئۇلىنىشىغا جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسىنىڭ ئۇلىنىشى قوشۇلدى. خالىمىغانلار ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: Z-Blog بولسا ھەقسىز تارقىتىلغان بلوگ پروگراممىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بۇ نۇسخىسىمۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى. جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى پەقەت ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنىلا ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا پەقەت زۆرۈر بولغان RTL بەلگىلىرى ۋە بوشلۇق بەلگىلىرىنى قوشۇشتىن باشقا بلوگ پروگراممىسىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. شۇڭلاشقا تارقىتىلغان بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىمۇ ئەسلى نۇسخىدىكى كېلىشىمنامە بويىچە ئىشلىتىلىدۇ. جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھېچقانداق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولمايدۇ.
سىناق ئادرېسى
ئۇيغۇرچە نۇسخانى چۈشۈرۈش
باش بېكەتكە بېرىپ كۆرۈش
بارلىق ھوقۇق ھەسەن ھۈسەن ستودىيىسىگە تەۋە
ئۇيغۇرچە نۇسخا 1.8 نىڭ بارلىق ھوقۇقى جەۋلان خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تەۋە

ئۇيغۇرچە WordPress بلوگ سۇپىسى

شىنجاڭ ئۇچۇر تور مەھەللىسى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئىلگىركى بلوگ سۇپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ WordPress سۇپىسى ئىشلىتىپتۇ. WordPress دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇقىم بلوگ سۇپلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تور بېكەتتە بلوگ ياساش ئۈچۈن Blogbus ياكى BlogSpot نى تەرجىمە قىلىش ۋە باشقا جەريانلار كەتمەيدۇ. پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىكەن.
ئادرېسى: wp.78.la

ئۇيغۇرچە Firefox نى چىقىرىشقا كۈچەيلى!

مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ھەمدە توردا تارقىلىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان تور كۆرگۈچ Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئىش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قاتنىشىپ بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشىغا مۇھتاج.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ بەتكە كىرىڭ.
بىلىك كۇلۇبىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالە


Star Dictionary دە ئۇيغۇرچە باركەن.

خەلقئارالىق داڭلىق ئېلىكترونلۇق لۇغەت ستاردا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە؛ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە؛ ئۇيغۇر (لاتىن يېزىق) – خەنزۇچە؛ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە (لاتىن) تۈرىمۇ بار ئىكەن. ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە قاتارلىق داڭلىق تىللاردا چىقىدىغان بۇ لۇغەتكە ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىمۇ قوشۇلۇپتۇ. تېخى خېلىلا مۇكەممەلكەن.
ھازىر مەزكۇر لۇغەتنىڭ Windows, Linux ۋە Mac نۇسخالىرى بار بولۇپ، خەلىقئارادىكى بىر قەدەر مۇكەممەل كۆپ تىللىق لۇغەت ھىسابلىنىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: stardict.sourceforge.net/download.php
تور نۇسخا ئادرېسى: www.stardict.org

Blogger.com دا ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش 2- بۆلۈم

بلوگ يۆلىنىشىنى ئوڭدىن-سولغا توغىرلاش ئۇسۇلى( ئەگەر سىز تېخى بلوگدا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدىغان قىلمىغان بولسىڭىز بۇ يەردىن مەزكۇر ماقالىنىڭ 1-بۆلۈمىنى ئوقۇڭ). ئەگەر 1-بۆلۈمنى ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز ھەم ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇغان بولسىڭىز داۋاملاشتۇرۇڭ. قېنى باشلايلى : ئاۋال ئارقا سەھنىدىن «ئۇسلۇب» قا كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن «Html ئۆزگەرتىش» نى تاللايمىز. ئەگەر 1-بۆلۈمنى ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز ھەم ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇغان بولسىڭىز داۋاملاشتۇرۇڭ. قېنى باشلايلى : ئاۋال كو رايونى ئېچىلغاندىن كېيىن تەپسىلى كۆزەتسەك تەخمىنەن 20 – قۇرلاردا
Updated by Blogger Team
دىگەن جۈملە بار، شۇ جۈملىنىڭ ئاستىدا ئۇزۇن بىر سىزىق بار، شۇ سىزىقنىڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز.
html { direction:rtl }
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.

چاپلاپ بولغاندىن كېيىن كود رايونىنىڭ ئاستى قىسىمىدىكى «ساقلاش» كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئۇسلۇبنى ساقلايمىز. بۇ چاغدا بلوگدىكى بارلىق خەت ۋە رەسىملەرنىڭ يۆلىنىشى ئوڭغا توغىرلىنىدۇ. بىز يازغان ئۇيغۇرچە خەتلەرمۇ تولۇق نورمال كۆرۈنىدىغان بولىدۇ. ئۇيغۇرچە خەت بىلەن لاتىنچە خەتلەرنى بىر قۇرغا يازغاندا ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ يۈز بەرمەيدۇ.
دىققەت :
بىز پەقەت ئالدى سەھنىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋاتىمىز. ئارقا سەھنە بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. ئارقا سەھنىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە ماقالە يازماستىن ماقالىنى ئاۋال http://www.yulghun.com/imla دا يېزىۋېلىپ ئاندىن ماقالە يازىدىغان كۆزنەككە كۆچۈرۈپ چاپلاڭ، بلوگنىڭ ماقالە يازىدىغان كۆزنىكىدە لاتىنچە خەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتسە ياكى خەتنىڭ يۆلىنىشى توغرا بولمىسا كارىڭىز بولمىسۇن. ئالدى بەتتە نورمال كۆرۈنىۋېرىدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىزمۇ ھەم شۇ !

Blogger.com دا ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش 1- بۆلۈم

نۇرغۇن دوستلار ئېلخەت ئارقىلىق مەندىن بلوگنى ئۇيغۇرچىلاش ئۇسۇلىنى سورىدى. مەن گەرچە تەكلىماكان بلوگدا بۇ ھەقتە ئاللىبۇرۇن ماقالە يازغان بولساممۇ تېخىچە دوستلارنىڭ ئانچە چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بايقىدىم، شۇڭلاشقا ئايرىم بىر نەچچە بۆلۈملۈك تېما قىلىپ يوللاپ پۈتۈن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىنى سۆزلىمەكچى. بۇ ماقالىنىڭ ھەر بىر بۆلۈمىدە بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىڭىز خالىغان ئۇسلۇبتا Blogger.com دا ئۇيغۇرچە بلوگ ياساش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش. بلوگنى بېزەش، بلوگقا ئېلان قىستۇرۇش، بلوگدا ماقالىلەرنى تۈرگە ئايرىش، ۋە بلوگقا ھەرخىل ئىقتىدار قوشۇشنى سۆزلەيمەن. شۇڭا بۇ ماقالە سەل ئۇزۇنراق داۋاملىشىشى مۇمكىن. سەۋرىچانلىق بىلەن ئوقۇڭ.
ئەڭ ئاۋال چۈشەندۈرۈشكە تىگىشلىك بىر نەچچە ئىش :
1. Blogger.com گۇگول شىركىتىگە تەۋە شىركەت بولۇپ، ئەگەر سىز Blogger.com دا palani دىگەن نامدا بلوگ ئالسىڭىز ئۇ ھالدا سىزنىڭ بلوگ ئادرېسىڭىز http://palani.blogspot.com بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ. Blogger بىلەن Blogspot ئىككى مۇلازىمىتېردا بولۇپ، Blogger سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئارقا باشقۇرۇش سەھنىسىنى تەمىنلەيدۇ، blogspot.com بلوگنىڭ ئالدى يۈزىنى تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ باشقىلار كۆرىدىغان ئادرېسى http://palani.blogspot.com بولىدۇ. بۇ يەردىكى palani مىسال ئۈچۈن ئېلىنغان، بۇ نامنىڭ ئورنىدا سىز بېكىتكەن نام بولىدۇ.
2. Blogger دىكى بلوگدا يوللانغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسى picasa غا يوللىنىدۇ. چۈنكى پىكاسا گۇگول شىركىتىنىڭ ھەقسىز تور ئالبۇم مۇلازىمىتى. Blogger دىكى بلوگقا يوللانغا ئۈن-سىنلار YouTube قا يوللىندۇ. چۈنكى Youtube گۇگولنىڭ ئۈن-سىن تور بېكىتى.
ئەمسە باشلايلى !
ئاۋال http://www.blogger.com/start نى ئېچىڭ ۋە ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىڭ. ئەگەر سىز بۇندىن بۇرۇن Gmail ئىشلەتكەن بولسىڭىز Blogger غا تىزىملاتقاندا ئاشۇ Gmail ئادرېسىڭىزنى ئىشلىتىڭ. ھەم شۇنداق قىلىشىڭىز شەرت.
بۇ ماقالىدە چۈشەندۈرۈش بىردەكلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن blogger.com ئارقا سەھنە تىلىنى خەنزۇچىگە تەڭشەڭ.
تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن بلوگقا بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە يوللاڭ. ماقالىنى ئاۋال http://www.yulghun.com/imla دا يېزىۋېلىپ ئاندىن Blogger دىكى ماقالە يېزىش ئورنىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ. ماقالە ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىسە ھىچ ۋەقەسى يوق، قانداق قىلىپ نورمال كۆرسىتىشنى ھازىر دەپ بېرىۋاتىمەن، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ ئەمسە !
ئىككىنچى قەدەمدە http://www.blogger.com نىڭ ئارقا سەھنىسىگە تىزىملاتقان نام ۋە مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ كىرىڭ. ئارقا سەھنىگە كىرگەندىن كېيىن سىز ئۇيغۇرچە قىلماقچى بولغان بلوگنىڭ 布局 دىگەن تۈرىنى تاللاپ كىرىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. قىزىل بويالغان ئورۇنغا دىققەت قىلىڭ

بۇ چاغدا بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى 布局 نىڭ ئاستىدا 页面元素 字体和颜色 修改HTML 选择新模板 دەيدىغان تۆت تۈر پەيدا بولىدۇ.

بۇ تۈرلەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
页面元素 – بۇ ئارقىلىق بلوگقا ھەرخىل كود ۋە ئىقتىدار قوشىمىز.
字体和颜色 – ئارقىلىق بلوگ ۋە مەزمۇنلارنىڭ رەڭگىنى بەلگىلەيمىز.
修改HTML- بۇ ئارقىلىق بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز.
选择新模板 – ئارقىلىق بلوگ ئۇسلۇبىنى تاللايمىز ياكى يېڭىدىن تاللايمىز.
خوش ! ئەمسە ئاۋال 选择新模板 غا كىرىپ بلوگقا بىر يېڭى ئۇسلۇب تاللاڭ. تاللاپ بولغاندىن كېيىن ساقلاڭ. ئاندىن مەن ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىشنى بىر – بىرلەپ سۆزلەي. مەن سىناق ئۈچۈن No. 897 دىگەن ئۇسلۇبنى تاللىدىم، سىز خالىغانچە تاللىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
ئۇسلۇب تاللاپ بولغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىش خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىغا ئالماشتۇرۇش. سىز بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم خەت نۇسخا نامىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولىشىڭىز كېرەك.
修改HTML دىگەن تۈرنى ئېچىڭ. ئاندىن ئاستىغا قارىسىڭىز بىر قاتار مۇرەككەپ كود رايونى كۆرۈنىدۇ. بىز بلوگنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ كود رايونىنى تەھرىرلىشىمىز كېرەك. ئاۋال بارلىق فونت ناملىرىنى تېپىشىمىز كېرەك. يەنى مۇشۇ كود رايونىدىن بارلىق فونت ناملىرىنى تېپىشىڭىز كېرەك. ئاۋال خاتېرە دەپتەرگە بارلىق كودنى كۆچۈرۋېلىپ خاتېرە دەپتەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ Font دىگەن سۆزنى ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خاتېرە دەپتەرنىڭ 编辑 تىزىملىكىدىكى 查找 دا ئىزدەش ئىقتىدارى بار. دىققەت قىلىڭ، سىز تاللىغان ئۇسلۇبنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، Font ناملىرى كۆپ ياكى ئاز ھەم ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا بولىشى مۇمكىن، چوقۇم بارلىق ئورۇندىكى Font ناملىرىنى تېپىشىمىز كېرەك. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

فونت ناملىرىنى تاپقاندىن كېيىن بارلىق فونت ناملىرىنى UKIJ Tuz Tom غا ياكى MS Uighur غا ئۆزگەرتىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. دىققەت قىلىڭ. سىز پەقەت فونت نامىنىڭ ئورنىغا UKIJ Tuz Tom ۋەياكى MS Uighur دىگەن خەتنى چاپلاڭ. ئىككىسىدىن بىرنى چاپلاڭ. فونت نامىنىڭ ئالدى كەينىدكى پەش، چېكىت قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرىگە چېقىلماڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

كود رايونىڭ ئاستى-ئۈستى ھەممە يەرلىرىنى ئاختۇرۇپ، بارلىق فونت نامىنى چوقۇم UKIJ Tuz Tom ياكى MS uighur غا ئالماشتۇرىشىڭىز كېرەك. بىرەرسى قالسا بولمايدۇ، شۇڭلاشقا كود رايونىڭ ھەممە جايلىرىنى تەپسىلى كۆرۈڭ.
تولۇق ئۇيغۇرچە فونتقا ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ئاستىدىكى ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلاڭ. ئاندىن بلوگنى ئاچسىڭىز بلوگدا ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ. بۇنى سىناش ئۈچۈن سىز ئاۋال بلوگقا بىر قانچە پارچە ئۇيغۇرچە ماقالە يوللىغان بولىشىڭىز ۋە كومپيوتېرىڭىزدا سىز ئۆزگەرتكەن UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ياكى MS Uighur خەت نۇسخىسى بولىشى كېرەك. ئەگەر Vista ئىشلەتكەن بولسىڭىز MS uighur بار، ئەگەر UKIJ Tuz Tom بولمىسا، تەكلىماكان بلوگنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «خەت نورمال بولمىسا قاچىلاڭ» دىگەن جاينى چېكىپ، ئۇيغۇرچە UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنى قاچىلايسىز.
خوش بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەتە بلوگدىكى خەتلەرنىڭ يۆلىنىشىنى ئوڭغا توغىرلاش ۋە لاتىنچە خەت بىلەن ئۇيغۇرچە خەتنىڭ ئورنى ئالمىشىشپ كېتىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش شۇنداقلا يەنە بىر قەدەم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆزلەيمەن. قىززىقسىڭىز ماقالىنىڭ 2- بۆلۈمىنى ئوقۇڭ. رەھمەت. قىيىنچىلىقلار ياكى چۈشنۈكسىزلىكلەر بولسا ئىنكاس يېزىڭ. مەن دەرھال تېخىمۇ تەپسىلى يازىمەن.