A turkology blog

Archive for the ‘web2.0’ Category

Google بلوگ يۆتكەش قورالى 1.0 ئېلان قىلىندى

Blogbus ياخشىمۇ wordpress ياخشىمۇ؟ قايسى ياخشى بولسا شۇنىڭغا كۆچسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز. قانداق كۆچۈش مەسلىسى باش قايدىغان مەسلە ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە گۇگول شىركىتى بلوگ كۆچۈرۈش قورالىنى ئېلان قىلدى. بۇ قورال ئارقىلىق livejournal, wordpress,blogger قاتارلىق يەرشارىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق بلوگلاردا يازغان بلوگىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆچمەكچى بولغان بلوگ مۇلازىمەت سۇپىسىغا يۆتكەشكە بولىدۇ. بىر نەچچە كونۇپكا بىلەنلا ئاسان كۆچەلەيسىز.
دەسلەپ بلوگ يازغاندا uyghur.cn/blog نى ئىشلەتكەن. كېيىن بۇ مۇلازىمەت مۇقىم بولمىدى. ئۇنى Blogspot قا كۆچۈرگىلى بولماي نۇرغۇن يازمىلار يوقالدى. بىر مەزگىل Blogspot ئېچىلماس بولۇپ قالغاندا Blogbus ئىشلەتكەن ئىدىم. Blogspot دىكى يازمىلارنى زاپاسلاپ چىقارغىلى بولسىمۇ بۇ ھۆججەتنى Blogbus قوللىمىدى. شۇنىڭ بىلەن Blogspot بىلەن blogbus ئارىسىدا كۆچۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىدى. مەن يەنە بىر مەزگىل z-blog نى ئىشلەتتىم. شەخسى بوشلۇق ئىشلىتىپ بلوگ ئېچىشنىڭ كۆپ ئاۋارچىلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى Blogspot قا كۆچۈرەي دىسەم كۆچۈرىدىغان ئۇسۇل يوق. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى نۇرغۇن يازمىلار يەنە يوقالدى.
Google شىركىتىنىڭ بۇنداق ئېسىل بىر قورالنى ئېلان قىلىشى مېنىڭچە ماڭا ئوخشاش مىڭلىغان بلوگ يازغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ.
دوستانە ئەسكەرتىش: بۇ قورال تېخى 1.0 نۇسخا، ئىشلەتكەنلەردىن ئاڭلىشىمچە wordpress ۋە livejournal ،گۇگول blogger ئارسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپتۇ. مېنىڭچە بىز ئىشلىتىۋاتقان blogbus ، ئۇزبلوگلاردىمۇ ئىشلەيدۇ. چۈنكى ئۇزبلوگ wordpress ئىشلەتكەن. تېخى 1.0 نۇسخا بولغاچقا ھازىرچە سىزنىڭ بلوگىڭىزنى كۆچۈرۈشتە قىيىنچىلىق بولسا، گۇگولغا ئىنكاس يېزىڭ. تۆۋەندە ئەسلى ماقالە ئادرېسىمۇ بېرىلدى. ئەگەر ئىنكاس يازالمىسىڭىز تەكلىماكان بلوگقا ئىنكاس يېزىڭ. مەن ئۇلارنىڭ بلوگىغا ئۇلار چۈشەنگۈدەك تىلغا ئايلاندۇرۇپ يوللاپ قوياي. بۇ قورالنى مەن تېخى سىنىمىدىم. چۈنكى مېنىڭ كۆچۈش نىيتىم يوق ھازىرچە. سىناپ كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ تەپسىلى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى يېزىپ قويۇشۇم مۇمكىن.
Google بلوگ يۆتكەش قورالى 1.0 چۈشۈرۈش ئادرېسى
Google ئوچۇق كود بلوگىدىكى ئەسلى ئۇقتۇرۇش

Office Live كىچىك سودا بېتى (ھەقسىز)

بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن بۇ ھەقسىز مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇپ قويغۇم كېلىپ قالدى. ئىلگىرى بەلكىم GooglePages نى ئىشلىتىپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن. مىكروسوفتنىڭ Office Live Small Business نامىدىكى بۇ مۇلازىمىتى ئاساسىي جەھەتتىن GooglePages گە ئوخشايدۇ.
ئۇنىڭدا كىچىك كارخانىلارنىڭ تور بېكىتىنى ھەقسىز قۇرۇشقا بولىدۇ. ھەرخىل ئۇسلۇبلار بار. ئۇسلۇبنى تەھرىرلەشكە بولىدۇ. ئەمما بلوگ قۇرۇشقا تازا ماس كەلمەيدۇ. Html بەتلەرنى ياساشقا بەكرەك ماس كېلىدۇ. يەنە تېخى Office قا تەۋە ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ ساقلاشقا ۋە باشقىلارغا چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە، Office ھۆججەتلىرىنى توردا تۇرۇپلا تەھرىرلەش ۋە يېڭىدىن يېزىشقا بولىدۇ. Office نىڭ تور نۇسخىسى دەپ قويساقمۇ بولىدۇ.
ئادرېسى: smallbusiness.officelive.com

ۋاقتلىق Email ئادرېسى

چوكا، قەغەز دىگەندەك بىر قىسىم نەرسىلەر پەقەت بىر قېتىملىق. ئىشلىتىپ بولۇپلا تاشلايمىز. بىز يەنە بەزى تور بېكەتلەرگە تىزىملاتقاندا ئېلخەت ئارقىلىق ئاكتىپلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. دائىملىق ئېلخەتنى يازساق ئاسانلا ئەخلەت خەت كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يازمىساق ئاكتىپلاشقا بولمايدۇ. بەزى نەرسىلەرنى چۈشۈرگەندە ھەم تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دائىملىق ئېلخەت ئادرېسىمىزنى تەمىنلىسەكمۇ ئەخلەت ئېلخەت تاپشۇرۋېلىش ئېھتىماللىقىمىز يۇقىرى بولىدۇ.بۇنداق مۇلازىمەتلەر ئۈچۈن ئايرىم بىر ئېلخەت ئىشلەتسەكمۇ يەنە ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئەستە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
توردا يەنە مۇشۇنداق ئاۋارچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان ۋاقتلىق ئېلخەت مۇلازىمىتى بار. بۇنداق ئېلخەت ساندۇقىغا تىزىملاتمايلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر قېتىم ئىشلىتىپلا تاشلايمىز. بۇنداق مۇلازىمەتلەر ئاساسەن ئۈچ خىل بولۇپ:
1. ۋاقتلىق ئېلخەت
سىز سېستىما ئاپتوماتىك تەمىنلىگەن بىر ئېلخەت ئادرېسىغا ئىگە بولىسىز، تىزىملىتىش ۋە مۇرەككەپ جەريانلار ھاجەتسىز. پەقەت بىر نەچچە مىنۇتلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسلەن تۆۋەندىكىلەر:

2. ئېلخەتنى بۇراپ يوللاش مۇلازىمىتى
بۇنداق ئېلخەت ساندۇقلىرى سىزگە سىزگە بىر ۋاقتلىق ئېلخەت ئادرېسى بېرىدۇ. ھەمدە دائىملىق ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى تولدۇرىسىز. كەلگەن خەتلەرنى دائىملىق ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يوللاپ بېرىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇسۇل ئىشەنچىسىز. يەنىلا ئەخلەت خەتتىن قۇتۇلالمايسىز. بۇنداق مۇلازىمەتلەر:

3. ئوچۇق ئېلخەت
بۇنداق ئېلخەت ساندۇقلىرى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەيدۇ. ئەمما مەخپى نومۇرى يوق. ھەرقانداق ئادەم كىرەلەيدۇ. سىز ھەرقانداق چاغدا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.مەسلەن:

خوش! يۇقارقى مۇلازىمەتلەرنى قانداق ئورۇندا ئىشلىتىمىز؟
سىزنىڭ بىر ئېلخەت ئادرېسىڭىز بار. تور دۇنياسىدىكى مۇنبەر، بلوگ ۋە باشقا سىز دائىم ئىشلىتىدىغان تور پروگراممىلىرىدىن باشقا سىز ۋاقتلىق ئىشلەتمەكچى بولغان نۇرغۇن پروگراممىلار ھەم سىزدىن ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەم ئېلخەتكە ئاكتىپلاش ئۇلانمىسى ئەۋەتىدۇ. ئەگەر سىز ئېلخەتنى تولدۇرسىڭىز ئۇلار كەلگۈسىدە سىزدەك زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ، سىزگە داۋاملىق ئەخلەت ئېلان ۋە ۋىرۇس يوللىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقارقىدەك ۋاقتلىق ئېلخەت ئادرېسلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ.

Z-Blog 1.8 ئۇيغۇرچە نۇسخا تارقىتىلدى

جۇڭگودىكى داڭلىق بلوگ پروگراممىسى Z-blog ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى بۈگۈن جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەقسىز تارقاتتى. مەزكۇر سېستىما ھەسەن-ھۈسەن يۇمشاق دېتال ستودىيىسى ئىشلەپ داۋاملىق يېڭىلاپ- ئىلغارلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان. نۇرغۇنلىغان خەنزۇچە بلوگلار قوللانغان جۈملىدىن ئاينۇرى بلوگقا ئوخشاش داڭلىق بلوگلار ھەم ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان پروگرامما.
ئالاھىدىلىكى: ASP دا يېزىلغان، Access ساندان ئىشلىتىلگەن، HTML ھاسىل قىلىدۇ، ئايرىم تىل خالتىسى تەمىنلەنگەن، نۇرغۇن قۇلايلىق قىستۇرما ۋە خېلى كۆركەم ئۇسلۇبلار تەمىنلەنگەن بولۇپ يەككە كىشىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.
قاچىلاش ئۇسۇلى: مەنبەدىن چۈشۈرگەن ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىپ، ھاسىل بولغان ھۆججەتلەرنى بوشلۇققا يوللايمىز. ئادرېس ئىستونىغا بىۋاسىتە بلوگ ھۆججەتلىرى ئارىسىدىكى Default.asp ھۆججىتى ساقلانغان ئادرېسنى كىرگۈزۈپ جەزملىسەك قاچىلاش يېتەكچىسى كۆرۈنىدۇ. قاچىلاش يېتەكچىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە پەقەت بىرلا باسقۇچ بىلەن قاچىلاش تاماملىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ئوڭاي بولۇپ، باشقۇرۇش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بويىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، تاماملانغاندىن كېيىنلا ئىشلىتىشنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 1. پەقەت بلوگنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبىلا ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەلدى، تېخىمۇ كۆپ ئۇسلۇب كېرەك بولسا بلوگ باش بېتىگە چىقىپ چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2. ئەسلى ئۇسلۇب UKIJ Tuz Tom فونتىغا تەڭشەلدى. admin.css fck_editorarea.css default.css لارغا EOT ئۇلىنىشى قوشۇلغان بولۇپ، بۇنى ئىشلەتمەكچى بولغان فونت نامى ۋە EOT ھۆججىتىنىڭ ئۇلانمىسىغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىش كېرەك.
3. ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن بلوگ دوستانە ئۇلىنىشىغا جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسىنىڭ ئۇلىنىشى قوشۇلدى. خالىمىغانلار ئېلىۋەتسە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: Z-Blog بولسا ھەقسىز تارقىتىلغان بلوگ پروگراممىسى بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بۇ نۇسخىسىمۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلدى. جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى پەقەت ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنىلا ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا پەقەت زۆرۈر بولغان RTL بەلگىلىرى ۋە بوشلۇق بەلگىلىرىنى قوشۇشتىن باشقا بلوگ پروگراممىسىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىدى. شۇڭلاشقا تارقىتىلغان بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىمۇ ئەسلى نۇسخىدىكى كېلىشىمنامە بويىچە ئىشلىتىلىدۇ. جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى بۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان ھېچقانداق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولمايدۇ.
سىناق ئادرېسى
ئۇيغۇرچە نۇسخانى چۈشۈرۈش
باش بېكەتكە بېرىپ كۆرۈش
بارلىق ھوقۇق ھەسەن ھۈسەن ستودىيىسىگە تەۋە
ئۇيغۇرچە نۇسخا 1.8 نىڭ بارلىق ھوقۇقى جەۋلان خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تەۋە

ئۇيغۇرچە WordPress بلوگ سۇپىسى

شىنجاڭ ئۇچۇر تور مەھەللىسى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئىلگىركى بلوگ سۇپىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ WordPress سۇپىسى ئىشلىتىپتۇ. WordPress دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇقىم بلوگ سۇپلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تور بېكەتتە بلوگ ياساش ئۈچۈن Blogbus ياكى BlogSpot نى تەرجىمە قىلىش ۋە باشقا جەريانلار كەتمەيدۇ. پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئىكەن.
ئادرېسى: wp.78.la

10 دانە ھەقسىز تور تېلفونى (تورفون)

1. ئىۋافون (EvaPhone) تىزىملىتىش، قاچىلاش ھاجەتسىز. توردىلا تېلفون ئۇرۇشقا بولىدۇ. پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئەمما سۆزلىشىۋاتقاندا 10 سېكونت ئېلان چىقىدۇ. بۇ چاغدا تېلفون ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ، سۆزلىشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ ئېلان ئاڭلايدۇ. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، نورمال سۆزلەشكىلى بولىدۇ.
2. YouCall تورتېلفونى – تىزىملاتمىغانلار 5 مىنۇت ھەقسىز تېلفون ئۇرالايدۇ. تىزىملاتقانلار 10 يۈەنلىك ھەقسىز تېلفون ئۇرالايدۇ. (بۇ ئەڭ يېڭى تۈزۈمكەن، ۋاقتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.)
3. 66Call – دۆلەت ئىچىدىكى ھەقسىز تور تېلفونى، چۈشۈرۈش، قاچىلاش، تىزىملىتىش ھاجەتسىز. ئۆزىنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ تېلفون نومۇرىنى كىرگۈزۈپلا ئۇرۇشقا بولىدۇ. ھەقسىز سۆزلىشىش ۋاقتى 5 مىنۇت.
4. MediaRing Talk تىزىملاتقاندىن كېيىن 10 مىنۇت ھەقسىز تېلفون ئۇرۇشقا بولىدۇ.
5. BizCall تىزىملاتقانلارغا 30 مىنۇت سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلىدىكەن.
6. Jinti تورى ھەقسىز تور تېلفونى – بۇ Facebook قا ئوخشاش تور بېكەت بولۇپ، تېلفوننى پەقەت ئەزالار ئىشلىتەلەيدۇ. ھەقسىز ئىشلىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت.
7. UUcall – تىزىملاتقانلارغا 10 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە ھەقسىز سۆزلىشىش ۋاقتى بېرىدۇ.
8. Kubao – بېيجىڭدىكى بىر شىركەت ئىشلىگەن تور تېلفونى، ھازىر تىزىملاتقانلار 8 مىنۇت ھەقسىز سۆزلىشەلەيدىكەن.
9. AliCall – شاڭگاڭدىكى بىر شىركەت ئىشلىگەن تور تېلفونى، ھازىر ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاتقانلار 30 مىنۇت ھەقسىز سۆزلىشەلەيدۇ.
10. KC – سكايپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تور تېلفونى، يانفون ئارقىلىق تىزىملاتقاندىن كېيىن 60 مىنۇت ھەقسىز سۆزلىشىشكە بولىدۇ.

Blog*Spot قا ئوڭدىن – سولغا يېزىش ئىقتىدارى قوشۇلدى

Google شىركىتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم Blogger.com دا ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. بىز بۇندىن بۇرۇن RTL كودىنى css كە قوشۇش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلىپ كەلگەن ئىدۇق.
Blog*Spot قا بۇ ئىقتىدار قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلار بىلەن سولدىن – ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردىكى خەتلەرنى بىر قۇرغا ئارلاش يازغاندا خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسى كۆرۈلەتتى. بىز تەكلىماكان بلوگدا ۋە تارقاتقان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلاردا RTL كودى قوشۇش ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ئوڭشىغان ئىدۇق. Blogger نىڭ ئەرەبچە، پارىسچە، ئىبرايچە نۇسخىلىرى چىققاندىن كېيىن Google شىركىتى RTL مەسلىسىنى ئۆزى ھەل قىلدى. بۇندىن كېيىن RTL كودى قوشماي تۇرۇپلا بۇ مەسلىنى ئوڭشىغىلى بولىدىكەن. ئۇسۇلى:
ئارقا سەھنىدىن بەلگىلەشكە كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن Formatting ياكى خەنزۇچە 格式 دىگەننى چېكىپ، بلوگ تىلى دىگەن ئورۇندىن خالىغان ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقنى تاللاپ قويساق بولىدۇ. مەسلەن تۆۋەندىكىلەر Blog*Spot قا قوشۇلغان ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلاردۇر:
Arabic – ئەرەبچە
Persian – پارىسچە
Hebrew – ئىبرايچە (يەھۇدى)
مۇشۇ ئۈچ خىل تىلنىڭ خالىغان بىرىگە تەڭشەپ قويغاندىن كېيىن، بلوگدا ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلار نورمال كۆرۈنىدۇ ۋە خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كېتىش مەسلىسى كۆرۈلمەيدۇ.

يېڭى ھەقسىز بلوگ بوشلۇقى

Blog.35 دۆلەت ئىچىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ھەقسىز بلوگ بىلەن تەمىنلەيدىغان بېكەت. 1-دەرىجىلىك تور نامى باغلاشنى قوللايدىكەن. WordPress سۇپىسى ئىشلىتىپتۇ، ھازىرچە تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ مۇشۇ ساھەدىكى بارلىق مۇلازىمەتنى ھەقسىزلەشتۈرگەن ئېسىل سۇپا ھىسابلىنىدۇ.
ئادرېسى: blog.35.com
图像 “https://i1.wp.com/blog.35.com/wp-includes/images/logo.gif” 因其本身有错无法显示。

Star Dictionary دە ئۇيغۇرچە باركەن.

خەلقئارالىق داڭلىق ئېلىكترونلۇق لۇغەت ستاردا ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە؛ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە؛ ئۇيغۇر (لاتىن يېزىق) – خەنزۇچە؛ خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە (لاتىن) تۈرىمۇ بار ئىكەن. ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە قاتارلىق داڭلىق تىللاردا چىقىدىغان بۇ لۇغەتكە ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىمۇ قوشۇلۇپتۇ. تېخى خېلىلا مۇكەممەلكەن.
ھازىر مەزكۇر لۇغەتنىڭ Windows, Linux ۋە Mac نۇسخالىرى بار بولۇپ، خەلىقئارادىكى بىر قەدەر مۇكەممەل كۆپ تىللىق لۇغەت ھىسابلىنىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: stardict.sourceforge.net/download.php
تور نۇسخا ئادرېسى: www.stardict.org

BlogSpot نى مەڭگۈ نورمال ئېچىش

Google نىڭ ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى Blog*Spot ياكى Blogger ئۆتكەن ھەپتە FTP ئارقىلىق ئېلان قىلغاندا ئەسلىدىكى BlogSpot ئادرېسى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن BlogSpot نىڭ ئېچىلماسلىق مەسلىسى تولۇق ھەل بولدى دىيىشكە بولىدۇ.
سۆزۈمنى چۈشىنەلمىگەنلەر دىققەت بىلەن ئوقۇڭ:
Google Blogger (ياكى Blog*Spot دەپمۇ ئاتايمىز) يەر شارىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەقسىز بلوگ مۇلازىمىتى. مېنىڭ سىنىشىمغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق. تەكلىماكان بلوگنىڭ ئادرېسى http://baliq.blogspot.com ئارقىلىقمۇ كىرگىلى بولىدۇ. Blogger ھازىرغىچە كونا نۇسخا ۋە بېتا نۇسخادىن ئىبارەت ئىككى نۇسخا چىقاردى. مۇلازىمىتېرى ئامېرىكىدا بولغاچقا كۆپۈنچە بەزى رايونلاردا ئېچىلماس بولۇپ قالىدىكەن. بۇ مەسلىنى ئوڭشاش ئۈچۈن Blogger.com ئۆتكەن يىلى ftp ۋە sftp ئارقىلىق بلوگ ئېلان قىلىش ئىقتىدارىنى قوشتى. ftp ياكى sftp ئارقىلىق بلوگ يازغاندا ئەسلىدىكى http://baliq.blogspot.com غا ئوخشايدىغان ئاخىرى blogspot.com بىلەن ئاياغلاشقان تور نامىنى داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولمىدى، يەنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى ئۆزى ئايرىم تور نامى بېكىتىشى ياكى سېتىۋېلىشىغا توغرا كەلدى.
بۈگۈن دەل بۇ مەسلىمۇ ھەل بولدى. سىز ftp ياكى sftp ئارقىلىق بلوگ ئېلان قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا بۇرۇنقى blogspot بەرگەن تور نامىنى ئىشلىتەلەيسىز.
ftp ياكى sFtp ئارقىلىق بلوگ يازسا blogspot دىكى بلوگ ھەرقانداق جايدا نورمال ئېچىلىدۇ.
ئۇنداقتا Blog*Spot نى ftp ئارقىلىق يوللاش دىگەن نىمە؟
سىز بىر بوشلۇق سېتىۋالىسىز، ھەقسىز بوشلۇق بولسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزدا بولىشى، ئۇنىڭغا تور بەت ياسىغىلى بولىشى يەنى ftp قوللىشى كېرەك دىگەنلىكتۇر.
Blog*Spot نى ftp ئارقىلىق يوللاشتىن بۇرۇن ئاۋال بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن كىرىپ بلوگ ئۇسلۇبىنى «كونا ئۇسلۇب» خەنزۇچە 经典模板 ئېنگلىزچە Classic Template كە ئۆزگەرتىمىز.
HTML ئۆزگەرتىش رامكىسىنىڭ ئاستى قىسمىدا «كونا ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش» دەيدىغان بىر جاي بار. شۇ جاينى چېكىپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن «كونا ئۇسلۇب» قا قايتىدۇ.
ftp ئارقىلىق يوللاشتىن بۇرۇن بلوگ زىيارەتچىلىرىگە چەك قويماسلىق يەنى 许可 ئېنگلىزچە permission نىڭ ئىچىدىن بلوگ زىيارەتچىلىرىنى «بارلىق كىشىلەر» گە تەڭشەپ قويۇشىمىز كېرەك.
ئاندىن ftp ئارقىلىق يوللاشنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتكەن بولىدۇ.
ftp ئۇچۇرلىرىنى توغرا تولدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.
http://help.blogger.com/bin/answer.py?answer=41438
ftp دا ئېلان قىلىش ئۈچۈن بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن «بەلگىلەش» كە كىرىپ 发布 ياكى ئېنگلىزچە publishing نىڭ ئىچىدىن ftp ئارقىلىق ئېلان قىلىش تۈرىنى تاللاپ. بوش ئورۇنلارغا ftp بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ ساقلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇ سەل مۇرەككەپرەك جەريان بولغاچقا تور بەت ياساش بىلىملىرىدىن پەقەتلا خەۋرى يوق دوستلار ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭلار.
ftp ئارقىلىق ئېلان قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى :
بلوگ ھەرقانداق ئورۇندا نورمال ئېچىلىدۇ. يەنى بىز دۆلەت ئىچىدىن بوشلۇق سېتىۋېلىپ BlogSpot دىكى بلوگ يازمىلىرىنى شۇ بوشلۇقتا ئېلان قىلىمىز، ئوخشاش بىر ۋاقتتا Blog*Spot دىكى مۇلازىمىتېردىمۇ بىر نۇسخا ساقلىنىپ ماڭىدۇ.
يېتەرسىزلىكى :
ھەر بىر يېڭى ماقالە يازغاندا بلوگنى قايتا ئېلان قىلىش كېرەك. بۇ ئىش بىر كونۇپكا بىلەنلا پۈتىدۇ، ماقالە يېزىلىپ بولغان ھامان «قايتا ئېلان قىلىش» كونۇپكىسىنى بېسىۋەتسەكلا بولىدۇ.
ftp دا ئىشلەتكەن ئۇسلۇب ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبقا كۆرۈنۈشتە ئوخشايدۇ، ئەمما MovableType ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىم كۆزنەكلەرنى خالىغان ئورۇنغا يۆتكەشكە ياكى خالىغانچە ئۆچۈرۈش، قوشۇشقا بولمايدۇ، قوشۇش ياكى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن HTML تەھرىرلەش ئورنىدىن مۇرەككەپ كودلار ئارىسىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئۆچۈرۈش ياكى قوشۇش كېرەك.
ئۇيغۇرچە قوللاشقا نىسبەتەن چوڭ پەرق يوق.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بلوگنى داۋاملىق يېزىشنى ئويلاشقان دوستلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە بوشلۇق سېتىۋېلىپ، مۇشۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بلوگ ئۈچۈن بوشلۇق سېتىۋالغاندىن كېيىن مۇناسۋەتلىك تارماقلارغا بلوگنى ئەنگە ئالدۇرۇپ 备案 نومۇرى ئېلىشىڭىز، چوقۇم قانۇنلۇق بلوگ قىلىشىڭىز كېرەك.