A turkology blog

Archive for the ‘wiki’ Category

Wikipedia for English Learners

You know Wikipedia is the largest online encyclopedia, a great many people use it every day. if you an English learner, you can use the Simple English Wikipedia. The Simple English Wikipedia is an English edition of the Wikipedia encyclopedia, written in primarily Basic English and Special English. The site’s stated aim is to be useful for children, those learning English. those wanting to know basic information about a topic (not in depth).
Everything, every topic on simple English wikipedia is so simple. If you have learned about 2000 words in English, you may understand the full meaning of texts. This kind of tool may help you to improve your English.
URL: simple.wikipedia.org

® ۋە TM ھەققىدە

كۆپلىگەن سودا ماركىلىرىنىڭ ئۈستىدە ® ياكى TM بەلگىسىنى ئۇچرىتىمىز. ئۇنداقتا ئۇ نىمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ؟ نىمىشقا بەزى سودا ماركىلىرىغا TM دىگەن ئىككى ھەرىپ قوشۇپ قويۇلىدۇ؟ نىمىشقا يەنە بەزىلىرىگە ® قوشۇپ قويىلىدۇ؟ بۇلارنىڭ نىمە پەرقى بار؟
® ۋە TM نىڭ ھەر ئىككىلىسى ئېنگلىزچە قىسقارتىلما بەلگە بولۇپ، ® ئېنگلىزچىدىكى Registered (تىزىملاتقان) دىگەن سۆزنىڭ بەلگىسى. TM ئېنگلىزچىدىكى Trade Mark سودا ماركىسى دىگەن سۆزنىڭ بەلگىسى.
سودا ماركىسىنىڭ يېنىغا قوشۇپ قويۇلغان چەمبەر ئىچىگە ئېلىنغان R ھەرىپى ياكى «®» جۇڭگودا ئاللىبۇرۇن دۆلەت ماركا باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ، تەستىقتىن ئۆتكۈزۈلگەن سودا ماركىسى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ® قوشۇلغان سودا ماركىلىرىنى ئىككىنچى بىر كىشى ياكى ئورۇننىڭ ئۆزىنىڭ سودا ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىۋېلىشىغا بولمايدۇ. ئەگەر ئىككىنچى بىرسى ئىشلەتسە سودا ماركا ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

سودا ماركىسىغا قوشۇپ قويۇلغان TM بەلگىسى جۇڭگودا: مەزكۇر سودا ماركىسى دۆلەت ماركا باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئاللىبۇرۇن ئىلتىماس قىلىنغان ھەم دۆلەت ماركا باشقۇرۇش ئورۇنلىرى رەسمىي تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىپ تۇرۇشقا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ھەمدە مەزكۇر شىركەت ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچى بىر ئورۇن ياكى شەخسنىڭ تەكرار ئىلتىماس قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلغان سودا ماركىسىغا TM قوشۇلىدۇ.
图像 “https://i0.wp.com/www.google.cn/intl/zh-CN/images/logo_cn.gif” 因其本身有错无法显示。

page rank دىگەن نىمە ؟

pagerank تېخنىكىسى ھەققىدە قىسقىچە بىلىمگە ئىگە بوپ قويۇش ھەر بىر تور بېكەت ئىگىسى ئۈچۈن مۇھىم. Page Rank بولسا Google ساناش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم يادروسى. 2001-يىلى ئامېرىكىدا پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. پاتنېت تەلەپ قىلغۇچى Google شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لارى پەيج (Larry Page) . شۇڭلاشقا Page Rank سۆزىدىكى Page تور بەت دىگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇ لارى پەيجنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن. لارى پەيج بۇ تېخنىكىنىڭ ئىجادچىسى بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بۇ تېخنىكىغا قويغان.
Google نىڭ Page Rank تېخنىكىسى توربەتنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئۇلىنىشىنىڭ سانى ۋە تەڭپۇڭلۇقىغا ئاساسەن تور بېكەتنىڭ قىممىتىنى بېكىتىدۇ. Page Rank نىڭ ئارقا كۆرۈنىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى توربەتنىڭ باشقا توربەتلەردە قىلىنغان ھەر بىر ئۇلىنىشى مەزكۇر تور بەتكە تاشلانغان بىر بېلەتتۇر. دىمەك ئەگەر تور بېتىڭىز باشقا تور بەتلەر تەرىپىدىن قانچە كۆپ ئۇلىنىش قىلىنسا بېكىتىڭىزگە شۇنچە كۆپ بېلەت تاشلانغان بولىدۇ. Page Rank سانىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قانچە يۇقىرى بولسا Google ئىزدەش نەتىجىسىدە شۇنچە ئالدىغا تىزىلىدۇ.
يەنە بىر مىسال: ئەگەر تەكلىماكان بلوگدىكى مەلۇم بىر ماقالە باشقا ئورۇنغا كۆچۈرۈلۈپ، «تەكلىماكان بلوگ» دىگەن مەنبە ئەسكەرتىلىپ، ئۇلىنىش قىلىنسا مەزكۇر ماقالىنى كۆچۈرگۈچى تەكلىماكان بلوگقا بىر بېلەت تاشلىغان بولىدۇ.
Google نىڭ بىر قاتار تولۇق ئاپتوماتلاشقان page rank ھىسابلاش ئۇسۇلى بار. Google نىڭ Page Rank كە بېكىتكەن قىممەت دائىرسى 0 دىن 10 غىچە بولىدۇ. ئەگەر page rank قىممىتى 10 بولسا ئەڭ ياخشى، 0 بولسا ئەڭ ناچار بولىدۇ. page rank ئەلۋەتتە مەن چۈشەندۈرگەندەك ئۇنچە ئاددىلا گەپ ئەمەس، بۇ بىر خىل يۇقىرى تېخنىكا. PageRank 2 گە قارىغاندا PageRank3 ھەرگىزمۇ 1 ھەسسە ياخشى ئەمەس، بەلكى سەككىز ئون ھەسسە ياخشى بولىشى مۇمكىن.
دىمەك Page Rank قانچە يۇقىرى بولسا تور بېتىڭىزنىڭ مۇشۇ خىل تېخنىكا ئىشلەتكەن ئىزدەش ماتورلىرىدا تىزىلىش ئورنى شۇنچە ئالدىغا بولىدۇ. ئەمما Page Rank نىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بار. ئەگەر سىز تور بېتىڭىزنى ناھايىتى يۇقىرى زىيارەت سانىغا ئىگە بىر تور بېكەتتە ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز، ئەمما ئۇ تور بەت ناخشا تورى بولۇپ، سىزنىڭ تور بېتىڭىز مۇنبەر بولسا، ئۇ ھالدا مەزكۇر ناخشا تورىدىكى ئۇلىنىشتىن سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە ھىچقانداق PageRank قىممىتى قوشۇلمايدۇ. شۇڭلاشقا چوقۇم تور بېتىڭىز باشقا تور بەتلەردە ئۇلىنىش قىلىنغاندا تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇن نەقىل قىلىنغان ياكى تور بەت مەزمۇنلىرى ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغان بولىشى كېرەك.
ئادەتتە Google نىڭ Page Rank سانلىق مەلۇماتى ھەر يىلى بىر قېتىم يېڭلىنىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى قۇرۇلغان تور بېكەتلەر تېخى بىر يىلغا توشماي تۇرۇپ Page Rank قىممىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئەمما بۇ يامان ئىشمۇ ئەمەس، سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرساقلا بولىدۇ.
Page Rank قىممىتى دىگەن سۆزنى ئادەتتە قىسقارتىپ «PR قىممىتى» دەيمىز.
باشقا تور بېكەتلەر بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ:
Google نىڭ تور بەتلەرنى ئىزدەش نەتىجىسىدە ئالدىغا تىزىشى پۈتۈنلەي PR قىممىتىگىلا باغلىق ئەمەس.
يۇقىرى PR قىممىتى توربەتنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدە يۇقىرى ئورۇنغا تىزىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
Page Rank نىڭ يېڭىلىنىشى بەك ئاستا، بۈگۈن كۆرگەن PageRank ئۇچۇرلىرى بەلكىم 3 ئاي بۇرۇنقى قىممەت بولىشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا يالغۇز Page Rank نى قوغلىشىپلا تور بېكەت ياساش ھەم ئۇلىنىش قىلىشقا بولمايدۇ. Yahoo ۋە Accoona غا ئوخشاش ئىزدەش قوراللىرىنىڭ Google Page Rank كە ئوخشىمايدىغان باشقىچە تېخنىكىسى بار.

Fund فۇند

فوند دىگەن نىمە؟ بۇمۇ بىر خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بولۇپ،ئاكاسيە مەبلەغ فوندى كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغىنى يىغىپ،ۋاكالىتەن باشقۇردىغان ئورۇنغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇرپ بىرىشكە بېرىدۇ(مەسىلەن بانكا قاتارلىق).مەخسۇس فوند باشقۇرۇش شىركىتى بۇ مەبلەغنى باشقۇرىدۇ ۋە ئايلاندۇرىدۇ، پايچېك،زايۇم قاتارلىق ئاكاسىيە ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ 10مىڭ يۈەن پۇل بىلەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولسا، بۇ پۇل ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان پايچېك ۋە زايۇم سېتۋېلىشقا يەتمەيدۇ، بۇنداق شارائىتتا فوند ئېلىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
مەسىلەن: سىز بىر ئېچۋىتىلگەن فوندىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز، يۇقارقى 10 مىڭ يۈەن پۇلىڭىزدىن سېتۋېلىش رەسمىيتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن قالغان پۇلىڭىزغا ھىساپلاپ فوند بىرىدۇ، (تور ئارقىلىق سېتىۋالغاندا رەسمىيەت ھەققى ناھايتى تۆۋەن، بانكا ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز رەسمىيەت ھەققى يۇقۇرى بولىدۇ.) فوند باشقۇرۇش شىركىتى سىز سېتىۋالغان فونددىكى بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغنى بىرلەشتۈرۈپ فوند مەبلىغى قۇرۇپ چىقىدۇ، ھەمدە بۇ مەبلەغلەرنى پايچېك،زايۇم ۋە باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپىدۇ، دىمەك بۇ پۇلدا سىزنىڭمۇ ھەققىڭىز بولىدۇ.
مالىيە مۇتەخخەسىسىلىرى فوند مەبلىغىنى ئىشىلتىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،ئادەتتە ئۇلاردا مەبلەغ سېلىشتا يىراقنى كۆرۈش، نەزىريە جەھەتتە چوڭقۇر ئانلىز قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ساھاسىدە مول تەجرىبىگە ئېگە بولغان بولىدۇ.
شۇڭلاشقا سىز فوند سېتۋالماقچى بولسىڭىز چۇقۇم فوند شىركتى دىرىكتورى،قانداق ساھالەرگە مەبلەغ سالغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى داۋاملىق توردىن كۆرۈپ تۇرشىڭىز لازىم.

ھازىر قېرىنداش مىللەتلەر ئىچىدە فوندىغا مەبلەغ سالىدىغانلار ناھايتى كۆپ، بىزگە نىسبەتەن فوند توغىرىسدا ماتىريال يوق دىيەرلىك. بىراق سىز ئازراق خەنزۇ تىلى بىلسىڭىزلا خەنزۇچە توربەتلەرگە چىقىپ فوند ئەھۋالىنى كۆرۈپ مەبلەغ سالسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن چەك 1000 يۈەن بولىدۇ.
بۇنۇڭدا پەقەت توردا پاراڭلاشقان ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىپ ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى ۋە بازار ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللىسڭىز ھەمدە ئالغان فوندىڭىزنىڭ بازار ئەھۋالىنى ياخشى كۈزەتسىڭىز بولىدۇ.
فوند ئېلىش ئۇسۇلى ئادەتتە ئىككى خىل بولۇپ:
بىرى، قىسقا مۇددەتلىك ئاز سوممىلىق، بۇنىڭدا خەتىرى ئاز بولىدۇ، باھاسى ئۆرلىگەن ھامان سېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
يەنە بىرى، كۆپ سوممىلىق ئۇزۇن ۋاقىتىلىق بولۇپ، خېىيم-خەتىرىمۇ بار، بىراق ياخشى بولسا پايدىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.
ئادەتتە يېڭى فوندىنىڭ باشلىنىش باھاسى 1يۈەن بولىدۇ.مۇشۇنداق ھىساپلىغاندا 1000 يۈەنگە 1000 فوند بولىدۇ، ئۆسۈش ۋە چۈشۈش نىسبىتى پايچېكىدەك ئۇنچە يۇقۇرى بولۇپمۇ كەتمەيدۇ،
ھازىر مەن ئېلىۋاتقانلىرى تەخمىنەن بىر ھەپتىدە 1 مو ئەتراپدا بولىۋاتىدۇ، شۇنداق ھىساپلىغاندا 1000يۈەنگە بىر ھەپتىدە 100 يۈەن بولىدۇ، ئەگەر سالغان مەبلىغىڭىز كۆپرەك بولسا پايدا ئېلىش نىسبىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئالغان فوندىڭىز چۈشۈپ كەتسە جىددىيلەشمەي سەۋەر قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كېين ئۆسۈش ئىھتىمالىمۇ بار.
4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتراپىدا بازاردا پايچېك باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپ،نۇرغۇن كىشىلەر ئەندىش قىلغان ئىدى بىراق ھازىر يەنىلا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.(بۇلار پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىش ۋە سالماسلىقىڭىز مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز جۇمۇ، تاساددىبىي زىيان تارتىپ قالسىڭىز مىنى ئىزدەپ كەلسىڭىز بولمايدۇ.)
داۋامى بار.

داۋامى
ئامېرىكىنىڭ فوند شىركەتلىرى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەرەققى قىلغان. 2003-يىلى 7-ئايغىچە جەمئىي ئوچۇق شەكىلدىكى فوند 8300 خىلغا يەتكەن. مەبلەغ ساپ پايدىسى ئالتە تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇنۇڭ ئىچىدە %70 مەبلەغ شەخسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ. ئامېرىكا ئاھاللىرىنىڭ ئورتاق فوندىغا سالغان مەبلىغى 1990-يىلىدىن كېين كۆپۈيۈپ ماڭغان. 1990-يىلى ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار 20مىلىيۇن بولۇپ،پۈتۈن ئاھلىنىڭ %25 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن. مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ 2002-يىلى 5-ئايدىكى سىتاستىكىسغا ئاساسلانغاندا، 54مىليۇن ئاھالە(يەنى 90مىليۇن شەخسى مەبلەغ سالغۇچى) فوندىغا مەبلەغ سالغان. بۇ تەخمىنەن ئامېرىكا ئاھالىسىنىڭ يېرىمنى ئېگەللەيدۇ.