A turkology blog

salam blog

salam blog

Advertisements

تۈركچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت
pdf.مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن تۈركچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت
Türkçe – Uygurçe Lugat, Mömin Abdullah, 1989 nov, Xinjiang People’s Press; includes 30,000 words and their defination in Uyghur.
بۇ لۇغەتكە ئوتتۇز مىڭدىن ئارتۇق تۈركچە سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن
چۈشۈرۈش Download PDF

In the seventh century the kingdom of Samarkand sent formal gifts of fancy yellow peaches, large as goose eggs and with a color like gold, to the Chinese court at Ch’ang-an. What kind of fruit these golden peaches really were cannot now be guessed, but they have the glamour of mystery…

Read the rest of this entry »

1. 词语和视点.pdf
2. 词汇发展演变的内因和外因.pdf
3. 词义变化的动因.pdf
4. 词语和论域.pdf
5. 当代新词零X词族探微.pdf
6. 汉语数词的语词意义和修辞意义.pdf
7. 论词义发展演变的类型.pdf
8. 说预设.pdf
9.《同志》一词的社会语言学研究.pdf
10.《 小姐》 一词的语义流变.pdf
ھەممىنى بىراقلا چۈشۈرۈش Download All Files 全部打包下载

بۈگۈن (2010-يىل11-ئاينىڭ29-كۈنى) ئاقسۇ شەھەرلىك 5-باشلانغۇچتا ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكىغا كېتىۋاتقاندا ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلار يېقىلىپ چۈشۈپ، ئارقىدىكىلەر يېقىلغانلارنى دەسسەپ ئۆتۈپ، 100 گە يېقىن ئوقۇغۇچى يارىلانغان ۋە مەكتەپ ۋە باشقىلارنىڭ جىددى تەدبىر قوللىنىشى بىلەن دوختۇرخانىغا داۋالاشقا ئاپرىلغان.

ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆتكەن ئايدىلا تېخى يېزا ئىگلىك ئىككىنچى دىۋىزىيە باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوخشاش ۋەقە يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى يارىلانغان ۋە بىر ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئاقسۇدىكى ئوقۇغۇچىلار يېقىلىپ كەتسە ئۈستىدىن دەسسەپ يارىلاندۇرىدىغان ئىش بارمۇ؟
  ئېنىقكى بۇ ۋەقەنى يۇقىرىدىن بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، چەت، يىراق بىر مەكتەپكە سۈرگۈن قىلىندۇ؟ ۋەقە يۈز بەرگەن سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدۇ، ياكى ئىشتىن بوشلىتىلدۇ.
مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى مۇنداق:
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاقسۇدا ئوقۇغان، شۇڭلاشقا ئاقسۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ماڭا تونۇش، دەرس ئارلىقىدا ئوينىلىدىغان گىمناستىكا سائەت 10 بولاتتى (ئەينى ۋاقتتا). بۇ گىمناستىكىغا چىقىش ۋاقتى 5 مىنۇت بولۇپ، ۋاقت توشقان ھامان سىنىپ مەسئۇلى ياكى باشلىقى يوقلىما قىلاتتى. كىچىكىپ قالساق ئەخلاق نومۇرىدىن نومۇر تارتاتتى. يىل ئاخىرىدا ئەخلاقسىز ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ پئونېر بولالمايتتۇق، ئۈچتە ياخشى بولالمايتتۇق. ئېغىر بولغاندا مەكتەپ مۇدىرى ئۆيگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا ئاتا-ئانىمىزنى چاقىرتىپ، بىزنى چېقىپ، ئۆيگە بارغاندا ئاھانەتكە قوياتتى. (ھازىر قانداق ئۇقمايمەن. چۈنكى بۇ ئىشلارغا ئون نەچچە يىل بوپ كەتتى.)
بىز ئۇ ۋاقتلاردا بۇ گىمناستىكىغا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن جېنىمىزنىڭ بارىچە يۈگرەيتتۇق. ئۇ چاغدا سىنىپلار بىر قەۋەتلىك بولغاچقا بىز يېقىلىپ چۈشكىدەك پەلەمپەيمۇ يوق ئىدى.
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ دەسسىلىش ۋەقەسىدە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قوللانغان تېز سۈرئەتلىك ھەركەت تۈزىمى، ئەخلاق باھالاش، يوقلىما دىگەنلەرنى مەكتەپتىكى مۇھىم تۈر قاتارىغا كىرگۈزىۋالغانلىقى سەۋەبچىدەك تۇرىدۇ.

بۇ مېنىڭ 1-قېتىم چوشقا گۆشى يەپ بېقىشىم بولغاچقا تەسىراتىم ئانچە چوڭقۇر ئەمەس، ھەم تۇنجى قېتىملىق چوشقا گۆشى يېيىشتىن ئالغان لەززىتىمنى تىل بىلەن ئانچە ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ زەڭ قويۇپ ئاڭلاڭ. بۇ ھۆججەتلىك ۋەقە.
ئۆتكەندە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرسىگە، جۇڭگو نېفىت سانائىتى(SinoPec) نىڭ سەرەلكە ئىشلەپچىقىرىش 2 – زاۋۇتىغا بېرىشقا ۋە بۇ جايدا بىر قانچە كۈن تۇرۇشقا توغرا كەلدى. بىر تەرىپى لوپنۇرغا، بىر تەرىپى خوتەنگە، بىر تەرىپى كۇچاغا، بىر تەرىپى شايارغا تۇتىشىدىغان بۇ كەڭ جاڭگالدا ئاساسەن قايتا پىششىقلىمىسىمۇ ئىشلەتكىلى بولايلا دەپ قالىدىغان سۈپەتلىك سەلەركە ئىنتايىن مول. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى گەپ سەلەركىدە ئەمەس… مېنىڭ قانداق قىلىپ چوشقا گۆشى يىگۈدەك پۇرسەتكە ئېرىشەلىشىمدە…
  بۇ گەرچە جاڭگال بولسىمۇ، جاڭگالنىڭ ئادەم ئايىغى باسمايدىغان دوقمۇشلىرىغا بازارلار قۇرۇلغان بولۇپ، بازار دەسلىپىدە مېخاينىكلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بولسا، ھازىر چوڭ شەھەرلەردىن تاپقىلى بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان ھالەتكە يەتكەن، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە چوڭ شەھەرلەردىن ئىلغار. مەسلەن: بۇ ئادەم ئىز باسمايدىغان جاڭگالدىكى مىلىشمال دۇكانلىرىدىن تارتىپ، گازىر ساتىدىغان يايمىلارغىچە كارتا سۈركەپ چىقىم قىلىپ مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە ئۈرۈمچىدىمۇ بۇنداق تەرەققىيات يوق.
  مەن يەنە ئېزىپ كېتىپ بارىمەن، گەپنى بۇراپ. چوشقا گۆشى يېۋالغاندىكىن شۇنداق بولىدىكەن، تېخىچە يېشىلەلمەيۋاتىمەن. توغرا چۈشىنىڭلار….
ئەمدى قەتئى دىققەتنى يىغىپ دەي ھە : تاماق ۋاقتى بولدى. قورساق ئاچتى. يولداشلار تاماققا چىقتۇق. ئۇلار شەرقىي شىمال يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاشپۇزۇلىغا ماڭدى، مەن بىرەر مۇسۇلمانچە ئاشپۇزۇلدا غىزالىناي دەپ تەكلىپ ئۆزۈرلەرنى قايتۇرۇپ، بىر تۇڭگان يولداش بىلەن مۇسۇلمانچە ئاشپۇزۇلغا ماڭدۇق. تۇڭگان قېرىنداش بۇ جاينى ياخشى بىلىدىكەن. بۇ يەردە بىر ‹لاۋ خۇيمىن› بار، شۇ يەردە ئوخشايدۇ، دەپ مېنى باشلاپ ماڭدى. بۇ بازاردا بىرمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسى يوقكەن. شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم.
  ئاشخانا ۋىۋىسكا بۇرجىكىدىكى ‹مۇسۇلمانچە› دىگەن خەتنى غىل-پال كۆرۈپ، ئىشەنچ بىلەن كىرىپ بۇ كونا خۇيزۇ ئاشخانىسىدا قورۇما ئاش بۇيرۇتۇپ يېدۇق. قورساق راسا ئېچىپتىكەن مەندە، بىردەمدە يەپ بولدۇم، گۆشنىڭ 48 كويغا ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە پىسەنت قىلماي بۇ تەقۋادار سېخى خوجايىنمۇ بولۇشىغا توغراپتۇ، 12 كويلۇق بۇ قورۇما ئاشقا. شالاپ-شۇلۇپلا يەپ بولۇپ، ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان شىياۋما غا قارىسام تەخسىدە گۆشنى بىرتالمۇ يېمەي ئاشۇرۇپ قويۇپتۇ. نىمە بۇپ كەتتى، ما تەمبەل تۇڭگان گۆش يېمەيدىكەندە؟ دەپ،،، نىمىشقا گۆش يېمەيسەن ؟ – دەپ سورىسام. – بۇ چوشقا گۆشىكەن، مەن چوشقا گۆشى يېمەيمەن. – دەيدۇ.
– ساراڭمۇ سەن، قانداقسىگە چوشقا گۆشى بولىدۇ. بۇ دىگەن مۇسۇلمانچە ئاشخانا تۇرسا، چوشقا گۆشى بولسا ماڭا دەپ قويساڭ بولمامدۇ.
– سەن يەۋەردىڭ. يەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
مەن ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپلا ئويلىدىم. – گۆشىنى ئىلغاپ قويۇپ، چۆپىنى يەۋەرسەڭ نىمە پايدىسى، ئوخشاش ئەمەسمۇ؟
ئەمەليەتتە بەزى ئادەملەر شۇنداق قىلىۋېرىدىكەن.
زادى بۇنىڭ چاقچىقى راستەك بىلىنىپ، ئايال خوجايننى چاقىرىپلا سورىدىم:
تۆۋەندىكى دىئالوگ راست:
– كەچۈرۈڭ، تاماققا توغرىغان نىمە گۆشى.
– دا روۋ (دەپلا ئۈزۈپ جاۋاب بەردى ئايال خوجايىن)
– نىمە؟!!! بۇ خۇيبا ؟! نى مېن بۇ شى چىڭ جېن سەن تىڭ ما ؟ چىڭ جېن سەن تىڭ زېن مې خۇي يوڭ داروۋ؟ (ئاغزىمغا كەلمەيۋاتقان تۇڭگان تىلى بىلەن سورىدىم)
– ۋومېن بۇشى چىڭ جېن سەن تىڭ. كىم چىڭ جېن سەن تىڭ دەيدۇ ؟ (سورىدى ئايال خوجايىن.)
– ۋىۋىسكاڭغا مۇسۇلمانچە دەپ يېزىۋاپسەنغۇ ! (سورىدىم مەن)
– نەدە ئۇنداق يېزىۋاپتىمىز…..
   تاكاللىشىپ ئاخىرى تالاغا چىقتۇق.غالىپلارچە قەدەم بىلەن ماڭدىم، چېچىمنى شارتتىدە سىلكىۋېتىپ، كۆڭلۈمدىكى 100 پېرسەنتلىك ئىسپات بىلەن ۋىۋىسكىغا لاپپىدە قارىدىم.
  ئاھ خۇدا ! نىمە گەپ بۇ . ۋىۋىسكىدا بىر دانە مەسچىدكە ئوخشايدىغان ئۆي باركەن، تاجىماھال بولسا كېرەك، ئوڭ ئەڭ ئۈستى بۇرجەكتە، ناھايىتى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹مۇھەممەد› دىگەن خەت يېزىلغان ئىكەن. ئەتراپىدا چىڭ جېن دىگەن خەت يوقكەن. مۇسۇلمانچە دىگەن خەتمۇ يوقكەن.
يەنە بېسىقماي سورىدىم،
– نىمە دەپ مەسجىدنىڭ سۈرىتىنى چىقىرۋالدىڭ. نىمە دەپ مۇھەممەد دەپ يېزىۋالدىڭ.
– ئۇ خەتنى مەن ئۇقمايمەن، مۇھەممەت دىگەن مۇسۇلمانچە دىگەن گەپ ئەمەستۇ. ئىشقىپ ۋىۋىسكا ياساتقاندا مۇشۇنداق ياساپ ئەكەپتۇ.
– سەن نىمىشقا مەن تاماققا كىرگەندە دەپ قويمىدىڭ. (بۇندىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن، يېرىم كېچە، ئەتراپتا دۇكان سارايلار تاقاق، بىر خەنزۇ ئاشخانىسىدا ئىچىملىكلەرنىمۇ ساتىدىكەن. بىر قۇتا كوكا-كولا ئالاي دەپ، ئاشخانا ئىشىكىدىن كىرىپ بولغۇچە خەنزۇ خوجايىن ئالدىمغا كېلىپ، كەچۈرۈڭ، بىزنىڭ ئاشخانا خەنزۇ ئاشخانىسى، مۇسۇلمانچە ئەمەس، يولنىڭ يەنە بىر قاسنىقىدا 24 سائەت ئاچىدىغان مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار بار، شۇ يەرگە بېرىڭ. دىگەن ئىدى. مەن تەسىرلىنىپ كېتىپ بۇ خەنزۇ خوجايىننىڭ دۇرۇس، نىيىتىنىڭ ياخشىلىقىدىن… ئىچىملىك ئالىمەن .دەپ كوكا-كولانى ئېلىپ… شۇنداق خۇشھال يېنىپ چىققان ئىدىم. شۇ ئېسىمگە كېپ قالدى بۇ يەردە.)
– ھازىر نۇرغۇن خۇيمىن يەۋېرىدۇ، مەنمۇ سوراپ ئولتۇرامتىم.
***********************
بولدىلا قۇرۇق تالاش تارتىشلار مۇشۇ يەردە ئاياغلاسسۇن. ئىشقىلىپ، ئۆمرۈمدە يەپ باقمىغان گۆشنى بۈگۈن يېۋالدىم. ئىچىمدە شۇنداق قەسەم قىلىپ كەتتىمكى ئۆلۈپ قالساممۇ بازاردىن تاماق يېمەسمىنا……
********************
پەستە بىر پارچە رەسىم قىستۇردۇم.
ئەينى ۋاقتتا ئاچچىقتا رەسىمگە تارتىۋېلىش ئەقلىمگە كەلمەپتۇ. بۈگۈن گۇگولدىن ئىزدەپ،،،، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان مۇھەممەد دەپ خېتى بار ۋىۋىسكىدىن بىرنى تاپتىم. دىققەت قىلىڭلار. مۇھەممەد دىگەنلىك ‹مۇسۇلمان› دىگەنلىك ئەمەس.

ئەگەر يانفوندا دائىم تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەشكە مۇھتاج بولسىڭىز Yol.la تورى تامامەن ھاجىتىڭىزدىن چىقىدىكەن. www.yol.la ئادرېسنى يانفون توركۆرگۈچىنىڭ ئادرېس يېزىش ئورنىغا يازىپ كىرسىڭىزلا ئاپتوماتىك ھالدا يانفون ئىزدەش بېتىنى ئاچىدىكەن. ULY دا. ئىزدەش نەتىجىسىنى ھەم ULY دا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بىردىن-بىر يېڭىچە ئۇسۇلدا يانفوندا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەشنى ھەل قىلغان توربېكەت.
  ئەلۋەتتە ئىزدەش بېتىدە كۆرۈنىدىغان ئېلانلار ئىزدەش نەتىجىسىدىن كۆپرەك تۇرامدۇ نىمە !
كومپيوتېردا www.yol.la
يانفوندا yol.la
ئەگەر يانفون تونۇمىسا: yol.la/wap